Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ھوشىيا 4:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

18 ئۇلار ئەيش-ئىشرەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن، بۇزۇقچىلىق قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ يېتەكچىلىرى نومۇسسىزلىققا ھەۋەس قىلىدۇ.

Gade chapit la Kopi




ھوشىيا 4:18
18 Referans Kwoze  

شەھەردىكى يېتەكچىلەر پارا ئېلىپ، ھۆكۈم چىقىرىدۇ. روھانىيلار بەرگەن تەلىمى ئۈچۈن ھەق ئالىدۇ. ساختا پەيغەمبەرلەر پۇل ئۈچۈن پال ئاچىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمىنى كۈتۈپ: «پەرۋەردىگار ئارىمىزدا، بېشىمىزغا ئاپەت كەلمەيدۇ» دەيدۇ.


ئۇلارنىڭ قوللىرى رەزىللىك قىلىشقا ئۇستىدۇر. ئەمەلدار ۋە سوتچىلار پارىخوردۇر. ھوقۇقدارلار خالىغىنىنى قىلىدۇ، ھەممىسى تىل بىرىكتۈرۈپ، ئېغىز بۇرۇن يالىشىدۇ.


قىلمىشىڭلارنىڭ كۆپلۈكىنى، گۇناھىڭلارنىڭ چەكسىزلىكىنى بىلىمەن. سىلەر بىگۇناھلارغا زۇلۇم قىلىپ، پارا ئالىسىلەر، شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا نامراتلارغا ئادالەتسىزلىك قىلىسىلەر.


سىلەر يېسەڭلارمۇ تويمايسىلەر، بۇتخانىلاردا زىنا قىلساڭلارمۇ، سانىڭلار كۆپەيمەيدۇ. چۈنكى سىلەر مەن پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈپ، بۇتلارغا چوقۇندۇڭلار.


سىلەر باشقىلارنى قارغايسىلەر، يالغان سۆزلەيسىلەر، قاتىللىق، ئوغرىلىق ۋە زىنا قىلىسىلەر. قان ئۈستىگە قان تۆكىسىلەر، گۇناھلىرىڭلارنىڭ چېكى يوقتۇر.


مەن سىلەرنى ئەلا كۆچەتتەك تىككەنىدىم، سىلەر ئەڭ ياخشى ئۇرۇقتىن ئۆسكەنىدىڭلار. نېمە ئۈچۈن سىلەر ھېچنېمىگە يارىمايدىغان ياۋا ئۈزۈم تېلىغا ئايلىنىپ قالدىڭلار؟


يىغىلىپ جاھاندىكى ئەللەرنىڭ ھۆكۈمدارلىرى، قوشۇلىدۇ ئىبراھىم ئېتىقاد قىلغان خۇدانىڭ خەلقىگە، بەرھەق، خۇداغا تەۋەدۇر پۈتكۈل جاھاننىڭ پادىشاھلىرى، ئەڭ ئالىي ھۆكۈمراندۇر پەرۋەردىگار، جاھان ئەھلى ئۇلۇغلار ئۇنى.


ئۇلار ئاتىسىنىڭ يولىنى تۇتماي، مال-دۇنيا قوغلىشىپ، پارا ئېلىپ، ئەرز-دەۋالار ئۈستىدىن ناھەق ھۆكۈم چىقىراتتى.


يۈز ئاياپ قانۇننى بۇزمىسۇن، يان باسمىسۇن، پارا ئالمىسۇن. چۈنكى پارا دانالارنىڭ ئەقىل كۆزىنى خىرەلەشتۈرۈپ، ھەق-ناھەقنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىدۇ.


پارا ئالماڭلار، چۈنكى پارا ئەقىل كۆزۈڭلارنى خىرەلەشتۈرۈپ، ھەق-ناھەقنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىدۇ.


تەخمىنەن ئۈچ ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، بىرەيلەن يەھۇداغا: _ كېلىنىڭ تامار بۇزۇقچىلىق قىلىپ، ھامىلىدار بولۇپ قاپتۇ، _ دېدى. _ ئۇنى ئەكېلىپ ئوتتا كۆيدۈرۈڭلار! _ دېدى يەھۇدا.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن دەسلەپ ئىسرائىللارنى تاپقاندا، خۇددى چۆللۈكتە ئۈزۈم تاپقاندەك بولغانىدىم، ئەجدادلىرىڭلارنى بىرىنچى قېتىم كۆرگەندە، خۇددى ئەنجۈر دەرىخىدىكى تۇنجى پىشقان ئەنجۈرلەرنى كۆرگەندەك بولغانىدىم. لېكىن ئۇلار بائال-پىئورغا كەلگەندە، ئۆزلىرىنى ئادەمنى نومۇس قىلدۇرىدىغان بۇتقا بېغىشلاشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرى ياخشى كۆرگەن ئاشۇ بۇتقا ئوخشاش يىرگىنچلىك بولۇپ قالدى.


لېكىن سەن ئۆزۈڭنىڭ گۈزەللىكىگە ئىشىنىپ ۋە شۆھرىتىڭدىن پايدىلىنىپ، پاھىشىلىك قىلدىڭ. يولدىن ئۆتكەن ھەرقانداق كىشىلەر بىلەن زىنا قىلدىڭ. گۈزەللىكىڭدىن ئۇلارنى بەھرىمەن قىلدىڭ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite