Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ھوشىيا 12:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 ئۇ پەرىشتە بىلەن چېلىشىپ، ئۇنىڭدىن ئۈستۈن كەلدى. كېيىن ئۇ يىغلاپ، پەرىشتىدىن بەخت تىلىدى. ئۇ بەيتەلدە خۇدا بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ يەردە خۇدا ھەممىمىز بىلەن پاراڭلاشتى.

Gade chapit la Kopi




ھوشىيا 12:4
18 Referans Kwoze  

قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مانا، ئەمدى مەن پەرۋەردىگار ئۆز ئەلچىمنى ئەۋەتىمەن. ئۇ ماڭا يول ھازىرلايدۇ. ئۇ توساتتىن ئۆز ئىبادەتخانىسىغا كېلىدۇ. ئۇ سىلەر تەلمۈرۈۋاتقان ئىگەڭلار شۇدۇر. سىلەر تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقان ئەھدە خەۋىرىنى يەتكۈزگۈچى ئەلچى ئۇنىڭ ئۆزىدۇر. ئۇ چوقۇم كېلىدۇ!


ئۇ خۇدا ئۆزىگە كۆرۈنگەن بۇ جاينى بەيتەل [مەنىسى «خۇدانىڭ ئۆيى»] دەپ ئاتىدى.


ئەيسا مەسىھ يەر يۈزىدىكى ۋاقتىدا، ئۆزىنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزالايدىغان خۇدانىڭ ئالدىدا قاتتىق يىغلاپ تۇرۇپ، كۆز ياشلىرى بىلەن دۇئا-تىلاۋەت قىلغان. ئۇنىڭ ئىخلاسمەنلىكىدىن دۇئالىرى خۇداغا يەتكەنىدى.


كېيىن ھايات ياشاۋاتقان بىزلەر، يەنى بۇ دۇنيادا ھايات كەچۈرۈۋاتقانلار ئاشۇ ئۆلگەنلەر بىلەن بىرلىكتە رەببىمىز بىلەن ئاسماندا كۆرۈشۈش ئۈچۈن، بۇلۇتلار ئارىسىغا كۆتۈرۈلىمىز. شۇنىڭدىن كېيىن، رەببىمىز بىلەن مەڭگۈ بىرگە بولىمىز.


ئۇلار ئازاب چەككەندە، ئۇمۇ ئۇلار بىلەن تەڭ ئازاب چەكتى، ئۆز پەرىشتىسىنى ئۇلارنى قوغداشقا ئەۋەتتى. ئۇ مۇھەببىتى ۋە ئىچ ئاغرىتىشى بىلەن ئۇلارنى قوغدىدى. بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا پەرۋەردىگار ئۇلارنى كۆتۈرۈپ ماڭغانىدى.


ئۇ يول ئاچتى دېڭىزنى يېرىپ، مېڭىپ ئۆتتى خەلقلەر قۇرغاق يولدىن. تەنتەنە قىلدۇق مىننەتدار بولۇپ خۇدادىن.


يۈسۈپكە بەخت تىلەپ، مۇنداق دۇئا قىلدى: «بوۋىلىرىم ئىبراھىم بىلەن ئىسھاق يولىدا ماڭغان خۇدا بۇ ئىككى نەۋرەمنى بەختلىك قىلغاي. مېنى بۈگۈنگىچە يېتەكلەپ كەلگەن خۇدا ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلغاي.


ياقۇپ ئۇنىڭدىن: _ ئېيتقىن، ئىسمىڭ نېمە؟ _ دەپ سورىدى. ھېلىقى كىشى: _ نېمىشقا ئىسمىمنى سورايسەن، _ دېدى ۋە ياقۇپقا بەخت ئاتا قىلدى.


ئۆزى بۇ تەرەپتە يالغۇز قالدى. ئۇ شۇ يەردە بىر كىشى بىلەن تاڭ ئاتقۇچە چېلىشتى.


ئۇ كىشى: _ تاڭ ئاتاي دەپ قالدى، مېنى قويۇپ بەر! _ دېدى. _ سەن ماڭا بەخت ئاتا قىلمىغۇچە، قويۇپ بەرمەيمەن، _ دېدى ياقۇپ.


كېيىن تۇغۇلغىنى تۇغۇلغاندا، ئەساۋنىڭ تاپىنىنى چىڭ تۇتۇۋالغان ھالەتتە تۇغۇلدى. شۇڭا ئۇنىڭ ئىسمىنى ياقۇپ [مەنىسى «تاپىنىغا ئېسىلىۋالغۇچى»] دەپ قويدى. ئۇلار تۇغۇلغاندا ئىسھاق 60 ياشقا كىرگەنىدى.


ئۇ كىشى ياقۇپتىن ئۈستۈن كېلەلمەيدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، ئۇنىڭ ساغرىسىغا ئۇرۇپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ياقۇپنىڭ سۆڭگىچى ئورنىدىن چىقىپ كەتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite