Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ھوشىيا 12:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 ياقۇپ ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىدا ئاكىسىنىڭ تاپىنىنى تۇتۇۋالغانىدى، كېيىن ئۇ چوڭ بولۇپ، خۇدا بىلەن چېلىشتى.

Gade chapit la Kopi




ھوشىيا 12:3
14 Referans Kwoze  

كېيىن تۇغۇلغىنى تۇغۇلغاندا، ئەساۋنىڭ تاپىنىنى چىڭ تۇتۇۋالغان ھالەتتە تۇغۇلدى. شۇڭا ئۇنىڭ ئىسمىنى ياقۇپ [مەنىسى «تاپىنىغا ئېسىلىۋالغۇچى»] دەپ قويدى. ئۇلار تۇغۇلغاندا ئىسھاق 60 ياشقا كىرگەنىدى.


خۇدا ئۇنىڭغا: «چوڭى كىچىكىگە خىزمەت قىلىدۇ» دېگەنىدى. چۈنكى، بىر ئاتىدىن بولغان بۇ قوشكېزەكلەر، يەنى ئەساۋ بىلەن ياقۇپ تېخى تۇغۇلمىغان، دېمەك ئۇلار بىرەر ياخشى ياكى يامان ئىشمۇ قىلماستا، خۇدا ئاللىقاچان ئۇلاردىن بىرنى تاللىغانىدى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، خۇدانىڭ ئادەملەرنى تاللىشى ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەلىيىتىگە ئەمەس، پەقەت ئۆزىنىڭ ئىرادىسىگە، يەنى ئۆز چاقىرىقىغا ئاساسلانغان.


شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەلىكلەرگە قاتتىق غەزەپلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى يەھۇدا قەبىلىسىدىن باشقا ھەممە قەبىلىنى ئۆزىنىڭ نەزىرىدىن يىراق قىلدى.


نەتىجىدە پەرۋەردىگار بارلىق ئىسرائىل ئەۋلادلىرىنى رەت قىلىپ، ئۇلارنى رەھىمسىز دۈشمەنلەرنىڭ قولىغا چۈشۈردى. ئاخىرىدا ئۇلارنى ئۆزىنىڭ نەزىرىدىن يىراق قىلدى.


ئاخىرى پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ خىزمەتكارلىرى بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئېيتقىنىدەك، ئىسرائىلىيەلىكلەرنى ئۆزىنىڭ نەزىرىدىن يىراق قىلىپ، ئۇلارنى ئۆز ۋەتىنىدىن ئاسسۇرغا سۈرگۈن قىلدى. شۇنىڭدىن بېرى ئۇلار شۇ يەردە ياشىماقتا.


شۇڭا، مەن پەرۋەردىگار سىلەرنى ۋە نەۋرەڭلارنى سوراققا تارتىمەن.


ئەي ئىسرائىل زېمىنى، تۈگىشىدىغان ۋاقتىڭ كەلدى، ساڭا غەزەپ قىلىمەن. مەن تۇتقان يولۇڭ ئۈچۈن ئۈستۈڭدىن ھۆكۈم چىقىرىمەن، سېنىڭ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىڭ ئۈچۈن سېنى جازالايمەن.


سىلەرگە ئەمدى غەزىپىمنى ياغدۇرۇپ، ئاچچىقىمنى چىقىرىمەن. سىلەرنى گۇناھىڭلار سەۋەبلىك سوراققا تارتىمەن ۋە يىرگىنچلىك قىلمىشىڭلار ئۈچۈن جازالايمەن.


ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار! ئۇ سىلەرنى، يەنى بۇ زېمىندا ياشاۋاتقانلارنى ئەيىبلەيدۇ. بۇ زېمىندا ياشاۋاتقان كىشىلەر ساداقەتسىز ۋە مېھىر-مۇھەببەتسىزدۇر، ئۇلار خۇدانى تونۇمايدۇ.


كەلگۈسىدە خەلقىم قانداق بولسا، سىلەر روھانىيلارمۇ شۇنداق بولىسىلەر. مەن ھەممىڭلارنى تۇتقان يوللىرىڭلارغا، قىلغان قىلمىشىڭلارغا يارىشا جازالايمەن.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «يەھۇدىيە خەلقى گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلدى. مەن ئۇلارنى جازالىماي قويمايمەن! ئۇلار مېنىڭ قانۇنۇمدىن يۈز ئۆرۈپ، ئەمرلىرىمگە بويسۇنمىدى. ئۇلار بۇتلارغا چوقۇنۇپ، ھەق يولدىن ئازدى. ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىمۇ شۇنداق قىلغانىدى.


ئەي تاغلار، پەرۋەردىگارنىڭ ئەيىبلىشىنى ئاڭلاڭلار! ئەي زېمىننىڭ مەڭگۈلۈك ئۇللىرى، قۇلاق سېلىڭلار. چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ ئۈستىدىن دەۋا ئېچىۋاتىدۇ، ئىسرائىللارنى ئەيىبلەۋاتىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite