Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ھوشىيا 14:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 مەن ئىسرائىلىيە خەلقىگە شەبنەم بولىمەن. ئۇلار خۇددى نېلۇپەردەك ئېچىلىدۇ، لىۋاننىڭ كېدىر دەرەخلىرىدەك يىلتىز تارتىدۇ.

Gade chapit la Kopi




ھوشىيا 14:5
32 Referans Kwoze  

ھەممە يەر گۈل-چېچەككە ۋە شاد-خۇراملىققا تولىدۇ! چۆل-جەزىرىلەر لىۋان تاغلىرىدەك ياپيېشىللىققا پۈركىنىدۇ. ئۇ يەرلەر كارمەل تاغلىرى ۋە شارون تۈزلەڭلىكىدەك گۈزەللىشىپ كېتىدۇ. پەرۋەردىگارىمىز ئۆز شان-شەرىپى ۋە ئۇلۇغلۇقىنى كۆرسىتىدۇ.


ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ يىلتىز تارتىدىغان ۋاقتى كېلىدۇ، ئىسرائىل ئەۋلادلىرى كۆكلەيدىغان چاغ كېلىدۇ. ئۇلار يەر يۈزىنى مېۋىلەرگە تولدۇرىدۇ!


شۇنداق قىلىپ، ئەيسا مەسىھ ئېتىقادىڭلار ئارقىلىق ھەر دائىم قەلبىڭلاردا بولغاي، ھاياتىڭلار خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدە يىلتىز تارتىپ، مۇستەھكەملەنگەي.


كىيىم-كېچەك ئۈچۈن غەم قىلىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟! دالادىكى ياۋا گۈللەرنىڭ قانداق ئۆسىدىغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار! ئۇلار ئىشمۇ قىلمايدۇ، كىيىممۇ تىكمەيدۇ؛


ئېتىزلاردا زىرائەتلەر مول بولغاي، ئېدىرلاردا ھەتتا باشاق ئوخشىغاي. ھوسۇللار لىۋان تاغلىرىدىكى ئورمانلاردەك زىيادە بولغاي، شەھەر ئاھالىلىرى يايلاقتىكى چۆپتەك روناق تاپقاي.


يىلتىزىم سۇ بويىغىچە سوزۇلغاندۇر، شاخلىرىم تۈن بويى شەبنەمدە يۇيۇلىدۇ.


يۇمران چۆپنى ھۆل قىلغان، بېدىلەرنى سۇغارغان يامغۇر كەبى تۆكۈلسۇن تەلىملىرىم، شەبنەم كەبى چۈشسۇن سۆزلىرىم.


ياقۇپنىڭ ھايات قالغان ئەۋلادلىرى نۇرغۇن ئەللەر ئارىسىدا خۇددى پەرۋەردىگار چۈشۈرگەن شەبنەمگە، ئوت-چۆپلەرگە ياغقان يامغۇرغا ئوخشايدۇ. ئۇلار ھېچكىمگە تايانمايدۇ، ھېچكىمنى كۈتمەيدۇ.


مەن سىلەرنىڭ قاغجىرىغان يەرلىرىڭلارنى سۇغىرىمەن، قۇرۇپ كەتكەن زېمىنلىرىڭلاردا ئېقىنلارنى ئاققۇزىمەن. مەن ئۆز روھىمنى ئەۋلادلىرىڭلارغا ياغدۇرىمەن، مەن ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلىمەن.


ئەمما، ساڭا مەنسۇپ بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەر، قايتىدىن ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ! ئۇلارنىڭ تېنى باشقىدىن تىرىلىدۇ. ئەي تۇپراقتا ياتقانلار، ئويغىنىپ، شادلىق ناخشىسىنى ئېيتىڭلار! ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ تاڭ سەھەردىكى شەبنىمىڭ ئالەمگە ھاياتىي كۈچ بەرگەندەك، سەن ئۆلگەنلەرگىمۇ قايتا ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلىسەن.


پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «مەن ئۆز جايىمدا ھەممە ئىشنى كۆزىتىپ تۇرىمەن. مەن تومۇز كۈنلىرىدىكى ئىسسىق ھاۋادەك، ھوسۇل مەزگىلىدە ئەتىگىنى چۈشكەن شەبنەمدەك تىۋىشسىز تۇرىمەن.»


يامغۇر كەبى پادىشاھنىڭ ھۆكۈمرانى، ياشارتقاي يېڭىدىن ئورۇلغان ئوتلاقلارنى، يېغىن بولۇپ سۇغارغاي يەر-زېمىننى.


يەھۇدىيەدىن ھايات قالغان بۇ ئاز بىر قىسىم ئادەملەر خۇددى مېۋىلىك دەرەختەك يەرگە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، كۆپلەپ مېۋە بېرىدۇ.


ئوخشار خۇددى بۇلۇتسىز سەھەردىكى يېڭى كۆتۈرۈلگەن قۇياشقا، ئوخشار خۇددى يامغۇردىن كېيىن ئوت-چۆپلەرنى پارقىراتقان قۇياشقا.»


ياۋا گۈللەرنىڭ قانداق ئۆسىدىغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار! ئۇلار ئىشمۇ قىلمايدۇ، كىيىممۇ تىكمەيدۇ. لېكىن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، ھەتتا ئۇلۇغ پادىشاھ سۇلايماننىڭ ھەشەمەتلىك تونلىرىمۇ بۇ ياۋا گۈللەرنىڭ گۈزەللىكىگە تەڭ كېلەلمەيدۇ.


ئىككى كۆكسۈڭ ئوخشار ئىككى كېيىك، ئىككى جەرەن بالىسىغا، ئوتلاپ يۈرگەن ياۋا گۈللەر ئارىسىدا.


ئاشىقىم مەنسۇپتۇر ماڭا، مەنمۇ ئۇنىڭغا، ئۇ ھۇزۇرلىنار قىزىلگۈللەر ئارىسىدا.


شىرنىڭ ھۆركىرىشىگە ئوخشاشتۇر پادىشاھنىڭ غەزىپى. ئوت-چۆپكە چۈشكەن شەبنەمدەكتۇر ئۇنىڭ شەپقىتى.


زېمىن تەييار قىلىپ بەردىڭ ئۇ كۆچەتكە، يىلتىز تارتىپ كەڭ يېيىلدى زېمىنغا.


خۇددى خورما دەرىخىدەك گۈللەپ ياشنار ھەققانىيلار، ھەم يەنە لىۋاندىكى كېدىر دەرىخىدەك ئاينىپ ئۆسەر.


مول شەبنەمگە ئوخشار ئىناقلىق، خەرمون تېغىدىكى شەبنەملەر چۈشكەن كەبى سىئونغا، بەرھەق، بەختنى _ مەڭگۈلۈك ھاياتنى، ئاتا قىلغانىدى پەرۋەردىگار سىئون تېغىدا.


ئەي ئاسمان، سەندىن يامغۇر ياغقاندەك، ھەققانىيلىق ياغسۇن، بۇلۇتلاردىن قۇيۇلسۇن! يەر بۇنى ئىچىۋېلىپ، ھەققانىيلىق بىلەن نىجاتلىقنى ئۆستۈرسۇن! بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى مەن پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىن كېلىدۇ.»


تىكىلگەندۇر ئۇلار پەرۋەردىگار ھۇزۇرىغا، گۈللەپ ياشنار ئىگىمىزنىڭ ھويلا-ئاراملىرىدا.


شۇ چاغدا يېرۇسالېم خەلقى مۇنداق دەيدۇ: «شۈكۈر ئېيتىمەن ساڭا پەرۋەردىگار، گەرچە سەن ماڭا غەزەپلەنگەن بولساڭمۇ، يېنىپ ھازىر سەن غەزىپىڭدىن، بەردىڭ ماڭا تەسەللى.


مەن ئۇنىڭ قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرىمەن، لېكىن مەن ئۇلارنى ساقايتىپ، ئۇلارغا يول كۆرسىتىمەن، ھازا تۇتقان كىشىلەرگە تەسەللى بېرىمەن.


شۇنداق قىلسام، ئۇلارنىڭ لەۋلىرىدىن مەدھىيەلەر چىقىدۇ. مەن يىراق-يېقىندىكىلەرگە خاتىرجەملىك ئاتا قىلىمەن، مەن ئۇلارنى ساقايتىمەن!


ئەي ساداقەتسىز ئىسرائىل خەلقىم، مېنىڭ يولۇمغا قايتىڭلار. مەن سىلەرنىڭ ساداقەتسىزلىكىڭلارنى ساقايتىشنى خالايمەن. سىلەرنىڭ مۇنداق دېيىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن: ‹مانا، بىز يېنىڭغا كەلدۇق، چۈنكى سەن بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز خۇدادۇرسەن.


ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشتىن خۇشال بولىمەن. مەن پۈتۈن جان-دىلىم بىلەن ئۇلارنى بۇ زېمىنغا قايتۇرۇپ كېلىپ، بۇ يەردە ئولتۇراقلاشتۇرىمەن.


بىز پەرۋەردىگارنى تونۇيلى، ئۇنى بىلىشكە ئىنتىلەيلى! تاڭ ئېتىش مۇقەررەر بولغاندەك، ئۇ بىزگە مۇقەررەر ئايان بولىدۇ. زېمىنغا كۈز ۋە باھار يامغۇرلىرى چوقۇم ياغقاندەك، ئۇ چوقۇم كېلىدۇ.


قايسى ئىلاھ ساڭا ئوخشاش كەچۈرۈمچان؟! قايسى خۇدا ساڭا ئوخشاش سۈرگۈندىن ھايات قالغان ئۆز خەلقىنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرگەن؟ سېنىڭ غەزىپىڭ مەڭگۈلۈك ئەمەستۇر، چۈنكى سەن مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشتىن خۇرسەن بولىسەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite