6 شۇڭا مەن پەرۋەردىگار ئۇنىڭ يولىنى تىكەن بىلەن توسىمەن، ئۇ يولىنى تاپالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئالدىغا تام قوپۇرىمەن.
خۇدا ئالدىمغا تام سوقۇپ يولۇمنى توستى، يولۇمنى قاراڭغۇلۇق بىلەن قاپلاتتى.
يولىنى كۆرەلمەيدىغانلارغا نېمە ئۈچۈن ھاياتلىق ئاتا قىلىنىدۇ؟ خۇدا ئۇلارنىڭ يولىنى توسۇپ قويغان تۇرسا!
شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، دۈشمەنلىرىڭلار شەھىرىڭلارنىڭ ئەتراپىغا قورغان قۇرۇپ، سىلەرنى تۆت تەرەپتىن قورشىۋېلىپ،
خۇدادىن ماڭا كەلگەن ۋەھىيلەرنىڭ ئاجايىپ-غارايىپلىقى بىلەن كۆرەڭلەپ كەتمەسلىكىم ئۈچۈن، تېنىمگە تىكەن سانجىلغاندەك بىر ئازاب يېپىشىپ، خۇددى شەيتاننىڭ يالاقچىسىنىڭ قىيناشلىرىدەك مېنى قىينىدى. بۇ، مېنىڭ كۆرەڭلەپ كەتمەسلىكىم ئۈچۈن ئىدى.
لېكىن خەلقىم مېنى ئۇنتۇپ كەتتى ۋە ئەرزىمەس بۇتلارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلدى! شۇ سەۋەبتىن ئۇلار كونا، ئىشەنچلىك يولدىن ۋاز كېچىپ، پۇتلىشىپ كەتتى. مېنىڭ يولۇمغا ئەگىشىشنىڭ ئورنىغا ئەگرى-توقاي ۋە ئەسكى يوللاردا ماڭدى.
سىلەر ئاپەتتىن قېچىپ قۇتۇلساڭلارمۇ، مىسىر بەرىبىر سىلەرنى بىر يەرگە توپلايدۇ، نوپ شەھىرى سىلەرنى يەرگە كۆمىدۇ. كۈمۈشلىرىڭلار ئازغاننىڭ ئارىسىدا قالىدۇ، چېدىرىڭلارنى تىكەنلەر بېسىپ كېتىدۇ.
ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ گۇناھ سادىر قىلغان سەجدىگاھلىرى ۋەيران قىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى تىكەن ۋە ئازغان بېسىپ كېتىدۇ. ئىسرائىلىيەلىكلەر تاغلارغا: «بىزنى بېسىڭلار!»، ئېدىرلارغا: «ئۈستىمىزگە غۇلاڭلار» دەپ ئۆتۈنىدۇ.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇياققا كېلىڭلار ئەي جادۇگەرنىڭ بالىلىرى، زىناخور ۋە پاھىشەنىڭ ئەۋلادلىرى.