Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ھوشىيا 4:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

14 لېكىن مەن پاھىشە قىزلىرىنى جازالىمايمەن، زىناخور كېلىنلىرىنى ئەدەپلىمەيمەن. چۈنكى ئەرلەرمۇ پاھىشىلەر بىلەن بىرگە بولىدۇ، بۇتخانىدىكى پاھىشىلەر بىلەن بىرلىكتە قۇربانلىق سۇنىدۇ، نادان خەلق ھامىنى ھالاك بولىدۇ.

Gade chapit la Kopi




ھوشىيا 4:14
23 Referans Kwoze  

ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار! ئۇ سىلەرنى، يەنى بۇ زېمىندا ياشاۋاتقانلارنى ئەيىبلەيدۇ. بۇ زېمىندا ياشاۋاتقان كىشىلەر ساداقەتسىز ۋە مېھىر-مۇھەببەتسىزدۇر، ئۇلار خۇدانى تونۇمايدۇ.


شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ھەممىسى خۇدا تەرىپىدىن تەربىيىلىنىدۇ. ئەگەر خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى ئالىدىغان تەربىيىدىن مەھرۇم بولساڭلار، ھەقىقىي پەرزەنتكە ئەمەس، بەلكى ئاتا تەربىيىسى كۆرمىگەن ھارامدىن بولغان پەرزەنتكە ئوخشاپ قالىسىلەر.


ئۇلار خۇداغا تەرسالىق قىلىپ، خۇدا ھەققىدە بىلىمسىز قالدى. نەتىجىدە، قەلبى قاراڭغۇلۇقتا قېلىپ، خۇدا ئاتا قىلغان ھاياتلىقتىن مەھرۇم قالدى.


پاھىشە ئايال بىلەن بىرگە بولغان كىشىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىر تەن بولىدىغانلىقىنى بىلمەمسىلەر؟ چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا ئەر-ئايال توغرۇلۇق: «ئىككىسى بىر تەن بولىدۇ» دېيىلگەن.


ھەق-ناھەقنى چۈشىنىدىغىنىمۇ يوقتۇر. خۇدانى ئىزدەيدىغىنىمۇ ھەم.


سۆزلىرىمنى نېمىشقا چۈشەنمەيسىلەر؟ ئېنىقكى، مېنىڭ تەلىمىم قۇلىقىڭلارغا ياقمايۋاتىدۇ!


دانالار بۇ ئىشلارنى چۈشەنسۇن، ئەقلى بارلار بۇ ئىشلارنى بىلىپ يەتسۇن. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ يولى ھەق يولدۇر. ھەققانىيلار بۇ يولدا ماڭار، گۇناھكارلار ئۇنىڭدا پۇتلىشىپ يىقىلار.


ئىسرائىلىيەلىكلەر بۇتقا مەستانە بولۇپ كەتتى، ئۇلار ئۆز يولىدا مېڭىۋەرسۇن.


بۇ ئازابلار ئارقىلىق نۇرغۇن كىشىلەر تاۋلىنىدۇ، پاكلىنىدۇ ۋە قۇسۇرسىز بولىدۇ. يامانلار چۈشەنمەي، يامانلىق قىلىۋېرىدۇ، پەقەت دانالار چۈشىنىدۇ.


بۇ ئىتلار ئاچ كۆزدۇر، تويۇشنى بىلمەيدۇ. بۇلار ھېچنېمىنى چۈشەنمەيدىغان پادىچىلار، ھەر كىم ئۆز پايدىسى ئۈچۈن ئۆز يوللىرىغا راۋان بولىدۇ.


نېمىدېگەن تاياق قېپى خەلقسىلەر؟ نېمە ئۈچۈن قارشىلىشىشنى توختاتمايسىلەر؟ باشلار يارىلانغان، يۈرەكلەر مادارىدىن كەتكەن.


چۈشەنمەس رەزىللەر ئادالەتنى، تولۇق چۈشىنەر پەرۋەردىگارغا تەلپۈنگۈچىلەر ئۇنى.


ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ئەر ۋە ئايال پاھىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىنى چاقتۇردى. ئاياللار بۇ ئۆيلەردە ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرى ئۈچۈن لىباس توقۇغانىدى.


ئۇ سەجدىگاھلاردىكى ئەر ۋە ئايال پاھىشىلەرنى زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، ئاتا-بوۋىلىرى ياساتقان بۇتلارنى پۈتۈنلەي ئېلىپ تاشلىدى.


ئىسرائىللاردىن بولغان ئەر ۋە ئاياللار بۇتخانىدا پاھىشىۋازلىق قىلمىسۇن.


ئۇلارنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى ئۇلارنىڭ مېنىڭ يولۇمغا قايتىشىغا توسالغۇ بولماقتا. ساداقەتسىزلىك ئۇلارنىڭ قەلبىنى ئىگىلىگەندۇر. ئۇلار مەن پەرۋەردىگارنى تونۇمايدۇ.


ئۇلار ئاجىزلارنى خۇددى كوچىدىكى توپىنى دەسسىگەندەك دەسسىدى. يوقسۇللارغا ئادالەتسىزلىك قىلدى. ئاتا بىلەن ئوغۇل ئوخشاش بىر ئايال بىلەن زىنا قىلىپ، مۇقەددەس نامىمنى بۇلغىدى.


ئەي ئامازيا، پەرۋەردىگار ساڭا مۇنداق دەيدۇ: «ئايالىڭ شەھەردە پاھىشە بولىدۇ، ئوغۇل-قىزلىرىڭ قىلىچ ئاستىدا ھالاك بولىدۇ. زېمىنىڭ باشقىلارغا بۆلۈپ بېرىلىدۇ، ئۆزۈڭ ياقا يۇرتتا ئۆلىسەن. ئىسرائىلىيە خەلقى ئۆز زېمىنىدىن سۈرگۈن قىلىنىدۇ.»


نەتىجىدە ئىسرائىللار پىئورنىڭ ئىلاھى بائالغا باغلىنىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى كېلىپ،


شاخ-شۇمبىلار سۇنۇپ، قۇرۇپ قاقشال بولغاندا، ئاياللار تېرىپ ئەكېلىپ ئوتۇن قىلىدۇ. بۇ خەلق ھېچنېمىنى چۈشەنمەيدۇ، شۇڭا ياراتقۇچى ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ ئولتۇرمايدۇ، ئۇلارنى ئاپىرىدە قىلغۇچى ئۇلارغا شاپائەت قىلمايدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite