Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ھوشىيا 13:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 مەن غەزەپلەنسەممۇ، يەنىلا سىلەرگە پادىشاھ بەردىم. ئەمدى دەرغەزەپ بىلەن پادىشاھىڭلارنى ئەمەلدىن قالدۇرىمەن.

Gade chapit la Kopi




ھوشىيا 13:11
18 Referans Kwoze  

لېكىن ئەمدى سىلەر مېنى، يەنى ئۆزۈڭلارنى پۈتۈن بالايىئاپەت ۋە مۇشەققەتلەردىن قۇتقۇزغان خۇدايىڭلارنى رەت قىلىپ، ئۆزۈڭلارغا بىر پادىشاھ تەيىنلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلدىڭلار. ئەمدى سىلەر قەبىلە ۋە جەمەت تەرتىپى بويىچە مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ھازىر بولۇڭلار.»


ئۇ چاغدا ئۇلار: «بىز پەرۋەردىگارغا ھۆرمەت قىلمىغانلىقىمىز ئۈچۈن، بىزنىڭ پادىشاھىمىز يوق. پادىشاھىمىز بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇ بىزگە نېمە قىلىپ بېرەتتى؟» دەيدۇ.


كۆپىيەر ھۆكۈمدارلار گۇناھ كۆپەيسە يۇرتتا، مۇقىملىق داۋاملىشار دانا ۋە بىلىملىك ھۆكۈمدار بولغاندا.


پەرۋەردىگار سامۇئىلغا مۇنداق دېدى: _ مەن سائۇلنىڭ ئىسرائىلىيەگە داۋاملىق پادىشاھ بولۇشىنى رەت قىلغان تۇرسام، سەن تېخىچە ئۇنىڭ ئۈچۈن قايغۇرىۋاتامسەن؟ سەن مۈڭگۈزگە زەيتۇن يېغى تولدۇرۇپ، بەيتلەھەملىك يىشاينىڭ ئۆيىگە بارغىن. مەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرىنى پادىشاھلىققا تاللىماقچىمەن.


مانا سائۇل، سىلەر تەلەپ قىلغان ۋە تاللىغان پادىشاھتۇر! قاراڭلار، شۇنداق، پەرۋەردىگار سىلەرگە ئۈستۈڭلاردىن ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۈچۈن بىر پادىشاھ بەردى.


سامارىيەنىڭ پادىشاھى ھالاك بولىدۇ، ئۇ خۇددى سۇ ئۈستىدە لەيلەپ يۈرگەن قۇرغاق شاختەك غايىب بولىدۇ.


سامۇئىل ئىسرائىل خەلقىنى مىزپاھقا، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا چاقىردى


سامۇئىل: _ مەن سەن بىلەن بىرگە قايتمايمەن. سەن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگارمۇ سېنىڭ داۋاملىق ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى بولۇشۇڭنى رەت قىلدى، _ دېدى.


شۇنىڭغا ئوخشاش، ئىسرائىلىيە خەلقىمۇ بىر مەزگىل پادىشاھسىز ۋە يېتەكچىسىز بولۇپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ قۇربانلىقىمۇ، بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلىرىمۇ، روھانىيلىق پەرتۇقىمۇ ۋە ئۆيلىرىدىكى بۇتلىرىمۇ يوق بولىدۇ.


ئۇلار مەندىن سورىماستىن پادىشاھلارنى تىكلىدى، ماقۇللۇقۇمنى ئالماستىن ئەمەلدارلارنى تەيىنلىدى. ئۇلار ئالتۇن، كۈمۈشتىن بۇت ياساپ، ئۆزلىرىنى ھالاك قىلىدىغان بولدى.


سامۇئىل پۈتۈن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېدى: _ قاراڭلار، مەندىن سورىغىنىڭلارنىڭ ھەممىسىنى بەجا كەلتۈردۈم، سىلەرگە بىر پادىشاھ تەيىنلەپ بەردىم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite