1 ئاكا-ئىنىڭلارنى «ئامى» [مەنىسى «مېنىڭ خەلقىم»]، ئاچا-سىڭلىڭلارنى «رۇخاما» [مەنىسى «ئىچ ئاغرىت»] دەپ چاقىرىڭلار.
بۇرۇن سىلەر خۇدانىڭ خەلقى ئەمەس ئىدىڭلار. لېكىن، ئەمدى خۇدانىڭ خەلقىسىلەر. بۇرۇن سىلەر خۇدانىڭ رەھىم-شەپقىتىگە ئېرىشمىگەنىدىڭلار، لېكىن ئەمدى ئېرىشتىڭلار.
سېنى بۇ زېمىنغا ئۆزۈم ئۈچۈن تېرىيمەن. مەن ‹ئىچ ئاغرىتما› دەپ ئاتالغانلارغا ئىچ ئاغرىتىمەن، ‹خەلقىم ئەمەس› دەپ ئاتالغانلارنى ئەمدى ‹مېنىڭ خەلقىم› دەپ ئاتايمەن، سەن مېنى: ‹سەن مېنىڭ خۇدايىم› دەپ ئاتايسەن.»
مەن بۇرۇن ئەيسا مەسىھكە كۇپۇرلۇق قىلىپ، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا زىيانكەشلىك قىلغان رەھىمسىز بىر ئادەم بولساممۇ، ئۇ يەنىلا ماڭا رەھىم قىلدى. چۈنكى، مەن بۇ ئىشلارنى نادانلىق ۋە ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقادسىزلىقتىن قىلغانىدىم.
خۇدا رەھىم-شەپقىتى بىلەن بۇ خىزمەتنى بىزگە بەرگەنىكەن، جاسارىتىمىزنى يوقاتمايمىز.
مەن ئۇلارنى ئوتتا سىنايمەن. ئۇلارنى تاۋلانغان كۈمۈشتەك پاك قىلىمەن. ئۇلارنى ئالتۇننى تاۋلىغاندەك تاۋلايمەن. ئۇلار مېنىڭ نامىمنى چاقىرىدۇ. مەن ئۇلارغا جاۋاب بېرىمەن. مەن: ‹بۇلار مېنىڭ خەلقىمدۇر› دەيمەن، ئۇلار: ‹پەرۋەردىگار بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر› دېيىشىدۇ.»
مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ماكان تۇتىمەن ۋە ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن، ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ.
سىلەر مەن ئەجدادلىرىڭلارغا ئاتا قىلغان زېمىندا ياشايسىلەر. سىلەر مېنىڭ خەلقىم، مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن.
شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇلار قانۇنلىرىمغا رىئايە قىلىدىغان، بەلگىلىمىلىرىمگە بويسۇنىدىغان بولىدۇ. ئۇلار مېنىڭ خەلقىم، مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن.
ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ، مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن.
مەن كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئىسرائىل خەلقى بىلەن تۈزمەكچى بولغان يېڭى ئەھدە مۇنداق بولىدۇ: مەن قانۇنۇمنى ئۇلارنىڭ مېڭىسىگە قۇيىمەن، يۈرىكىگە پۈتىمەن. مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن. ئۇلارمۇ مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەيىبلەڭلار، ئاناڭلارنى ئەيىبلەڭلار! ئۇ ئەمدى مېنىڭ خوتۇنۇم ئەمەس، مەنمۇ ئۇنىڭ ئېرى ئەمەس. يۈزىدىكى پاھىشىلىك جىلۋىلىرىنى، ئۈستىدىكى ئۇياتسىز كىيىملىرىنى يوقاتسۇن.
ساڭا بەخت ئاتا قىلىمەن. سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك، دېڭىز ساھىلدىكى قۇملاردەك كۆپ قىلىمەن. ئۇلار دۈشمەنلىرىنىڭ شەھەرلىرىنى ئىگىلەيدۇ.
چۈنكى بابىلنىڭ زېمىنى ماڭا، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇداغا قارشى سادىر قىلىنغان گۇناھلار بىلەن تولدى. مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەدىن ۋاز كەچمەيمەن.
مەن ئادەم ۋە مال-ۋارانلارنى ئاۋۇتىمەن، ئۇلار كۆپىيىپ، بەرىكەتلىك بولىدۇ. سىلەرگە ئىسرائىللار قايتىپ كېلىپ ئولتۇراقلىشىدۇ. سىلەر خۇددى بۇرۇنقىغا ئوخشاش روناق تاپىسىلەر، ئىسرائىللار تېخىمۇ گۈللىنىدۇ. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.