10 يەھۇدىيەنىڭ يېتەكچىلىرى خۇددى پاسىل تاشلىرىنى يۆتكىۋېتىدىغان ئادەملەرگە ئوخشايدۇ، شۇڭا غەزىپىم خۇددى كەلكۈندەك ئۇلارنىڭ ئۈستىگە باستۇرۇپ كېلىدۇ.
_ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەرگەن زېمىندا قوشناڭلارنىڭ پاسىل تېشىنى يۆتكىمەڭلار، چۈنكى ئۇنى ئەجدادلىرىڭلار تىكلىگەندۇر.
شۇڭا دۇئا قىلسۇن ساڭا، تەقۋادارلار پۇرسىتىنىڭ بارىدا. دېڭىز-ئوكيان تاشقىن بولۇپ تاشسىمۇ ناۋادا، شۈبھىسىزكى، تاشقىنلىرى يېتىپ بارالماس ئۇلارغا.
«قوشنىلىرىنىڭ پاسىل تاشلىرىنى يۆتكىگەنلەر قارغىشقا قالىدۇ!» پۈتۈن خەلق: «ئامىن!» دېسۇن.
لېكىن، سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، ئەمەل قىلمايدىغانلار ئۇل قۇرماي قۇرۇق يەرنىڭ ئۈستىگە ئىمارەت سالغان كىشىگە ئوخشايدۇ. بۇنداق ئىمارەت كەلكۈننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ھامان ئۆرۈلۈپ، پۈتۈنلەي گۇمران بولىدۇ.
ئۇنداق ئىمارەت بوران، يامغۇر ۋە كەلكۈننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا ئۆرۈلۈپ كېتىدۇ، ئۆرۈلگەندىمۇ ئىنتايىن پاجىئەلىك ئۆرۈلىدۇ!
سىلەرگە ئەمدى غەزىپىمنى ياغدۇرۇپ، ئاچچىقىمنى چىقىرىمەن. سىلەرنى گۇناھىڭلار سەۋەبلىك سوراققا تارتىمەن ۋە يىرگىنچلىك قىلمىشىڭلار ئۈچۈن جازالايمەن.
يۆتكىمە قەدىمدە ئەجدادىڭ بەلگىلەپ قويغان پاسىلنى.
توسمىدىكى سۇ تاشقاندەكتۇر جېدەلنىڭ باشلىنىشى، شۇڭا جېدەل ئەۋجىگە چىقىشتىن ئاۋۋال توختات ئۇنى.
كەلكۈن كەبى ئۇلار مېنى ئېلىۋالدى قوينىغا، چۈشۈپ قالدىم مەن ئۇلارنىڭ قورشاۋىغا.
غەزىپىڭنى ئۇلارغا چۈشۈرگەيسەن، قەھرىڭنىڭ ئوتىدا كۆيدۈرگەيسەن.
ئەمەلدارلىرىڭ خۇدا بىلەن قارشىلاشتى. ئوغرى-قاراقچىلار ئۇلارنىڭ ھەمراھى بولدى. ھەممىسى پارا ئېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، سوۋغاتنىڭ كەينىدىن چاپىدۇ. ئۇلار يېتىم-يېسىرلەرنى قوغدىمايدۇ، تۇل ئاياللارنىڭ ئەرزىنى ئاڭلىمايدۇ.
كۈمۈش ئوچاقتا ئېرىپ كەتكەندەك، سىلەرمۇ شەھەردە غەزەپ ئوتۇمدا ئېرىپ كېتىسىلەر. شۇندىلا سىلەر ئۈستۈڭلارغا غەزەپ ئوتىنى چاچقۇچىنىڭ مەن پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر.»