10 پادىشاھىڭلار قېنى؟ ئۇ سىلەرنى ھەممە شەھىرىڭلاردا قۇتقۇزالامدۇ؟ يېتەكچىلىرىڭلار نەدە؟ سىلەر بۇرۇن: ‹بىزگە پادىشاھ ۋە شاھزادىلەر بەرگەيسەن› دەپ يالۋۇردۇڭلار،
ئۇلار مەندىن سورىماستىن پادىشاھلارنى تىكلىدى، ماقۇللۇقۇمنى ئالماستىن ئەمەلدارلارنى تەيىنلىدى. ئۇلار ئالتۇن، كۈمۈشتىن بۇت ياساپ، ئۆزلىرىنى ھالاك قىلىدىغان بولدى.
ئۇ چاغدا ئۇلار: «بىز پەرۋەردىگارغا ھۆرمەت قىلمىغانلىقىمىز ئۈچۈن، بىزنىڭ پادىشاھىمىز يوق. پادىشاھىمىز بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇ بىزگە نېمە قىلىپ بېرەتتى؟» دەيدۇ.
ناتانيەل ھەزرىتى ئەيسانىڭ باشقىلار كۆرەلمەيدىغان ئىشلارنى كۆرەلەيدىغانلىقىدىن ھەيران بولۇپ: - ئۇستاز، سىز شەكسىزكى خۇدانىڭ ئوغلى، ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى ئىكەنسىز! - دەپ ئېتىراپ قىلدى.
پەرۋەردىگار پۈتۈن يەر يۈزىنىڭ پادىشاھى بولىدۇ. ئۇ كۈن كەلگەندە، ھەممە ئادەم ئۇنىڭ يېگانە پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى ۋە نامىنىڭمۇ يېگانە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشىدۇ.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر مىسىردىن چىققاندىن بېرى، مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلاردۇرمەن. مەندىن باشقا خۇداغا ئېتىقاد قىلماڭلار، مەندىن باشقا قۇتقۇزغۇچىڭلار يوقتۇر.
قەدىرلىك خەلقىمنىڭ بۇ زېمىننىڭ ھەممە يەرلىرىدە يىغلاۋاتقىنىنى ئاڭلىدىم. ئۇلار: «سىئوندا ئەمدى پەرۋەردىگار يوقمۇ؟ سىئوننىڭ پادىشاھى ئەمدى بۇ يەردە تۇرمامدۇ؟» دەپ يىغلايدۇ. پەرۋەردىگار: «ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئۇلار يات ئەللەرنىڭ ئەرزىمەس بۇتلىرىغا چوقۇنۇپ، غەزىپىمنى قوزغايدۇ؟» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلار ياسىۋالغان ئىلاھىڭلار قېنى؟ قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، ئۇلار سىلەرنى قۇتقۇزسۇن. ئەي يەھۇدىيە خەلقى، سىلەرنىڭ قانچە شەھەرلىرىڭلار بولسا شۇنچىلىك ئىلاھلىرىڭلار بار!
مەن سىلەرنى تاللىغان مۇقەددەس پەرۋەردىگارىڭلار، ئىسرائىللارنىڭ ياراتقۇچىسى، سىلەرنىڭ پادىشاھىڭلاردۇرمەن.»
پەرۋەردىگار بىزنىڭ سوتچىمىز. پەرۋەردىگار بىزنىڭ ھۆكۈمرانىمىز. پەرۋەردىگار بىزنىڭ پادىشاھىمىز، ئۇ بىزنى قۇتقۇزىدۇ.
خۇشال بولسۇن ئىسرائىللار ياراتقۇچىسىدىن، شادلانسۇن سىئوننىڭ پەرزەنتلىرى پادىشاھى خۇدادىن.
بەرھەق، بىزنىڭ پادىشاھىمىز مەنسۇپتۇر پەرۋەردىگارغا، تەۋەدۇر ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇداغا.
ئەزەلدىن بىزگە شاھ بولۇپ كەلگەنىدىڭ خۇدا، قازانغانتىڭ غەلىبىلەرنى بىز ئۈچۈن زېمىنىمىزدا.
ئى خۇدا مېنىڭ پادىشاھىمسەن، ياقۇپ نەسلىگە غەلىبە ئاتا قىلغۇچىسەن.
مەڭگۈلۈك پادىشاھتۇر پەرۋەردىگار، يوقىلار زېمىنىدىن ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلمىغانلار.
كېيىنكى ۋاقىتلاردا ھوشىيا بۇرۇنقى يىللاردىكىدەك ئالۋان-سېلىق تاپشۇرماي، پىرئەۋن سوھقا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئاسسۇر پادىشاھىغا ئاسىيلىق قىلماقچى بولدى. بۇنى بىلىپ قالغان ئاسسۇر پادىشاھى ئۇنى تۇتۇپ، زىندانغا تاشلىدى.
شىمالدىكى ئىسرائىللار ياروبئامنىڭ مىسىردىن قايتىپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپلا، دەرھال ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى كېڭەشكە چاقىرتىپ كەلدى ۋە ئۇنى ئۆزلىرىگە، يەنى شىمالدىكى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ قىلىپ تىكلەشتى. پەقەت يەھۇدا قەبىلىسىلا داۋۇت خانىدانلىقىغا سادىق بولۇپ قالدى.
شۇنىڭغا ئوخشاش، ئىسرائىلىيە خەلقىمۇ بىر مەزگىل پادىشاھسىز ۋە يېتەكچىسىز بولۇپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ قۇربانلىقىمۇ، بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلىرىمۇ، روھانىيلىق پەرتۇقىمۇ ۋە ئۆيلىرىدىكى بۇتلىرىمۇ يوق بولىدۇ.
ئۇلارنىڭ غەزىپى خۇددى تونۇردىكى ئوتقا ئوخشاش پادىشاھلىرىنى يۇتۇپ كېتەر. شۇنچە كۆپ پادىشاھلىرى قەستلەپ ئۆلتۈرۈلسىمۇ، ھېچكىم مەندىن ياردەم سورىمىدى.
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: سەن خەلقنىڭ ئېيتقانلىرىغا قۇلاق سالغىن! ئۇلار سېنى ئەمەس، بەلكى مېنى تەرك ئەتتى. ئۇلار مېنىڭ ئۇلارغا داۋاملىق پادىشاھ بولۇشۇمنى خالىمايدۇ.
پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھ _ ھاياتىمىزنىڭ يىلتىزى چۈشتى ئۇلارنىڭ قىلتىقىغا. ئۈمىد قىلغانىدۇق بىز ئەسلى، ياشايمىز دەپ ئەللەر ئارا پادىشاھىمىزنىڭ سايىسىدا.