ھوشىيا 14:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى2 توۋا قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ يولىغا قايتىڭلار ۋە مۇنداق دۇئا قىلىڭلار: «بارلىق گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگەيسەن، شاپائەت قىلىپ، بىزنى قوبۇل قىلغايسەن، مەدھىيەلىرىمىزنى قۇربانلىق ئورنىدا قوبۇل قىلغايسەن! Gade chapit la |
پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان روھانىيلار ئىبادەتخانىنىڭ كىرىش ئېغىزى بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئارىلىقىغا يىغىلسۇن. ئۇلار مۇنداق دەپ دۇئا قىلسۇن: «ئى پەرۋەردىگار، ئۆز خەلقىڭنى ئايىغايسەن. ئۆز خەلقىڭنى يات ئەللەرنىڭ خورلۇقى ۋە مەسخىرىسىگە قالدۇرمىغايسەن. يات ئەللەرنىڭ: ‹قېنى ئۇلارنىڭ خۇداسى؟› دېگەن سۆزىگە قويمىغايسەن.»