Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ھوشىيا 4:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 ئۇلار تاغلاردا بۇتلارغا قۇربانلىق سۇنىدۇ، تۆپىلىكلەردە كۈجە كۆيدۈرىدۇ. ئادەمگە ھۇزۇر بېرىدىغان دەرەخلەرنىڭ سايىسىدا، يەنى دۇپ، تېرەك ۋە پىستە دەرەخلىرىنىڭ ئاستىدا شۇنداق قىلىشىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ قىزلىرىمۇ ئۇ يەردە پاھىشىلىك قىلىدۇ، كېلىنلىرىمۇ زىنا قىلىدۇ.

Gade chapit la Kopi




ھوشىيا 4:13
20 Referans Kwoze  

سىلەر ياخشى كۆرگەن دۇپ دەرەخلىكىدىكى بۇتپەرەسلىكىڭلار سەۋەبىدىن نومۇسقا قالىسىلەر، سىلەر بۇتلارغا تولغان باغلارنى چوقۇنىدىغان جاي قىلىپ تاللىغانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن شەرمەندە بولىسىلەر.


ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ بۇتلىرى ۋە قۇربانلىق سۇپىلىرى ئەتراپىدا، ئېگىزلىكلەردە، تاغ چوققىلىرىدا، ھەربىر بۈك-باراقسان دەرەخلەرنىڭ ۋە پىستە دەرەخلىرىنىڭ ئاستىدا، شۇنداقلا بۇتلىرىغا خۇش پۇراقلىق قۇربانلىقلار سۇنغان ھەر يەردە قالىدۇ. شۇ چاغدا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.


يەھۇدىيە پادىشاھى يوشىيا دەۋرىدە پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئىسرائىلىيەنىڭ قانچىلىك ساداقەتسىزلىكىنى كۆردۈڭمۇ؟ خۇددى ساداقەتسىز ئايالغا ئوخشاش، ئۇلار ئېگىز تاغلاردا ۋە بۈك-باراقسان دەرەخلەرنىڭ ئاستىدا بۇت ئىلاھلارغا چوقۇندى.


ئەي ئامازيا، پەرۋەردىگار ساڭا مۇنداق دەيدۇ: «ئايالىڭ شەھەردە پاھىشە بولىدۇ، ئوغۇل-قىزلىرىڭ قىلىچ ئاستىدا ھالاك بولىدۇ. زېمىنىڭ باشقىلارغا بۆلۈپ بېرىلىدۇ، ئۆزۈڭ ياقا يۇرتتا ئۆلىسەن. ئىسرائىلىيە خەلقى ئۆز زېمىنىدىن سۈرگۈن قىلىنىدۇ.»


مەن خەلقىمنى قانچە چاقىرغانچە، ئۇلار مەندىن شۇنچە يىراقلاشتى. بائالغا قۇربانلىق قىلىپ، بۇتلارغا كۈجە كۆيدۈردى.


ئۇ بۇت ئىلاھى بائالغا ئاتاپ كۈجە كۆيدۈرگەن كۈنلەر ئۈچۈن، ئۇنى جازالايمەن. ئۇ كۈنلەردە ئۇ ئۈزۈك ۋە زىبۇ-زىننەتلەرنى ئېسىپ، ئاشنىلىرىغا دۈم چۈشۈپ، مېنى ئۇنتۇدى. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


ھەربىر كوچىنىڭ ئىككى بېشىغا ئېگىز بۇتخانىلارنى سالدۇرۇپ، ئۆزۈڭنىڭ گۈزەللىكىنى دەپسەندە قىلدىڭ. سەن يولدىن ئۆتكەن ھەرقانداق كىشىنىڭ قۇچىقىغا ئۆزۈڭنى ئېتىپ، ئۇنىڭ بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلدىڭ.


سەن كىيىمىڭ بىلەن بۇتخانىنى چىرايلىق بېزەپ، ئۇ يەردە بۇزۇقچىلىق قىلدىڭ. بۇنداق ئىش يۈز بەرمەسلىكى كېرەك ئىدى!


ئەمما سىلەر چوقۇم گۇناھلىرىڭلار ئۈچۈن توۋا قىلىشىڭلار كېرەك. چۈنكى سىلەر مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاسىيلىق قىلدىڭلار. سىلەر ھەربىر بۈك-باراقسان ئۆسكەن دەرەخلەرنىڭ ئاستىدا ئۆزۈڭلارنى يات بۇتلارغا بېغىشلاپ، ئەمرلىرىمگە ئىتائەت قىلمىدىڭلار. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر!


ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان ھۆكۈمرانلىقىمدىن يۈز ئۆرۈپ، مەن پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلمىدىڭلار. سىلەر: ‹ساڭا ئېتىقاد قىلمايمىز› دېدىڭلار. سىلەر ئېگىز تاغلاردا ۋە بۈك-باراقسان دەرەخلەرنىڭ ئاستىدا خۇددى پاھىشە ئايالغا ئوخشاش ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، بۇتلارغا سەجدە قىلدىڭلار.


سىلەر ئېگىز تاغدا بۇزۇقچىلىق قىلىپ، ئۇ يەردە بۇتلىرىڭلارغا قۇربانلىقلارنى تەقدىم قىلىسىلەر.


سىلەر دۇپ دەرەخلىرى ئارىسىدا، ئارچىلار ئاستىدا بۇزۇقچىلىقىڭلار بىلەن يالغان ئىلاھىڭلارغا چوقۇنىسىلەر، تاغ جىلغىلىرىدا، قىيا تاشلار ئاستىدا ئۆز بالىلىرىڭلارنى قۇربانلىق قىلىسىلەر.


نېمە ئۈچۈن مىسىرغا كېلىپ، ئۆزۈڭلار ياسىۋالغان بۇت ئىلاھلارغا قۇربانلىقلارنى كۆيدۈرۈپ، غەزىپىمنى قوزغايسىلەر؟ سىلەر پەقەت ئۆزۈڭلارنى ئۆزۈڭلار ۋەيران قىلىسىلەر ھەمدە دۇنيادىكى بارلىق ئەللەر قارغايدىغان ۋە مەسخىرە قىلىدىغان نىشانغا ئايلىنىپ قالىسىلەر.


ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ گۇناھ سادىر قىلغان سەجدىگاھلىرى ۋەيران قىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى تىكەن ۋە ئازغان بېسىپ كېتىدۇ. ئىسرائىلىيەلىكلەر تاغلارغا: «بىزنى بېسىڭلار!»، ئېدىرلارغا: «ئۈستىمىزگە غۇلاڭلار» دەپ ئۆتۈنىدۇ.


بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىدىكى سەۋەب ئىسرائىللار ئۆزلىرىنى مىسىر پىرئەۋنى، يەنى پادىشاھىنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، مىسىردىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگار خۇدادىن يۈز ئۆرۈپ، باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ، گۇناھ ئۆتكۈزگەنىدى.


ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ئەر ۋە ئايال پاھىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىنى چاقتۇردى. ئاياللار بۇ ئۆيلەردە ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرى ئۈچۈن لىباس توقۇغانىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite