9 دانالار بۇ ئىشلارنى چۈشەنسۇن، ئەقلى بارلار بۇ ئىشلارنى بىلىپ يەتسۇن. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ يولى ھەق يولدۇر. ھەققانىيلار بۇ يولدا ماڭار، گۇناھكارلار ئۇنىڭدا پۇتلىشىپ يىقىلار.
پەرۋەردىگارنىڭ يولى دىيانەتلىكلەر ئۈچۈن باشپاناھدۇر، يامانلىق قىلغۇچىلار ئۈچۈن ھالاكەتتۇر.
كۆڭۈل قويسۇن بۇ ئىشلارغا ئەقلى بارلار، خۇدانىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىنى چۈشەنسۇن ئۇلار.
خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى خۇدانىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلايدۇ، سىلەر خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بولمىغانلىقىڭلار ئۈچۈن، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىمايسىلەر!
بۇ ئازابلار ئارقىلىق نۇرغۇن كىشىلەر تاۋلىنىدۇ، پاكلىنىدۇ ۋە قۇسۇرسىز بولىدۇ. يامانلار چۈشەنمەي، يامانلىق قىلىۋېرىدۇ، پەقەت دانالار چۈشىنىدۇ.
پەرۋەردىگار يەنىلا ئادالەتلىكتۇر، ئۇ يېرۇسالېمدىدۇر. ئۇ ئادالەتسىز ئىشلارنى ھەرگىز قىلمايدۇ. ھەر كۈنى ھەقىقەتنى ئۈزۈپ قويماي نامايان قىلسىمۇ، لېكىن ئادالەتسىزلەر نومۇس قىلمايدۇ.
مەن مۇنداق دەپ سورىدىم: «كىمنىڭ ئەقىل-پاراسىتى بۇنداق بالايىئاپەتنى چۈشىنىشكە قادىر؟ كىم پەرۋەردىگارنىڭ كۆرسەتمىسى ئارقىلىق ئۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ؟ نېمىشقا بۇ زېمىن خاراب بولىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بۇ زېمىن ئادەم ئاياغ باسمايدىغان قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ؟»
ئۇ قورام تاشتۇر، ئۇنىڭ ياراتقانلىرى مۇكەممەلدۇر، قىلغانلىرى توغرىدۇر. ئۇ يامانلىق قىلمايدۇ، ساداقەتلىكتۇر، ئادىل ۋە دۇرۇستۇر.
- دېمەك سەن بىر پادىشاھ، شۇنداقمۇ؟ - دېدى ۋالىي پىلاتۇس. - ئېيتقىنىڭىزدەك، مەن پادىشاھ، مەن ھەقىقەتكە گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن دۇنياغا كەلدىم، ھەقىقەتتە تۇرىدىغان كىشىلەر مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئاڭلايدۇ، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا.
ئى پەرۋەردىگار، سەن توغرا يولدا ماڭغانلارنىڭ يولىنى راۋان قىلىسەن، دۇرۇسلارنىڭ يولىنى تۈز قىلىسەن.
ئادىل دەپ قارايمەن پەرمانلىرىڭنى، ئۆچ كۆرىمەن بارلىق ساختىلىقلارنى.
بىلىمەن ھۆكۈملىرىڭنىڭ ئادىللىقىنى، ساداقىتىڭ بىلەن جازالىدىڭ مېنى.
سەن ھەققانىيلارنى گۇناھكارلار بىلەن بىرگە يوقاتمايسەنغۇ، ئۇنداق قىلماسسەن؟ ئۇنداق قىلساڭ، ھەققانىيلار گۇناھكارلار بىلەن تەڭ جازاغا ئۇچرايدۇ. بۇ مۇمكىنمۇ؟ سەن پۈتۈن ئالەمنىڭ سوراقچىسى تۇرساڭ، جەزمەن ئادىل ھۆكۈم چىقىرىسەن! _ دېدى.
دېمەك، تەۋرات قانۇنى ھەقىقە تەن پاكتۇر. ئۇنىڭدىكى ئەمرلەرمۇ پاك، توغرا ۋە ياخشىدۇر.
مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا باشقا ھېچكىم قىلىپ باقمىغان ئىشلارنى قىلمىغان بولسام، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى گۇناھ دەپ قارالمايتتى. ئەمەلىيەتتە، ئۇلار مېنىڭ قىلغان ئىشلىرىمنى كۆرگەن، شۇنداقتىمۇ يەنە مەندىن ۋە ئاتامدىن نەپرەتلەندى.
- دۇنيادىكى ئادەملەر ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارغىلى كەلدىم. كورلارنى كۆرىدىغان قىلىش، كۆرىمەن دەيدىغانلارغا ئۇلارنىڭ كور ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن كەلدىم، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا.
يەھياغا يەنە: «مەندىن گۇمانلانماي، ماڭا تەۋرەنمەي ئىشەنگەنلەر نېمىدېگەن بەختلىك!» دەپ قويۇڭلار، - دېدى.
شىمون ئۇلارغا بەخت تىلەپ، مەريەمگە مۇنداق دېدى: - مانا! بۇ بالا خۇدا تەرىپىدىن ئىسرائىلىيىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھالاك بولۇشى ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن تەيىنلەندى. گەرچە ئۇ خۇدانىڭ بېشارىتى بولسىمۇ، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى ھاقارەتلەپ رەت قىلىدۇ.
ئىنسانئوغلى بولسا ھەم يەيدۇ ھەم ئىچىدۇ. بىراق، ئۇلار: «تازا بىر تويماس ھاراقكەش ئىكەن. ئۇ باجگىر ۋە باشقا گۇناھكارلارنىڭ دوستى» دېيىشىدۇ. بىلىپ قويۇڭلاركى، ھېكمەت بەرگەن مېۋىسى بىلەن تونۇلىدۇ.
لېكىن سىلەر: «ئىگىمىزنىڭ بۇنداق قىلىشى ئادالەتسىزلىكتۇر» دەيسىلەر. ئەي ئىسرائىل خەلقى، ئاڭلاڭلار، مېنىڭ ئەمەس، بەلكى دەل سىلەرنىڭ قىلغىنىڭلار ئادالەتسىزلىكتۇر!
بىراق خۇدا بىلەن قارشىلاشقۇچىلار ۋە گۇناھكارلار بىرلىكتە ھالاك قىلىنىدۇ، پەرۋەردىگاردىن ۋاز كەچكۈچىلەر يوقىتىلىدۇ.
تاڭ نۇرىغا ئوخشار ھەققانىيلارنىڭ يولى، قۇياش تولۇق كۆتۈرۈلگىچە نۇرلىنار يورۇغانسېرى.
ماڭغانسېرى ئۇلار قۇۋۋەت ئۈستىگە قۇۋۋەت تاپار، سىئونغا يېتىپ بېرىپ، خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا ھازىر بولار.
نەقەدەر بەختلىك سەندىن كۈچ-قۇدرەت تاپقانلار، قەلبىدىن سىئوننى تاۋاپ قىلىشقا ئىنتىزار بولغانلار.
ھەققانىيلار ئۆز يولىدا چىڭ تۇرىدۇ، قولى پاك ئىنسانلارنىڭ كۈچى ئاشىدۇ.
ئۇنىڭغا: - ئەي شەيتاننىڭ ئوغلى! ھەممە ئادىللىقنىڭ دۈشمىنىسەن. قەلبىڭ ھەر خىل ھىيلىگەرلىك ۋە ئالدامچىلىق بىلەن تولغان. خۇدانىڭ توغرا يوللىرىنى بۇرمىلاشنى زادى توختاتمامسەن؟!
ئۇلار خۇدانىڭ خىزمەتكارى مۇسانىڭ ناخشىسىنى ھەم قوزا ھەققىدىكى ناخشىنى ئېيتىشاتتى: «ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا، قىلغانلىرىڭ ئۇلۇغ ۋە كارامەتتۇر. ئى پۈتكۈل خەلقلەرنىڭ پادىشاھى، يوللىرىڭ ئادىل ۋە ھەقتۇر.
كۆڭلىگە دانالىق ئورنىغۇچى پاراسەتلىك دەپ ئاتىلار، يېقىملىق سۆزلەر تېخىمۇ قايىل قىلارلىق بولار.
شۇ چاغدا ئۇلار ئۆز قوللىرى بىلەن ياسىغان بۇتلارغا چوقۇنمايدىغان بولىدۇ، ياكى ئىلاھە ئاشېراغا ئاتاپ ئۆزلىرى ياسىغان ياغاچ تۈۋرۈككە ئىلتىجا قىلمايدىغان بولىدۇ. ھەمدە ئۆز قوللىرى بىلەن ياسىغان ئىسرىقدانلاردا ئىلاھلىرىغا كۈجە كۆيدۈرمەيدىغان بولىدۇ.
ئۇ ۋاقىتتا ماڭا يۈزلىنىپ، ئىلتىجا قىلىپ، دۇئا قىلساڭلار، دۇئالىرىڭلارنى ئىجابەت قىلىمەن.
ئۇلار قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، زېمىنىدىكى يىرگىنچلىك ۋە نەپرەتلىك ھەممە بۇتلارنى يوقىتىدۇ.
ئۈستۈڭلارغا پاكىز سۇ چاچىمەن، سىلەر پاك بولىسىلەر. سىلەرنى پۈتۈن ناپاكلىقلاردىن ۋە پۈتۈن بۇتلاردىن پاكلايمەن.
مەن يەھۇدىيە خەلقىنى كۈچلۈك قىلىمەن، ئىسرائىلىيە خەلقىنى قۇتقۇزىمەن، ئۇلارنى ئۆز يۇرتلىرىغا قايتۇرۇپ ئەكېلىمەن. مەن ئۇلارغا رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىمەن. ئۇلار ئۆزلىرىنى ھېچقاچان رەت قىلىنمىغاندەك ھېس قىلىشىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى خۇدادۇرمەن، ئۇلارنىڭ ئىلتىجالىرىغا قۇلاق سالىمەن.