Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ھوشىيا 2:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 ئۇ بۇت ئىلاھى بائالغا ئاتاپ كۈجە كۆيدۈرگەن كۈنلەر ئۈچۈن، ئۇنى جازالايمەن. ئۇ كۈنلەردە ئۇ ئۈزۈك ۋە زىبۇ-زىننەتلەرنى ئېسىپ، ئاشنىلىرىغا دۈم چۈشۈپ، مېنى ئۇنتۇدى. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

Gade chapit la Kopi




ھوشىيا 2:13
44 Referans Kwoze  

مەن سىلەرنى غىزالاندۇردۇم ۋە تويدۇردۇم. لېكىن قورسىقىڭلار تويغاندىن كېيىن، سىلەر ھاكاۋۇرلىشىپ، مېنى ئۇنتۇدۇڭلار.


ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئۆز پەرۋەردىگارى خۇدانى ئۇنتۇپ، ئىلاھ بائال ۋە ئىلاھە ئاشېرانىڭ بۇتلىرىغا چوقۇندى.


ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەر ئارىسىدىكى ئورنى ئەڭ يۇقىرىدۇر. ئۇلار ئېغىز ئاچسىلا، ئادەملەر قورققىنىدىن تىترەپ كېتىشىدۇ. لېكىن ئۇلار بائالغا چوقۇنۇپ، گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، ئۆزلىرىنى ۋەيران قىلىشتى.


مەن خەلقىمنى قانچە چاقىرغانچە، ئۇلار مەندىن شۇنچە يىراقلاشتى. بائالغا قۇربانلىق قىلىپ، بۇتلارغا كۈجە كۆيدۈردى.


ئوغرىلىق، قاتىللىق، زىناخورلۇق قىلىسىلەر، قەسەم بەرگەندە يالغان سۆزلەيسىلەر، بائالنىڭ بۇتلىرىغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىسىلەر، ئۆزۈڭلار بىلمىگەن يات ئىلاھلارغا چوقۇنىسىلەر.


جازا كۈنى كېلىشكە ئاز قالدى، جازالىنىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلدى! ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، بۇنى بىلىڭلار. سىلەرنىڭ گۇناھىڭلار ئېغىر، قەلبىڭلار ئۆچمەنلىككە تولغاندۇر. سىلەر: «پەيغەمبەرلەر ھاماقەت، پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلگەن ئادەملەر ساراڭ» دەيسىلەر.


ئىسرائىلىيە خەلقى ئۆزلىرىنى ئاپىرىدە قىلغان ئىگىسىنى ئۇنتۇپ قالدى، كۆپلەپ سارايلارنى قۇردى. يەھۇدىيە خەلقىمۇ نۇرغۇن شەھەرلىرىنى مۇستەھكەملىدى. لېكىن مەن ئۇلارنىڭ شەھەر ۋە قورغانلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايمەن.»


خەلقىم مېنى تونۇمىغانلىقى ئۈچۈن ۋەيران بولىدۇ. ئەي روھانىيلار، سىلەر مېنى تونۇشنى رەت قىلدىڭلار. مەنمۇ سىلەرنىڭ مېنىڭ روھانىيلىرىم بولۇشۇڭلارنى رەت قىلىمەن. سىلەر مېنىڭ قانۇنلىرىمنى ئۇنتۇدۇڭلار، مەنمۇ سىلەرنىڭ ئەۋلادىڭلارنى ئۇنتۇيمەن.


ئۇلار تاغلاردا بۇتلارغا قۇربانلىق سۇنىدۇ، تۆپىلىكلەردە كۈجە كۆيدۈرىدۇ. ئادەمگە ھۇزۇر بېرىدىغان دەرەخلەرنىڭ سايىسىدا، يەنى دۇپ، تېرەك ۋە پىستە دەرەخلىرىنىڭ ئاستىدا شۇنداق قىلىشىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ قىزلىرىمۇ ئۇ يەردە پاھىشىلىك قىلىدۇ، كېلىنلىرىمۇ زىنا قىلىدۇ.


ئۇ ئاشنىلىرىنى قوغلىسىمۇ، يېتىشەلمەيدۇ، ئىزدىسىمۇ تاپالمايدۇ. شۇڭا ئۇ: ‹بىرىنچى ئېرىمنىڭ يېنىغا قايتىپ كېتەيچۇ، بۇرۇنقى ئەھۋالىم ھازىرقىدىن ياخشىراق ئىدى› دەيدۇ.


ئۇلارنىڭ ئانىسى بۇزۇقچىلىق قىلىپ، نومۇسسىزلارچە ئېغىر ئاياغ بولدى. ئۇ: ‹مەن ئاشنىلىرىمنى ئىزدەيمەن، ئۇلار ماڭا يېمەك-ئىچمىكىمنى، يۇڭ ۋە زىغىر رەختىمنى، زەيتۇن يېغى ۋە شارابىمنى بېرىدۇ› دەيدۇ.


ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سەن مېنى ئۇنتۇپ كەتكەنلىكىڭ ۋە ماڭا تەتۈر قارىغانلىقىڭ ئۈچۈن، سەن ئەمدى قىلغان بۇزۇقچىلىقىڭ ۋە ئىشقىۋازلىقىڭنىڭ جازاسىنى تارتىسەن.»


يەنە بەزىلىرى پۇل ئۈچۈن قاتىللىق قىلىدۇ، بەرگەن قەرزلىرىدىن ئۆسۈم ياكى جازانە ئالىدۇ ۋە باشقىلارنى قاقتى-سوقتى قىلىدۇ. ئۇلار مېنى ئۇنتۇپ كەتتى. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


مەن ساڭا بەرگەن ئالتۇن-كۈمۈش زىبۇ-زىننەتلەردىن ئەر بۇتلارنى ياساپ، مەيلىڭنى ئۇلارغا بەردىڭ.


شۇنىڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگار، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا خەلقىنىڭ سەركىلىرىگە مۇنداق دېدى: «سىلەر خەلقىمنىڭ چېچىلىپ، سۈرگۈن بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقاردىڭلار. سىلەر ئۇلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالمىدىڭلار. شۇڭا مەن سىلەرنى قىلغان رەزىل ئىشلىرىڭلار ئۈچۈن جازالايمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!


لېكىن خەلقىم مېنى ئۇنتۇپ كەتتى ۋە ئەرزىمەس بۇتلارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلدى! شۇ سەۋەبتىن ئۇلار كونا، ئىشەنچلىك يولدىن ۋاز كېچىپ، پۇتلىشىپ كەتتى. مېنىڭ يولۇمغا ئەگىشىشنىڭ ئورنىغا ئەگرى-توقاي ۋە ئەسكى يوللاردا ماڭدى.


ئەي يەھۇدىيەلىكلەر، قانچىلىك شەھىرىڭلار بولسا شۇنچىلىك بۇت ئىلاھىڭلار بار. يېرۇسالېمنىڭ كوچىلىرى قانچە كۆپ بولسا، سىلەرمۇ بائالنىڭ يىرگىنچلىك بۇتلىرى ئۈچۈن شۇنچە كۆپ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى ياسىدىڭلار.


ياش ئايال زىبۇ-زىننەتلىرىنى، يېڭى كېلىنچەك توي كۆڭلىكىنى ئۇنتۇپ قالامدۇ؟ بىراق مېنىڭ خەلقىم بولغان سىلەر مېنى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇنتۇپ قالدىڭلار.


چۈنكى سىلەر ئۆزۈڭلارنى قۇتقۇزغان خۇدانى ئۇنتۇپ قالدىڭلار، سىلەر پاناھلانغان قورام تاشنى ئۇنتۇپ قالدىڭلار. مەيلى سىلەر ئەڭ ئېسىل دەرەخلەرنى تىككەن بولۇڭلار، ۋە ياكى ئۈزۈمزارلىقلارنى بەرپا قىلغان بولۇڭلار،


ئۇنتۇدى ئۇلار قۇتقۇزغۇچىسى خۇدانى، مىسىردا ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلغۇچىنى.


لېكىن ئۇلار ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنتۇدى پەرۋەردىگارنى، راۋا كۆرمىدى ئۆزلىرىگە خۇدانىڭ ئىرادىسىنى.


ئۇنتۇغاندۇر ئۇلار خۇدانىڭ ئىشلىرىنى، يەنە ئۇنىڭ كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىنى.


خۇدانى ئۇنتۇغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇشۇ قومۇشقا ئوخشاش بولىدۇ. ئىمانسىزلار ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ۋەيران بولىدۇ.


ئۇ ئاتىسى خىزكىيا بۇزۇۋەتكەن غەيرىي سەجدىگاھلارنى قايتىدىن ياساتتى. ئۇ يەنە ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخابقا ئوخشاش ئىلاھ بائالغا ئاتاپ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى، ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتىنى ياساتتى ھەمدە ھەر خىل ئاسمان جىسىملىرىغا چوقۇنۇپ، ئۇلارغا سەجدە قىلدى.


يېھۇ ئىسرائىلىيەدە بائالغا چوقۇنۇشنى ئەنە شۇ تەرىقىدە تۈگەتتى.


بىر كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ يېڭى پادىشاھى ئاخازيا سامارىيە شەھىرىدە ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ھۇجرىسىنىڭ پەنجىرىسىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ يارىلاندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەقرون شەھىرىنىڭ ئىلاھى بائال-زىبۇبتىن ئۆزىنىڭ ساقىيالايدىغان ياكى ساقىيالمايدىغانلىقىنى سوراپ كېلىش ئۈچۈن ئەلچى ئەۋەتتى.


ئەمما ئاتا-بوۋاڭلار ئۆزلىرىنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانى ئۇنتۇغاچقا، خۇدا ئۇلارنى خازور شەھىرىدىكى قوشۇننىڭ باش سەركەردىسى سىسىرانىڭ، فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ۋە موئاب پادىشاھىنىڭ قولىغا چۈشۈردى.


ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يەنە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. ئۇلار بائال ۋە ئاشتورەت دېگەن بۇتلارغا چوقۇندى. شۇنداقلا ئاررام، سىدون، موئاب، ئاممون ۋە فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇندى. ئۇلار پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىشتىن ۋاز كېچىپ، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈدى.


ئۇلار تەرك ئەتتى ئۆزلىرىگە ھاياتلىق بەرگەن خۇدانى، ئۇنتۇدى ئۆزلىرىنى ياراتقان ئاشۇ قورام تاشنى.


دىققەت قىلىڭلار، سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرغان پەرۋەردىگارنى ئۇنتۇپ قالماڭلار!


ئەمدى سەن خەلقنى مەن ساڭا كۆرسەتكەن جايغا ئېلىپ بار. مېنىڭ پەرىشتەم ئالدىڭدا يول باشلاپ ماڭىدۇ. لېكىن ۋاقتى كەلگەندە، مەن ئۇلارنى ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى ئۈچۈن جازالايمەن، _ دېدى.


ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى ئۆز گۇناھلىرى ئۈچۈن جازالىنىدۇ. چۈنكى ئۇلار تاغلاردا يالغان ئىلاھلارغا كۈجە كۆيدۈرۈپ، تۆپىلىكلەردە ماڭا ھاقارەت قىلدى. مەن ئۇلارنى ئۆز يامانلىقلىرىغا يارىشا جازالايمەن.»


بۇرنۇڭغا ۋە قۇلاقلىرىڭغا ھالقا تاقىدىم، بېشىڭغا چىرايلىق تاج كىيدۈردۈم.


مەن يەھۇدىيەنىڭ شەھەرلىرى ۋە يېرۇسالېمنىڭ كوچىلىرىدىكى خۇشاللىق سادالىرىنى، كۈلكە ئاۋازلىرىنى ۋە توي تەنتەنىلىرىنى يوق قىلىمەن. بۇ زېمىن قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ.»


ھېچكىم كېلىپ ھېيت ئۆتكۈزمىگەچكە، ماتەم تۇتماقتا سىئون يوللىرى، چۆلدەرەپ قالغان شەھەر دەرۋازىلىرى، ھەسرەت چېكەر روھانىيلىرى. قايغۇغا پاتقان سىئون قىزلىرى، ئازابقا تولغان ھەم قەلبلىرى.


شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا ئولتۇرمايدۇ ئەمدى ئاقساقاللار، ساز چېلىپ نەغمە قىلمايدۇ ياشلار.


بايراملىرىڭلارنى ماتەمگە، خۇشال ناخشاڭلارنى يىغا-زارغا ئايلاندۇرىمەن. ھەممىڭلار ماتەملىك كىيىملەرنى كىيىپ، چېچىڭلارنى چۈشۈرىسىلەر. سىلەرنى يالغۇز ئوغلىدىن ئايرىلىپ قالغان ئادەمدەك ئازابقا قويىمەن. پۈتۈن كۈن شەك-شۈبھىسىزكى، قايغۇلۇق بىر كۈن بولىدۇ.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite