6 ئۇلار يۇمران بىخ چىقىرىپ، زەيتۇن دەرىخىدەك گۈزەللىشىدۇ، لىۋاننىڭ كېدىر دەرەخلىرىدەك پۇراق چاچىدۇ.
مەن خۇددى باراقسان ئۆسكەن زەيتۇن دەرىخىمەن، خۇدانىڭ ئۆيىدە مۇستەھكەم گۈللىنىپ ئۆسىمەن، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىگە مەڭگۈ ئىشىنىمەن.
مەن سىلەرنىڭ ماڭا ئەۋەتكەن بارلىق سوۋغىتىڭلارنى تاپشۇرۇۋالدىم. بۇ مېنىڭ ئېھتىياجىمدىن ئېشىپ كەتتى، ئەلۋەتتە. ئېپافرودىت ئارقىلىق ئەۋەتكەن سوۋغىتىڭلارنى ئېلىپ، ھەممە نەرسەم تېخىمۇ تولۇقلىنىپ كەتتى. بۇ سوۋغاتلار خۇددى خۇش پۇراقلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىقتەك، خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ.
ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېدى: - ھەقىقىي «ئۈزۈم تېلى» ئۆزۈمدۇرمەن، ئاتام خۇدا بولسا باغۋەندۇر.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا يەنە بىر تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى: - ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى خۇددى بىر ئادەمنىڭ ئېتىزغا چاچقان قىچا ئۇرۇقىغا ئوخشايدۇ.
مەن پەرۋەردىگار بۇرۇن ئۇلارنى «ياخشى مېۋە بېرىدىغان بۈك-باراقسان زەيتۇن دەرىخى» دەپ ئاتىغانىدىم، لېكىن ھازىر مەن ئۇلارنى دەھشەتلىك ئوتتا كۆيدۈرۈپ، شاخلىرىنى قۇرۇتۇپ تاشلايمەن.
ئايالىڭلار ئوخشار مول مېۋە بەرگەن ئۈزۈم تېلىغا، زەيتۇن شېخىدەك كۆپ بولار بالىلىرىڭلار يېنىڭلاردا، داستىخىنىڭلارنى چۆرىدەپ ئولتۇرار ئۇلار ئەتراپىڭلاردا.
ياقۇپ ئالدىغا بېرىپ ئاتىسىنى سۆيدى. ئىسھاق ياقۇپنىڭ كىيىمىدىكى پۇراقنى پۇرىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ سۆزىگە ئىشىنىپ، ئۇنىڭغا دۇئا قىلىپ، خەيرلىك تىلىدى: «ئوغلۇمنىڭ تېنىدىكى خۇش پۇراق دەل پەرۋەردىگارىم بەرىكەت بەرگەن تۇپراقنىڭ پۇرىقىغا ئوخشايدىكەن.
خۇددى خورما دەرىخىدەك گۈللەپ ياشنار ھەققانىيلار، ھەم يەنە لىۋاندىكى كېدىر دەرىخىدەك ئاينىپ ئۆسەر.
ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ يىلتىز تارتىدىغان ۋاقتى كېلىدۇ، ئىسرائىل ئەۋلادلىرى كۆكلەيدىغان چاغ كېلىدۇ. ئۇلار يەر يۈزىنى مېۋىلەرگە تولدۇرىدۇ!
ھەممە يەر گۈل-چېچەككە ۋە شاد-خۇراملىققا تولىدۇ! چۆل-جەزىرىلەر لىۋان تاغلىرىدەك ياپيېشىللىققا پۈركىنىدۇ. ئۇ يەرلەر كارمەل تاغلىرى ۋە شارون تۈزلەڭلىكىدەك گۈزەللىشىپ كېتىدۇ. پەرۋەردىگارىمىز ئۆز شان-شەرىپى ۋە ئۇلۇغلۇقىنى كۆرسىتىدۇ.
سىلەر بۇلارنى كۆرۈپلا قەلبىڭلاردىن شادلىنىسىلەر، ئۇستىخىنىڭلار خۇددى ئوت-چۆپلەردەك ياشىرىدۇ، پەرۋەردىگار كۈچ-قۇدرىتىنى ئۆز خىزمەتكارلىرىغا ئايان قىلىدۇ، لېكىن ئۇ دۈشمەنلىرىگە غەزەپ ياغدۇرىدۇ.
بىز پەرۋەردىگارنى تونۇيلى، ئۇنى بىلىشكە ئىنتىلەيلى! تاڭ ئېتىش مۇقەررەر بولغاندەك، ئۇ بىزگە مۇقەررەر ئايان بولىدۇ. زېمىنغا كۈز ۋە باھار يامغۇرلىرى چوقۇم ياغقاندەك، ئۇ چوقۇم كېلىدۇ.