Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ھوشىيا 4:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 شارابخورلۇق خەلقىمنى ئەقىل-ئىدراكتىن مەھرۇم قىلىدۇ.

Gade chapit la Kopi




ھوشىيا 4:11
15 Referans Kwoze  

شاراب مەسخىرىچى، ھاراق جېدەل-ماجىراچى، ئەقىلسىزدۇر ھەربىر ھاراق-شاراب ئىچىپ ئازغۇچى.


- ھوشيار بولۇڭلار! ئۆزۈڭلارنى ئەيش-ئىشرەت ۋە تۇرمۇشنىڭ غەم-ئەندىشىلىرى بىلەن بىخۇدلاشتۇرماڭلار. قىيامەت كۈنى سىلەرگە گويا توساتتىن بېشىڭلارغا تاشلانغان توردەك كەلمىسۇن.


لېكىن، پەيغەمبەرلەر ۋە روھانىيلار شاراب بىلەن مەست بولىدۇ، ئۇلار كۈچلۈك شارابلارنى ئىچىپ، ئىرغاڭلاپ يۈرۈشىدۇ. ئۇلار شاراب بىلەن مەست بولۇپ، قايمۇقۇپ قالىدۇ. ئۇلار دەلدەڭشىپ يۈرۈشىدۇ. پەيغەمبەرلەر ئۆزلىرىگە كەلگەن ۋەھىيلەرنى چۈشىنەلمەيدۇ، روھانىيلار خاتا ھۆكۈملەرنى چىقىرىشىدۇ.


خەلقىم ياغاچ بۇتلاردىن مەسلىھەت، ياغاچ بۇيۇملاردىن تەلىم سورايدۇ. خەلقىمنىڭ بۇتقا چوقۇنۇپ شەھۋانىيلىق قىلىشى ئۇلارنى ئازدۇردى. ئۇلار ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلدى.


ئۇلارنىڭ زىياپەتلىرىدە شارابلار ئىچىلىپ، لىرا، چىلتار، داپ ۋە نەيلەر بىلەن نەغمە-ناۋا قىلىنىدۇ، بىراق پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغۋار ئىشلىرى ئۇلارنىڭ خىيالىغىمۇ كىرىپ چىقمايدۇ، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ قىلغان ئىشلىرىغا نەزەرمۇ سالمايدۇ.


قاقتى-سوقتى قىلىش دانالارنى نادان قىلىدۇ، پارا ئېلىش ئادەمنىڭ قەلبىنى بۇزىدۇ.


ئەمما ئۆزگىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلغۇچى، يوقتۇر ئەقلى، ھالاك قىلىدۇ ئۆز ئۆزىنى.


_ سەن ۋە ئوغۇللىرىڭ ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرىشتىن ئىلگىرى مەي ۋە شاراب ئىچمەڭلار، بولمىسا ھالاك بولىسىلەر. سىلەر بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىگە ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەمەل قىلىڭلار.


ئابىگال ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندە، نابال ئۆيىدە خۇددى پادىشاھتەك كاتتا زىياپەت ئۆتكۈزۈۋاتقان بولۇپ، ئۇ خۇشال ۋەمەست ئىدى. شۇڭا ئابىگال ئەتىسى تاڭ ئاتقۇچە ئۇنىڭغا ھېچنېمە دېمىدى.


ئەي لىمۇئېل، لايىق ئەمەس شاراب پادىشاھلارغا، ياراشماس مەيگە بېرىلىش ھۆكۈمدارغا.


ئىسرائىلىيە خەلقى خۇددى پاختەكتەك ئەقىلسىز ۋە دۆتتۇر. ئۇلار بىر دەم مىسىردىن ياردەم سورىسا، بىر دەم ئاسسۇرلارغا ئۇچىدۇ.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن سامارىيەدىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلار بائال ئىلاھىنىڭ نامىدا ۋەھىي يەتكۈزدى ۋە خەلقىم ئىسرائىللارنى ئازدۇردى.


ئۇلارنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى ئۇلارنىڭ مېنىڭ يولۇمغا قايتىشىغا توسالغۇ بولماقتا. ساداقەتسىزلىك ئۇلارنىڭ قەلبىنى ئىگىلىگەندۇر. ئۇلار مەن پەرۋەردىگارنى تونۇمايدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite