4 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر مىسىردىن چىققاندىن بېرى، مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلاردۇرمەن. مەندىن باشقا خۇداغا ئېتىقاد قىلماڭلار، مەندىن باشقا قۇتقۇزغۇچىڭلار يوقتۇر.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «لېكىن مىسىردىكى ۋاقتىڭلاردىن بۇيان، مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئىدىم. سىلەر بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا چېدىردا تۇرغىنىڭلاردەك، مەن سىلەرنى يەنە چېدىردا تۇرغۇزىمەن.
مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن، ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا سىلەرنىڭ قۇتقۇزغۇچىڭلاردۇر. مەن سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا مىسىرنى تۇتۇپ بېرىمەن. مەن يەنە سىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئېفىيوپىيە بىلەن سىبانى تۇتۇپ بېرىمەن.
پەقەت ھەزرىتى ئەيسالا بىزنى قۇتقۇزالايدۇ. چۈنكى، پۈتكۈل ئىنسانىيەت دۇنياسىدا ھەزرىتى ئەيسادىن باشقا، خۇدا تەيىنلىگەن ھېچقانداق قۇتقۇزغۇچى يوقتۇر!
قايسىبىر خەلقنىڭ ئىلاھلىرى ئۆز خەلقىنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالىغان؟ ئۇنداقتا، پەرۋەردىگارىڭلار يېرۇسالېمنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالامدۇ؟»
ئۈزۈمزارلىقلىرىنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بېرىمەن، ‹بالايىئاپەت جىلغىسى›نى ‹ئۈمىد دەرۋازىسى›غا ئايلاندۇرىمەن. ئۇ ياشلىقىدا مىسىردىن چىققان چاغدا، ماڭا ئەگەشكەندەك ئەگىشىدۇ.
سېنى ئەمرىمگە ئالىمەن ۋە ساڭا ۋاپادار بولىمەن. شۇندىلا سەن مەن پەرۋەردىگارنى تونۇيسەن.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئىسرائىل خەلقىنى بالا ۋاقتىدا سۆيدۈم. ئوغلۇمنى مىسىردىن مەن چاقىردىم.
مەن سىلەرگە پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق نۇرغۇن غايىبانە ئالامەتلەرنى كۆرسەتتىم ۋە تەمسىللەرنى سۆزلىدىم.»
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ھېلىقى بېلىققا بۇيرۇق قىلدى. بېلىق يۇنۇسنى قۇرۇقلۇققا قۇسۇپ چىقاردى.