11 ئۇنىڭ خۇشال ئۆتكۈزىدىغان بارلىق بايراملىرىنى، يەنى يېڭى يىل، يېڭى ئاي بايراملىرىنى، باشقا بەلگىلەنگەن ھېيتلىرىنى ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىنى يوق قىلىمەن.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھېيت-بايراملىرىڭلاردىن سەسكىنىمەن، ئۇلاردىن نەپرەتلىنىمەن. ئىبادەت سورۇنلىرىڭلاردىن بىزارمەن.
سىلەر ئۆز-ئۆزۈڭلارغا: «يېڭى ئاي بايرىمى ئۆتۈپ كەتسىلا، ئاشلىقلىرىمىزنى ساتالايتتۇق. دەم ئېلىش كۈنى ئۆتۈپ كەتسىلا، بۇغداي ئامبارلىرىمىزنى ئاچالايتتۇق. كەمچىنىمىزنى كىچىكلىتىپ، باھاسىنى ئۆستۈرۈپ، ساختا تارازا بىلەن ئالدامچىلىق قىلالايتتۇق.
مەن يەھۇدىيەنىڭ شەھەرلىرى ۋە يېرۇسالېمنىڭ كوچىلىرىدىكى خۇشاللىق سادالىرىنى، كۈلكە ئاۋازلىرىنى ۋە توي تەنتەنىلىرىنى يوق قىلىمەن. بۇ زېمىن قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ.»
چۈنكى، مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ساڭا نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىمەن. سەن ھايات چاغدا، كۆز ئالدىڭدىلا بۇ زېمىندىكى خۇشاللىق ۋە كۈلكە ئاۋازلىرىنى يوقىتىمەن. تويى بولغان قىز-يىگىتلەرنىڭ شادلىق كۈلكىلىرىمۇ ئاڭلانمايدۇ.
سىلەر خۇددى ئىرماش-چىرماش بولۇپ كەتكەن تىكەنلىككە ۋە شاراب ئىچىپ مەست بولۇپ كەتكەن ئادەملەرگە ئوخشايسىلەر. سىلەر قۇرۇق سامانغا ئوخشاش پۈتۈنلەي كۆيۈپ تۈگەيسىلەر.
ئۇ كۈن كەلگەندە، ئوردىدىكى ئاياللارنىڭ ناخشا ئاۋازلىرى يىغا-زارغا ئايلىنىدۇ. ھەممە يەرنى جەسەت قاپلاپ، شەھەردە جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرىدۇ. بۇلارنى مەنكى ئىگەڭلار پەرۋەردىگار ئېيتقانمەن! _ دېدى.
شۇنىڭغا ئوخشاش، ئىسرائىلىيە خەلقىمۇ بىر مەزگىل پادىشاھسىز ۋە يېتەكچىسىز بولۇپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ قۇربانلىقىمۇ، بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلىرىمۇ، روھانىيلىق پەرتۇقىمۇ ۋە ئۆيلىرىدىكى بۇتلىرىمۇ يوق بولىدۇ.
مەن سەندىكى نەغمە-ناۋالارنى يوقىتىمەن، سەندە ئەمدى لىرانىڭ ئاۋازى ئاڭلانمايدۇ.
مەن خۇشاللىق ۋە كۈلكە سادالىرىنى ئۆچۈرۈپ تاشلايمەن. توي قىلغان يىگىتلەر ۋە كېلىنچەكلەرنىڭ شادلىق ئاۋازلىرى ئەمدى ھەرگىز ئاڭلانمايدۇ. ئۇن تارتىۋاتقان تۈگمەنلەرنىڭ غىچىرلاشلىرى توختايدۇ. ئۆيلەردىكى يېنىۋاتقان چىراغلار ئۆچۈرۈلىدۇ.
پادىشاھ ياروبئام يەنە 8-ئاينىڭ 15-كۈنىنى يەھۇدىيەنىڭ ھېيتىغا ئوخشاش ھېيت قىلىپ بەلگىلەپ، شۇ كۈنى بەيتەلدىكى قۇربانلىق سۇپىسىغا بېرىپ، ئۆزى ياساتقان ئالتۇن موزايلارغا قۇربانلىقلارنى سۇندى. بەيتەلدە ئۆزى سالدۇرغان بۇتخانىلارغا روھانىيلارنى تەيىنلىدى.
ئۇلار مەن پەرۋەردىگارغا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، ھارامدىن بالا تاپتى. ئۇلارنىڭ يېڭى ئاي بايراملىرى ئۆزلىرىنى ئېتىزلىرى بىلەن بىرگە ۋەيران قىلىدۇ.
مېھنىتىڭلار ئۈنۈمسىز بولىدۇ، چۈنكى يېرىڭلاردىن ھېچنېمە ئۆسمەيدۇ، مېۋىلىك دەرىخىڭلار مېۋە بەرمەيدۇ.