Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ھوشىيا 2:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 شۇڭا ئورما ئۇرۇش ۋە شاراب چىقىرىش ۋاقىتلىرى كەلگەندە، مەن ئاشلىق ۋە شارابلىرىمنى ئۇنىڭغا بەرمەيمەن. ئۇنىڭغا كىيىم-كېچەك ئۈچۈن بەرگەن يۇڭ ۋە زىغىر رەختلەرنى تارتىۋالىمەن.

Gade chapit la Kopi




ھوشىيا 2:9
15 Referans Kwoze  

شۇ چاغدا سىلەر مېنىڭ ھەققانىي ئادەم بىلەن رەزىل ئادەمنى، ماڭا خىزمەت قىلغان ئادەم بىلەن قىلمىغان ئادەمنى پەرقلەندۈرىدىغانلىقىمنى بىلىپ قالىسىلەر.»


ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان ئىدوملۇقلار بەلكىم: «بىزنىڭ يۇرتىمىز ۋەيران قىلىنسىمۇ، ئەمما بىز بۇ خارابىلىكنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقالايمىز» دېيىشى مۇمكىن. بىراق قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بەلكىم ئۇلار يەنە قايتىدىن قۇرۇپ چىقار، ئەمما مەن يەنە ۋەيران قىلىمەن. ئۇلارنىڭ زېمىنى ‹رەزىللىككە تولغان زېمىن›، خەلقى ‹پەرۋەردىگارنىڭ مەڭگۈلۈك غەزىپىگە ئۇچرىغان خەلق› دەپ نام ئالىدۇ.


بولمىسا مەن ئۇنىڭ كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ، ئۇنى ئانىدىن تۇغما ھالەتكە كەلتۈرىمەن. خۇددى قۇملۇقتەك قاقاس چۆلگە ئايلاندۇرۇپ، ئۇسسۇزلۇقتىن چاڭقىتىپ ئۆلتۈرىمەن.


ئۇلارنىڭ مال-دۇنيالىرى بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچرايدۇ، ئۆيلىرى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇلىدۇ. ئۇلار ھېچقاچان ئۆزلىرى سالغان ئۆيلەردە ئولتۇرالمايدۇ. ئۇلارغا ئۆز ئۈزۈمزارلىقىدىن چىققان شارابنى ئىچىش نېسىپ بولمايدۇ.»


كىم بىلىدۇ، بەلكىم ئۇ نىيىتىنى ئۆزگەرتىپ، سىلەرگە ئىچى ئاغرىشى ۋە بەخت ئاتا قىلىپ، مول ھوسۇل بېرىشى مۇمكىن. ئۇ چاغدا سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى سۇنالايسىلەر.


لېكىن سىلەر ئاشلىقىڭلارنى ئۆزۈڭلار يېيەلمەيسىلەر ۋە شەربىتىڭلارنى ئۆزۈڭلار ئىچەلمەيسىلەر، شارابىڭلارمۇ بولمايدۇ.


ئىسرائىلىيەلىكلەر شامال تېرىپ، بوراندىن ھوسۇل ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ زىرائەتلىرى دان تۇتمايدۇ، ئۇنىڭدىن ئۇن چىقمايدۇ. ھوسۇل ئالغان تەقدىردىمۇ، ھوسۇلىنى يات خەلقلەر يەيدۇ.


بىرنەچچە يىلدىن كېيىن شىمالدىكى پادىشاھ بۇرۇنقىدىن كۈچلۈك قوشۇن تەشكىللەپ، خىل قوراللانغان قۇدرەتلىك قوشۇننى جەنۇبقا باشلاپ كېلىدۇ.


ئۇلار كىيىملىرىڭنى سالدۇرۇۋېلىپ، زىبۇ-زىننەتلىرىڭنى بۇلايدۇ.


مەن سېنى ئاشنىلىرىڭغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. ئۇلار قۇربانلىق سۇپىلىرىڭنى چاقىدۇ، ئېگىز سېلىنغان بۇتخانىلىرىڭنى تۈزلىۋېتىدۇ، كىيىملىرىڭنى سالدۇرۇپ، ئېسىل گۆھەرلىرىڭنى بۇلاپ كېتىدۇ، سەن يالىڭاچ قالىسەن.


شۇڭا مەن سېنى جازالاش ئۈچۈن قول كۆتۈردۈم، زېمىنىڭنى ئازايتتىم. سېنى دۈشمەنلىرىڭ بولغان فىلىستىيەلىكلەرگە تاپشۇرۇپ بەردىم، ئۇلارمۇ بۇزۇقچىلىقىڭدىن نومۇس قىلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite