ھوشىيا 14:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى3 ئاسسۇرلار بىزنى قۇتقۇزالمايدۇ، ئەمدى جەڭ ئاتلىرىغا ئىشەنمەيمىز. ئۆزىمىزنىڭ قوللىرى بىلەن ياسىغان بۇتلارنى ئەمدى ھەرگىز ئىلاھىمىز دېمەيمىز. ئى پەرۋەردىگار، يېتىم ئىسرائىلىيە سەندىنلا رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشىدۇ.» Gade chapit la |
مىسىردىن ياردەم سورىغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىشەنچىسىنى مىسىرلىقلارنىڭ ئاتلىرىغا باغلىدى، ئۈمىدلىرىنى مىسىرنىڭ كۆپلىگەن جەڭ ھارۋىلىرىغا، جەڭ ھارۋىلىرىنى ھەيدەيدىغان نۇرغۇن ھارۋىكەشلىرىگە باغلىدى، ئۇلار ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇداغا تايانمىدى. ئۇلار پەرۋەردىگاردىن ياردەم تىلىمىدى.
لېكىن مۇشۇ يول بىلەن پەرۋەردىگار ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ گۇناھىنى كەچۈرىدۇ. ئۇلار يات دىنلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىنىڭ تاشلىرىنى كۇكۇم-تالقان قىلىدۇ، ئىلاھە ئاشېراغا ئاتاپ ياسالغان ياغاچ تۈۋرۈكنى، ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈجە كۆيدۈرىدىغان سۇپىلىرىنى يوقىتىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كۆتۈرۈۋەتكەندىن كېيىنكى نەتىجە بولىدۇ.