10 سىلەر يېسەڭلارمۇ تويمايسىلەر، بۇتخانىلاردا زىنا قىلساڭلارمۇ، سانىڭلار كۆپەيمەيدۇ. چۈنكى سىلەر مەن پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈپ، بۇتلارغا چوقۇندۇڭلار.
يېسەڭلارمۇ قورسىقىڭلار تويمايدۇ، يەنىلا ئاچ يۈرىسىلەر. بايلىق يىغىسىلەر، لېكىن يىغقان بايلىقىڭلارنى ساقلىيالمايسىلەر. يىغقىنىڭلارنى ئۇرۇشتا ۋەيران قىلىمەن.
سىلەرنى ئاش-نانغا زار قىلىمەن، ئۇ چاغدا ئون ئايالنىڭ يۇغۇرغان خېمىرى پەقەت بىر تونۇر نان بولىدۇ. ئاياللار ناننى ئۆلچەپ بېرىشىدۇ، يەيسىلەر، لېكىن تويمايسىلەر.
سىلەر كۆپ تېرىيسىلەر، لېكىن ئاز ھوسۇل ئالىسىلەر. يەيسىلەر، لېكىن تويمايسىلەر. سۇ ئىچىسىلەر، لېكىن يەنىلا چاڭقاپ تۇرىسىلەر. كىيىم كىيىسىلەر، لېكىن ئىسسىمايسىلەر. ئىش ھەققىڭلار خۇددى تۆشۈك ھەميانغا سېلىنغان پۇلدەك يوقاپ كېتىدۇ.
مەندىن يۈز ئۆرۈگەن، مېنى ئىزدىمىگەن، مەندىن مەسلىھەت سورىمىغانلارنى يوق قىلىمەن.»
لېكىن مەن پاھىشە قىزلىرىنى جازالىمايمەن، زىناخور كېلىنلىرىنى ئەدەپلىمەيمەن. چۈنكى ئەرلەرمۇ پاھىشىلەر بىلەن بىرگە بولىدۇ، بۇتخانىدىكى پاھىشىلەر بىلەن بىرلىكتە قۇربانلىق سۇنىدۇ، نادان خەلق ھامىنى ھالاك بولىدۇ.
ھەققانىي ئادەم ھەق يولىدىن يېنىپ، ئادالەتسىزلىك قىلسا، رەزىللەر بىلەن بىرگە يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلسا، ئەجەبا بۇنداق ئادەم يەنىلا ھايات قېلىشى كېرەكمۇ؟ مەن بۇنداق ئادەمنىڭ بۇرۇنقى ھەققانىي ئىشلىرىنى ھېسابقا ئالمايمەن، ئۇ ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلغانلىقى ۋە قىلغان گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ھالاك بولىدۇ.
ھەققانىي ئادەم تويغۇچە غىزالىنار، ياماننىڭ قورسىقى ئاچلىقتا تارتىشار.
ئادىشىپ كەتكەنلەرنى ئەگرى يوللارغا، جازالايدۇ پەرۋەردىگار رەزىللەرگە قوشۇپلا، تىنچ-ئامانلىق بولغاي ئىسرائىللارغا.
ھىيلە-مىكىر، زەھەر چىقار ئېغىزلىرىدىن، باش تارتىدۇ ئاقىلانە، ياخشى ئىشلاردىن.
باش روھانىي يىھويادا ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، يەھۇدىيەنىڭ يېتەكچىلىرى پادىشاھنى زىيارەت قىلىشتى. پادىشاھ ئۇلارنىڭ مەسلىھەتىگە قۇلاق سالدى.
يېقىندا سىلەر توۋا قىلىپ، مېنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلدىڭلار. سىلەر قۇل بولغان ئىبرانىي قېرىنداشلىرىڭلارنى ئازاد قىلىشقا قوشۇلۇپ، نامىمغا ئاتالغان ئىبادەتخانامغا كېلىپ، ھۇزۇرۇمدا كېلىشىم تۈزدۈڭلار.
سەندە ياشايدىغان ئىسرائىللارنىڭ بەزىلىرى تۆھمەت قىلىپ، ئادەم ئۆلتۈرگۈزىدۇ. بەزىلىرى تاغلاردىكى بۇتخانىلارغا چىقىپ قۇربانلىقلاردىن يەيدۇ، بۇزۇقچىلىق قىلىدۇ.
ئۇلارنىڭ ھەممىسى زىناخور بولۇپ، ئۇلار خۇددى تونۇردىكى يالقۇنجاپ تۇرغان ئوتقا ئوخشايدۇ. خېمىر يۇغۇرۇلۇپ، ئېچىپ تەييار بولغۇچە، ناۋاينىڭ تونۇرغا يەنە ئوت سېلىشى كېرەك بولمايدۇ.
مەن مۇنداق دەپ سورىدىم: «كىمنىڭ ئەقىل-پاراسىتى بۇنداق بالايىئاپەتنى چۈشىنىشكە قادىر؟ كىم پەرۋەردىگارنىڭ كۆرسەتمىسى ئارقىلىق ئۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ؟ نېمىشقا بۇ زېمىن خاراب بولىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بۇ زېمىن ئادەم ئاياغ باسمايدىغان قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ؟»