ھوشىيا 5:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي روھانىيلار، ئاڭلاڭلار! ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار! ئەي پادىشاھ جەمەتى، دىققەت قىلىڭلار! سىلەرگە قارشى ھۆكۈم چۈشۈۋاتىدۇ. چۈنكى بۇتپەرەسلىكىڭلار خەلققە مىزپاھتا قىلتاق، تابور تېغىدا تور بولدى. Gade chapit la |
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي روھانىيلار، بۇ سىلەرگە بېرىلگەن ئەمر. ئەگەر سۆزۈمگە قۇلاق سالمىساڭلار ۋە نامىمنى ھۆرمەتلەشنى چىن قەلبىڭلارغا پۈكمىسەڭلار، مەن سىلەرگە قارغىش ياغدۇرىمەن. قارغىش ئامىتىڭلارنى ئاپەتكە ئايلاندۇرىدۇ. دەرۋەقە شۇنداق قىلدىم، چۈنكى سىلەر نامىمنى ھۆرمەتلەشنى چىن قەلبىڭلارغا پۈكمىدىڭلار.
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئوغۇل ئاتىسىنى، چاكار خوجايىنىنى ھۆرمەت قىلار. ئەگەر مەن بىر ئاتا بولسام، قېنى ماڭا بولغان ھۆرمەت؟ ئەگەر مەن بىر خوجايىن بولسام، قېنى ماڭا بولغان ئىتائەتمەنلىك؟ سىلەر روھانىيلار مېنىڭ نامىمنى دەپسەندە قىلدىڭلار، ئەمما سىلەر ‹قانداق دەپسەندە قىلدۇق؟› دەپ سورايسىلەر.