ھوشىيا 11:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى9 مەن سېنى قەھر-غەزىپىم بىلەن جازالىمايمەن ھەم سېنى ۋەيران قىلىشنى قايتا ئويلىمايمەن. چۈنكى مەن ئىنسان ئەمەس، خۇدادۇرمەن، ئاراڭلاردىكى مۇقەددەس خۇدادۇرمەن. مەن غەزەپ بىلەن كەلمەيمەن. Gade chapit la |
ئاماسا يوئابنىڭ سول قولىدىكى خەنجەرنى بايقىمىدى. شۇ چاغدا يوئاب خەنجىرى بىلەن ئۇنىڭ قورسىقىنى يېرىۋەتتى. ئۇنىڭ ئىچ-قارنى يەرگە شاللاقىدە چۈشتى. ئاماساغا ئىككىنچى خەنجەر ئۇرۇشنىڭ ئورنى قالمىدى. ئۇنىڭ جېنى دەرھال چىقتى. شۇنىڭدىن كېيىن يوئاب ۋە ئاكىسى ئابىشايلار بىكرىنىڭ ئوغلى شىبانى داۋاملىق قوغلاشقا ماڭدى.
مىسىردىن ياردەم سورىغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىشەنچىسىنى مىسىرلىقلارنىڭ ئاتلىرىغا باغلىدى، ئۈمىدلىرىنى مىسىرنىڭ كۆپلىگەن جەڭ ھارۋىلىرىغا، جەڭ ھارۋىلىرىنى ھەيدەيدىغان نۇرغۇن ھارۋىكەشلىرىگە باغلىدى، ئۇلار ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇداغا تايانمىدى. ئۇلار پەرۋەردىگاردىن ياردەم تىلىمىدى.