3 شۇڭا ئۇلار خۇددى سەھەردىكى تۇمان ۋە ئەتىگەندىكى شەبنەمدەك، خامان ئۈستىدە ئۇچۇپ يۈرگەن توپاندەك، تۇرخۇندىن ئۇچۇپ چىققان ئىستەك بىر دەمدىلا غايىب بولىدۇ.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، سىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلاي؟ ئەي يەھۇدىيە خەلقى، سىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلاي؟ سىلەرنىڭ مۇھەببىتىڭلار سەھەردىكى سۇس تۇمانغا ئوخشايدۇ، خۇددى شەبنەمدەك غايىب بولىدۇ.
بىراق يامانلار ئوخشىماس ئۇلارغا، ئۇلار ئوخشار شامالدا سورۇلغان توپانغا.
شامال ئۇچۇرۇپ كەتكەندەك ئىس-تۈتەكنى، خۇدا جەزمەن يوق قىلىدۇ رەزىللەرنى. ھالاك بولار رەزىللەر خۇدا ئالدىدا، خۇددى مومدەك ئېرىگەن ئوتتا.
شۇنىڭ بىلەن پارچىلانغان تۆمۈر، ساپال، تۇچ، كۈمۈش ۋە ئالتۇن پارچىلىرى خۇددى يازدا خاماندىكى ساماننى بوران ئۇچۇرۇپ كەتكەندەك غايىب بولۇپ، ھەيكەلنىڭ پارچىلىرىدىن ھېچبىر ئەسەر قالمىدى. ئەمما ھەيكەلنى چېقىپ تاشلىغان ھېلىقى قورام تاش چوڭ بىر تاغقا ئايلىنىپ، پۈتۈن يەر يۈزىنى قاپلىدى.
گەرچە ئۇلار دېڭىز شاۋقۇنىدەك سۈرەن سېلىپ كەلسىمۇ، خۇدانىڭ ئەيىبلىشى بىلەن يىراقلارغا قېچىپ كېتىدۇ. ئۇلار خۇددى ئېدىرلىقتا شامال ئۇچۇرغان ساماندەك، بوران ئۇچۇرغان توزاندەك قېچىپ كېتىدۇ.
ئۇلار قاچان شامالدا قالغان ساماندەك، بوران ئۇچۇرۇپ كەتكەن توپاندەك بولۇپ باققان؟
مېنى قورقۇنچ باستى، ئىززەت-ھۆرمىتىم شامالدا ئۇچۇپ كەتتى، نىجاتلىقىم بۇلۇتتەك تاراپ كەتتى.
ۋاقتىڭلار توپىدەك توزۇماستا ۋە بەلگىلەنگەن ۋاقىت يېتىپ كەلمەستە، پەرۋەردىگارنىڭ غەزەپ ئوتى يانماستا، ئۇنىڭ قەھر-غەزەپ كۈنى يېتىپ كەلمەستە ئۇيقۇڭنى ئاچ!
خەلقىم خاتىرجەم ھالدا زىرائەتلەرنى تېرىيدۇ. ئۈزۈم تاللىرى ساپاق-ساپاق ئۈزۈملەرگە تولىدۇ. ئاسماندىن شەبنەم چۈشۈپ، زېمىن مول ھوسۇل بېرىدۇ. مەن ئامان قالغان خەلقىمگە بۇ بەختنى ئاتا قىلىمەن.