3 شۇڭا بۇ زېمىن ھازا تۇتماقتا. بۇ زېمىندا ياشايدىغان بارلىق خەلق ئاجىزلىشىدۇ. دالادىكى ياۋايى ھايۋانلار، ئاسماندىكى قۇشلار، ھەتتا دېڭىزدىكى بېلىقلارمۇ يوقايدۇ.
ئىنسانلارنى، ھايۋانلارنى، ئاسماندىكى قۇشلارنى، دېڭىزدىكى بېلىقلارنى ھالاك قىلىمەن. رەزىللەرنى يوقىتىمەن، يەر يۈزىدىن ئىنسانلارنى يوق قىلىمەن. بۇنى مەن پەرۋەردىگار جاكارلىدىم.
ئۇ دېڭىزغا: «قۇرۇپ كەت» دەپ ئەمر قىلسا، دېڭىز قۇرۇپ كېتىدۇ، ئۇ بارلىق دەريالارنىمۇ قۇرۇتۇۋېتىدۇ. باشاننىڭ ياپيېشىل يايلاقلىرى ۋە كارمەل تېغىدىكى بۈك-باراقسان ئورمانلىقلار قۇرۇپ قاقشال بولىدۇ، لىۋان تاغلىرىدىكى گۈللەر توزۇيدۇ.
ئىگىمىز، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «ھەربىر شەھەر مەيدانلىرىدىن نالە-پەرياد، ھەربىر كوچىدىن يىغا-زار كۆتۈرۈلىدۇ. دېھقانلار ھازا تۇتۇشقا، مەرسىيەچىلەر يىغلاشقا چاقىرتىلىدۇ.
دېڭىزدىكى بېلىقلار، ئاسماندىكى قۇشلار، يەر يۈزىدىكى ياۋايى ھايۋانلار، ئۆمىلىگۈچى جانلىقلار ۋە ئىنسانلار ئالدىمدا غال-غال تىترەيدۇ. تاغلار غۇلايدۇ، قىيالار يېرىلىدۇ، سېپىللار ئۆرۈلىدۇ.
قاچانغىچە زېمىنىمىز قۇرغاقلىشىپ، دالالاردىكى ئوت-چۆپلەر قۇرۇپ كېتىدۇ؟ بۇ زېمىندا ياشايدىغانلارنىڭ رەزىللىكى تۈپەيلىدىن، ھايۋانلار ۋە قۇشلار ئۆلۈپ كېتىۋاتىدۇ. لېكىن بۇ كىشىلەر: «بىزنىڭ قىلغانلىرىمىزنى خۇدا كۆرمەيدۇ» دەيدۇ.
مەن تۆت ئەتراپقا قارىدىم، ئادەم يوق ئىدى، ئاسماندىكى جىمى قۇشلار ئۇچۇپ كەتكەنىدى.
شۇ سەۋەبتىن زېمىن تەۋرەيدۇ، زېمىندىكى بارلىق ئىنسانلار ھازا تۇتىدۇ. پۈتۈن زېمىن مىسىردىكى نىل دەرياسىدەك لەرزىگە كېلىپ، بىر ئۆرلەپ، بىر پەسلەيدۇ.»
ئاموس مۇنداق دېدى: «ھۆركىرەر پەرۋەردىگار سىئون تېغىدىن، ياڭرار ئۇنىڭ ئاۋازى يېرۇسالېمدىن. قۇرۇپ كېتەر پادىچىلارنىڭ يايلاقلىرى، قۇرۇپ كېتەر كارمەل تېغىنىڭ چوققىسى.»
زېمىن قۇرۇپ، قاغجىراپ قالىدۇ، لىۋاندىكى ئورمانلىقلار قۇرۇپ، قاقشال بولۇپ قالىدۇ، شارون تۈزلەڭلىكى چۆللۈككە ئايلىنىدۇ، باشان تۈزلەڭلىكىدىكى، كارمەل تېغىدىكى دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى تۆكۈلۈپ كېتىدۇ.
مەن مۇنداق دېدىم: «تاغلار ئۈچۈن نالە قىلىپ ياش تۆكىمەن. مەن كەڭ كەتكەن يايلاقلار ئۈچۈن ماتەم تۇتىمەن. ئۇلار ۋەيران بولغانلىقىدىن ھېچكىم ئۇ يەرلەردىن ئۆتمەيدۇ. كالىلارنىڭ مۆرەشلىرى ئاڭلانمايدۇ. ھەتتا ئاسماندا ئۇچۇۋاتقان قۇشلار ۋە دالالاردىكى ياۋايى ھايۋانلارمۇ قېچىپ كېتىدۇ.»
بۇ زېمىن خۇداغا ساداقەتسىز كىشىلەر بىلەن تولدى، ئۇلار ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ، رەزىللىك بىلەن ياشىدى. خۇدانىڭ لەنىتىدىن زېمىن ھەسرەتلەندى، ئوتلاقلار قۇرۇپ كەتتى.
چارۋا ماللار ئاچلىقتىن نالە قىلماقتا، كالا پادىلىرى ئوت تاپالماي، ھەر تەرەپكە قاترىماقتا، قوي پادىلىرىمۇ قىينالماقتا.
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن بۇ قارغىشنى ئەۋەتتىم. ئۇ ئوغرىنىڭ ئۆيىگە ۋە مېنىڭ نامىم بىلەن ساختا قەسەم قىلغانلارنىڭ ئۆيىگە چۈشىدۇ. ئاندىن ئۇ شۇ ئۆيلەردە ماكانلىشىپ، ئۇلارنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىدۇ، ئۆيلىرىنىڭ بىر دانە تاش، بىر تال ياغىچىمۇ قالمايدۇ.»
شۇڭا مەن پەرۋەردىگار ئېيتىمەنكى، ئۇلارنى مۇشۇ رەزىل قىلمىشلىرى ئۈچۈن جازالايمەن. مۇشۇنداق بىر خەلقتىن قىساس ئالمامدىمەن؟»