Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ھوشىيا 4:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 سىلەر باشقىلارنى قارغايسىلەر، يالغان سۆزلەيسىلەر، قاتىللىق، ئوغرىلىق ۋە زىنا قىلىسىلەر. قان ئۈستىگە قان تۆكىسىلەر، گۇناھلىرىڭلارنىڭ چېكى يوقتۇر.

Gade chapit la Kopi




ھوشىيا 4:2
42 Referans Kwoze  

روھانىيلار خۇددى قاراقچىلاردەك كۈتۈپ تۇرىدۇ. شەكەمگە ماڭغانلارنى ئۆلتۈرۈپ، جىنايەت سادىر قىلىدۇ.


بۇرۇن يەھۇدىيلارنىڭ ئەجدادلىرى پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرگەن، كېيىن ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى رەببىمىز ئەيسانى ئۆلتۈردى. ھازىر يەنىلا بەزى يەھۇدىيلار بىزگىمۇ زۇلۇم سېلىپ، بىزنى بىز خۇش خەۋەر تارقىتىۋاتقان شەھەرلەردىن قوغلاپ چىقاردى. ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلمىشلىرى خۇدانىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدۇ. ئۇلار خۇددى پۈتكۈل ئىنسانلار بىلەن دۈشمەنلەشكەندەك، بىزنىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ قۇتقۇزۇلۇشقا ئېرىشىشى ئۈچۈن ئۇلارغا بۇ خۇش خەۋەرنى تارقىتىشىمىزغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار گۇناھلىرىنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىپ، چېكىگە يەتكۈزمەكتە. شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدانىڭ غەزىپى ئەمدى ئۇلارغا چۈشۈش ئالدىدا تۇرىدۇ.


سەمىمىي ئادەملەر ئۆلۈپ تۈگىدى. زېمىندا دۇرۇس ئادەم قالمىدى. ھەممە ئادەم قان تۆكىمەن دەپ، بىر-بىرىنى پايلاپ تۇرۇشىدۇ. ھەتتا قېرىنداشلىرىغىمۇ تۇزاق قۇرىدۇ.


ئىسرائىلىيەلىكلەرنى داۋالىماقچى بولغىنىمدا، ئەفرايىمنىڭ گۇناھلىرى، سامارىيەنىڭ رەزىللىكلىرى ئاشكارىلىنىپ قالدى. ئۇلار ئالدامچىلىق قىلىدۇ. ئۆيلەرگە ئوغرىلىققا كىرىدۇ، كوچىلاردا قاراقچىلىق قىلىدۇ.


قۇدۇقتىن توختىماي سۇ چىققاندەك، بۇ شەھەردىنمۇ توختىماي رەزىللىك چىقىپ تۇرىدۇ. زوراۋانلىق ۋە ۋەيرانچىلىقنىڭ ئەكس سادالىرى شەھەرنىڭ ھەممە يەرلىرىدە ئاڭلانماقتا. مەن كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى كېسەل ۋە يارىدار كىشىلەردۇر.


مەن ئايالنىڭ خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى، يەنى ئەيساغا گۇۋاھلىق بېرىپ قۇربان بولغانلارنىڭ قېنى بىلەن مەست بولغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھەيران بولدۇم.


سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار زىيانكەشلىك قىلمىغان بىرەر پەيغەمبەر بارمۇ-ھە؟! ئۇلار «خۇدانىڭ ئادالەتچىسى» بولغان ھەزرىتى ئەيسانىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئالدىن جاكارلىغانلارنىمۇ ئۆلتۈرۈشكەن. ئەمدى ئۇ ئۆزى كەلگەندە، سىلەر ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلىپ، ئۇنىمۇ ئۆلتۈردۈڭلار.


شۇنداق قىلىپ، بىگۇناھ ھابىلنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدىن تارتىپ تاكى بەرەكيانىڭ ئوغلى روھانىي زەكەرىيانىڭ مەركىزىي ئىبادەتخانىدىكى مۇقەددەس جاي بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئارىلىقىدا ئۆلتۈرۈلۈشىگىچە بولغان ھەممە بىگۇناھلارنىڭ يەر يۈزىدە ئېقىتىلغان قان قەرزلىرىگە جاۋاب بېرىسىلەر.


_ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: «سىلەر ھۆكۈمدە ئادىل بولۇپ، بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت ۋە رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىڭلار.


ئاندىن ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: _ بۇ يازمىغا پۈتۈن دۇنيانى قارغايدىغان قارغىش سۆزلەر پۈتۈلگەندۇر. بىر يۈزىگە ئوغرىلىق قىلغانلارنىڭ يوقىتىلىشى ھەققىدىكى قارغىشلار، يەنە بىر يۈزىگە ساختا قەسەم قىلغانلارنىڭ ۋەيران قىلىنىشى ھەققىدىكى قارغىشلار پۈتۈلگەندۇر.


ئاسىيلىققا، چىرىكلىككە ۋە زۇلۇمغا تولغان يېرۇسالېمنىڭ ھالىغا ۋاي!


مەن رەزىللەرنىڭ ئۆيىدىكى ھارام بايلىقلارغا يەنە كۆز يۇمارمەنمۇ؟ ئۇلارنىڭ ساختا گىر تاشلىرى لەنەتلەنگەندۇر.


ئەي ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ يېتەكچىلىرى، ئىسرائىل خەلقىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى، سۆزۈمنى ئاڭلاڭلار! سىلەر ئادالەتنى ئۆچ كۆرىسىلەر، ھەقىقەتنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىسىلەر.


سىلەر ياخشىلىقتىن نەپرەتلىنىسىلەر، رەزىللىكنى ياخشى كۆرىسىلەر. خەلقىمنىڭ تېرىسىنى تەتۈر سويىسىلەر، گۆشىنى شىلىسىلەر.


لېكىن ئىسرائىلىيە خەلقى پەرۋەردىگارنى قاتتىق رەنجىتتى. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئىگىسى بولغان پەرۋەردىگار ئۇلاردىن قانغا قان ئالىدۇ، خورلۇقنى خورلۇق بىلەن قايتۇرىدۇ.


ھەقىقەتەن پادىشاھلار يالغان گەپ قىلىدۇ، يالغان قەسەم قىلىدۇ، يالغاندىن ئىتتىپاق تۈزىدۇ. شۇڭا ئېتىزلاردا زەھەرلىك چۆپلەر كۆپىيىپ كەتكەندەك، دەۋالارمۇ كۆپىيىپ كەتتى.


ئۇلار رەزىللىكلىرى بىلەن پادىشاھنى، يالغانچىلىقلىرى بىلەن ئەمەلدارلارنى خۇش قىلىدۇ.


ئاسىيلار قىرغىنچىلىققا تېخىمۇ بېرىلىپ كەتتى. لېكىن مەن ھەممىڭلارنى جازالايمەن.


لېكىن بۇنداق ئىش ھەقىقەتەن يۈز بەردى. چۈنكى گۇناھ قىلدى يېرۇسالېمنىڭ پەيغەمبەرلىرى، ھەققانىيلارنىڭ قېنىنى تۆكتى شەھەردە روھانىيلىرى.


سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار! ئەي ياقۇپ جەمەتى، ئىسرائىل نامى بىلەن ئاتالغانلار، يەھۇدا ئەۋلادىدىن بولغانلار، سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىسىلەر، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانى ئېغىزىڭلاردىن چۈشۈرمەيسىلەر، لېكىن ئۇنى چىن دىلىڭلاردىن، سەمىمىيەتلىك بىلەن قىلمايسىلەر.


كىشىلەر پەرۋەردىگارنىڭ تەلىمىگە بويسۇنمىغانلىقتىن، ئۇلار ئۇنىڭ پەرمانلىرىدىن يۈز ئۆرۈگەنلىكتىن، ئۇنىڭ بىلەن بولغان مەڭگۈلۈك ئەھدىنى بۇزغانلىقتىن، يەر يۈزى بۇلغىنىپ كېتىدۇ.


كېيىن قابىل ئىنىسى ھابىلغا: _ يۈر، دالادا سەيلە قىلىپ كېلەيلى! _ دېدى. ئۇلار دالادىكى ۋاقتىدا، قابىل ئىنىسىغا قول سېلىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتى.


نامىمنى قالايمىقان تىلغا ئالماڭلار. كىمدەكىم نامىمنى قالايمىقان تىلغا ئالسا، مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۇنى چوقۇم جازالايمەن.


ئوغرىلىق قىلماڭلار.


چۈنكى بابىلنىڭ زېمىنى ماڭا، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇداغا قارشى سادىر قىلىنغان گۇناھلار بىلەن تولدى. مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەدىن ۋاز كەچمەيمەن.


خەلقىمگە زەنجىرلەر تەييارلانسۇن. بۇ زېمىن قاتىللىققا تولدى، شەھەرنى زوراۋانلىق قاپلىدى.


گىلئاد رەزىللىككە تولغان، قانغا مىلەنگەن شەھەردۇر.


ئۇلارنىڭ ھەممىسى زىناخور بولۇپ، ئۇلار خۇددى تونۇردىكى يالقۇنجاپ تۇرغان ئوتقا ئوخشايدۇ. خېمىر يۇغۇرۇلۇپ، ئېچىپ تەييار بولغۇچە، ناۋاينىڭ تونۇرغا يەنە ئوت سېلىشى كېرەك بولمايدۇ.


لېكىن سىلەر رەزىللىك تېرىپ، ئادالەتسىزلىكتىن ھوسۇل ئالدىڭلار، يالغانچىلىقنىڭ مېۋىسىنى يېدىڭلار. سىلەر ئۆزۈڭلار ئىشەنگەن يولۇڭلاردا ماڭدىڭلار ۋە لەشكەرلىرىڭلارنىڭ كۆپلۈكىگە ئىشەندىڭلار.


ئىسرائىلىيە خەلقى يالغانچىلىقى ۋە ھىيلىگەرلىكى بىلەن مېنى قورشىۋالدى. يەھۇدىيە خەلقىمۇ خۇداغا، يەنى ئىشەنچلىك ۋە مۇقەددەس خۇداغا ئىتائەت قىلمايدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite