Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ھوشىيا 12:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 پەرۋەردىگار يەھۇدىيەنى ئەيىبلەيدۇ، ياقۇپنى تۇتقان يولىغا لايىق، قىلمىشلىرىغا مۇۋاپىق جازالايدۇ.

Gade chapit la Kopi




ھوشىيا 12:2
32 Referans Kwoze  

ئەي تاغلار، پەرۋەردىگارنىڭ ئەيىبلىشىنى ئاڭلاڭلار! ئەي زېمىننىڭ مەڭگۈلۈك ئۇللىرى، قۇلاق سېلىڭلار. چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ ئۈستىدىن دەۋا ئېچىۋاتىدۇ، ئىسرائىللارنى ئەيىبلەۋاتىدۇ.


ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار! ئۇ سىلەرنى، يەنى بۇ زېمىندا ياشاۋاتقانلارنى ئەيىبلەيدۇ. بۇ زېمىندا ياشاۋاتقان كىشىلەر ساداقەتسىز ۋە مېھىر-مۇھەببەتسىزدۇر، ئۇلار خۇدانى تونۇمايدۇ.


مەن ئاسسۇرلارنى ئىتائەتسىز خەلقنى جازالاشقا ئەۋەتىمەن، مېنى غەزەپلەندۈرگەن بۇ ئىسرائىل خەلقىگە ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇيمەن. ئاسسۇرلار ئۇلارنى بۇلاپ، مال-مۈلۈكىنى ئېلىپ كېتىدۇ، ئۇلارنى كوچىدىكى پاتقاقنى پېتىقلىغاندەك پېتىقلايدۇ.


ئۆز-ئۆزۈڭلارنى ئالدىماڭلار، ئۆز-ئۆزۈڭلارنى ئالدىغان بىلەن، خۇدانى ئالدىيالمايسىلەر. كىم نېمە تېرىسا، شۇنى ئالىدۇ.


خۇدا ھەركىمنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ ئىش كۆرىدۇ،


ئىنسانئوغلى بولغان مەن ئاتامنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە پەرىشتىلىرى بىلەن كېلىپ، ھەممە ئادەمنىڭ ئۆز ئەمەلىيىتىگە تۇشلۇق جاۋاب قايتۇرىمەن.


ئۇلار ماڭا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپ، گۆشلىرىنى ئۆزلىرى يېيىشتى. لېكىن مەن پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ بۇ قۇربانلىقلىرىنى قوبۇل قىلمايمەن. مەن ئۇلارنىڭ رەزىللىكلىرىنى ئېسىمدە تۇتۇپ، ئۇلارنى جازالايمەن. مەن چوقۇم ئۇلارنى مىسىرغا قايتۇرۇۋېتىمەن.


كەلگۈسىدە خەلقىم قانداق بولسا، سىلەر روھانىيلارمۇ شۇنداق بولىسىلەر. مەن ھەممىڭلارنى تۇتقان يوللىرىڭلارغا، قىلغان قىلمىشىڭلارغا يارىشا جازالايمەن.


ئۇ بۇت ئىلاھى بائالغا ئاتاپ كۈجە كۆيدۈرگەن كۈنلەر ئۈچۈن، ئۇنى جازالايمەن. ئۇ كۈنلەردە ئۇ ئۈزۈك ۋە زىبۇ-زىننەتلەرنى ئېسىپ، ئاشنىلىرىغا دۈم چۈشۈپ، مېنى ئۇنتۇدى. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


ئۇرۇش ئاۋازلىرى زېمىننىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە ئاڭلىنىدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگار خەلقلەرنى سوراققا تارتىدۇ. ئۇ بارلىق ئىنسانلار ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىپ، رەزىللەرنى ئۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلۈشكە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. مانا بۇ، پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»


ئۇ ھەر كىمنىڭ قىلمىشىغا قاراپ قايتۇرىدۇ، دۈشمەنلىرىگە غەزەپلىنىدۇ، ئۇلارنى جازالايدۇ، يىراق ئارالدىكىلەرگىمۇ قىلمىشىغا يارىشا قايتۇرىدۇ.


ئۇ چاغدا پەرۋەردىگار پەلەكتىكى كۈچلەرنى، يەر يۈزىدىكى پادىشاھلارنى جازالايدۇ.


پەرۋەردىگار ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ قولى بىلەن سىئون تېغى ۋە يېرۇسالېمنى جازالاپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئاسسۇر پادىشاھىنى ئۇنىڭ ماختانچاقلىقى ۋە ھاكاۋۇرلۇقى ئۈچۈن جازالايدۇ.


رەزىللەرنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلارنىڭ بېشىغا كۈلپەت چۈشۈپ، قىلغان يامانلىقلىرى ئۆزىگە يانىدۇ.


ئىسرائىلىيە خەلقىنىڭ گىبئاھتىكى بۇرۇنقى چاغلىرىغا ئوخشاش گۇناھى چېكىدىن ئاشتى. خۇدا ئۇلارنىڭ رەزىللىكلىرىنى ئېسىدە ساقلاپ، ئۇلارنى گۇناھلىرى ئۈچۈن جازالايدۇ.


لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پۈتۈن رەزىللىكلىرىنى ئېسىمدە تۇتىدىغانلىقىمنى ئويلىمايدۇ. ئۇلارنىڭ رەزىللىكلىرى ئۆزلىرىنى قورشاۋغا ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى دائىم ئالدىمدا ئاشكارىدۇر.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارنىڭ گىلگالدا قىلغان رەزىللىكلىرى ئۈچۈن مەن ئۇلارغا شۇ يەردە نەپرەتلىنىشكە باشلىدىم. ئۇلارنىڭ قىلغان يامانلىقلىرى تۈپەيلىدىن، ئۇلارنى زېمىنىمدىن قوغلاپ چىقىرىمەن. ئۇلارنى ئەمدى ياخشى كۆرمەيمەن. ئۇلارنىڭ بارلىق يېتەكچىلىرى ئاسىيلاردۇر.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «يەھۇدىيە خەلقى گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلدى. مەن ئۇلارنى جازالىماي قويمايمەن! ئۇلار مېنىڭ قانۇنۇمدىن يۈز ئۆرۈپ، ئەمرلىرىمگە بويسۇنمىدى. ئۇلار بۇتلارغا چوقۇنۇپ، ھەق يولدىن ئازدى. ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىمۇ شۇنداق قىلغانىدى.


كېيىنكى ۋاقىتلاردا ھوشىيا بۇرۇنقى يىللاردىكىدەك ئالۋان-سېلىق تاپشۇرماي، پىرئەۋن سوھقا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئاسسۇر پادىشاھىغا ئاسىيلىق قىلماقچى بولدى. بۇنى بىلىپ قالغان ئاسسۇر پادىشاھى ئۇنى تۇتۇپ، زىندانغا تاشلىدى.


«ئەقىللىق ئادەم مۇنداق ھېكمەتسىز سۆزلەرنى قىلامدۇ؟ بۇ شامال بىلەن قورساق تويدۇرغاندەك ئىش ئەمەسمۇ؟


لېكىن ئۇلارنىڭ ماختاشلىرى ئېغىزدا ئىدى، تىللىرىدا دېگەنلىرى يالغان ئىدى.


ئۇلار ئانىدىن قانداق تۇغۇلغان بولسا، يەنە شۇنداق كېتىدۇ. بىر ئۆمۈر جاپالىق ئىشلەپ تاپقان بايلىقلىرىنىڭ بىر تىللاسىنىمۇ بىللە ئېلىپ كېتەلمەيدۇ.


يەھۇدىيەنىڭ جەنۇبىي چۆللۈكىدىكى ھايۋانلار توغرىسىدىكى ۋەھىي: «يەھۇدىيەنىڭ ئەلچىلىرى ئېشەكلەرگە بايلىقلارنى ئارتىپ، تۆگىلەرگە خەزىنىلىرىنى يۈكلەپ، شىرلار ۋە زەھەرلىك يىلانلار ماكانلاشقان خەتەرلىك زېمىنلاردىن ئېغىر مۈشكۈلات ۋە جاپالار بىلەن ئۆتۈپ، ئۆزلىرىگە قىلچىمۇ ياردەم قىلالمايدىغان بىر دۆلەتكە ئاپىرىپ بېرىدۇ.


ئىسرائىلىيەلىكلەرنى داۋالىماقچى بولغىنىمدا، ئەفرايىمنىڭ گۇناھلىرى، سامارىيەنىڭ رەزىللىكلىرى ئاشكارىلىنىپ قالدى. ئۇلار ئالدامچىلىق قىلىدۇ. ئۆيلەرگە ئوغرىلىققا كىرىدۇ، كوچىلاردا قاراقچىلىق قىلىدۇ.


ئىسرائىلىيە خەلقى خۇددى پاختەكتەك ئەقىلسىز ۋە دۆتتۇر. ئۇلار بىر دەم مىسىردىن ياردەم سورىسا، بىر دەم ئاسسۇرلارغا ئۇچىدۇ.


ئۇلار خۇددى ئىگىسىز ياۋايى ئېشەكتەك، ئاسسۇرغا بېرىپ، ئۇلاردىن ياردەم تىلىدى. ئىسرائىلىيە خەلقى ئۆزلىرىنى ئاشنىلىرىغا ساتتى.


گەرچە ئىسرائىلىيە ئۆزلىرىنى باشقا ئەللەرگە ساتقان بولسىمۇ، مەن ئەمدى ئۇلارنى يىغىپ، بىراقلا جازالايمەن. ئۇلار كۈچلۈك پادىشاھنىڭ زۇلۇمىدا ئازابلىنىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite