5 لېكىن ئۇلار مىسىرغا قايتۇرۇلىدۇ، ئاسسۇر ئۇلارنى باشقۇرىدۇ. چۈنكى ئۇلار مېنىڭ يولۇمغا قايتىشنى رەت قىلدى.
ئۇلار ماڭا، يەنى مەن ئۇلۇغ خۇدانىڭ يولىغا قايتىشنى خالىمايدۇ. ئۇلار خۇددى كېرەكسىز يادەكتۇر. ئۇلارنىڭ يېتەكچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئېيتقان ئەسەبىي سۆزلىرى سەۋەبىدىن قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدۇ ۋە مىسىرلىقلارنىڭ مەسخىرىسىگە قالىدۇ.»
ئۇلار ماڭا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپ، گۆشلىرىنى ئۆزلىرى يېيىشتى. لېكىن مەن پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ بۇ قۇربانلىقلىرىنى قوبۇل قىلمايمەن. مەن ئۇلارنىڭ رەزىللىكلىرىنى ئېسىمدە تۇتۇپ، ئۇلارنى جازالايمەن. مەن چوقۇم ئۇلارنى مىسىرغا قايتۇرۇۋېتىمەن.
ئۇ ئاسسۇرغا ئېلىپ بېرىلىپ، قۇدرەتلىك ئاسسۇر پادىشاھىغا سوۋغا قىلىنىدۇ. ئەفرايىم شەرمەندە بولىدۇ، ئىسرائىلىيە ئۈمىدىنى بۇتقا باغلىغانلىقى ئۈچۈن نومۇستا قالىدۇ.
ئەمدى سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ زېمىنىدا قالالمايسىلەر. سىلەر مىسىرغا قايتىسىلەر ھەم ئاسسۇردا ھارام يېمەكلىكلەرنى يەيسىلەر.
شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىلەرنى دەمەشقتىنمۇ تېخىمۇ يىراق بولغان جايلارغا سۈرگۈن قىلىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگار، يەنى قۇدرەتلىك سەردار خۇدانىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»
مەن بارلىق شەھىرىڭلاردا ئاچارچىلىق پەيدا قىلدىم، ھەممە يېزاڭلارنى نانغا زار قىلدىم. شۇنداقتىمۇ، سىلەر يەنىلا يولۇمغا قايتمىدىڭلار. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!
سىلەر ئاپەتتىن قېچىپ قۇتۇلساڭلارمۇ، مىسىر بەرىبىر سىلەرنى بىر يەرگە توپلايدۇ، نوپ شەھىرى سىلەرنى يەرگە كۆمىدۇ. كۈمۈشلىرىڭلار ئازغاننىڭ ئارىسىدا قالىدۇ، چېدىرىڭلارنى تىكەنلەر بېسىپ كېتىدۇ.
كېلىڭلار، بىز پەرۋەردىگارنىڭ يولىغا قايتايلى! ئۇ بىزنى يارىلاندۇردى، لېكىن ئۇ يەنە ئۆزى بىزنى ساقايتىدۇ. ئۇ بىزگە زەربە بەردى، لېكىن ئۇ يارىلىرىمىزنى ئۆزى تاڭىدۇ.
ئىسرائىلىيە ئۆزىنىڭ كېسىلىنى، يەھۇدىيە ئۆزىنىڭ جاراھىتىنى كۆرگەندە، ئىسرائىلىيە بېرىپ، كۈچلۈك ئاسسۇر پادىشاھىدىن ياردەم سورايدۇ. لېكىن ئاسسۇر پادىشاھى ئۇلارنىڭ كېسىلىنى داۋالىيالمايدۇ، جاراھەتلىرىنىمۇ ساقايتالمايدۇ.
ئىسرائىلىيە پادىشاھى پەقاخنىڭ زامانىدا، ئاسسۇر پادىشاھى تىگلات-پىلئەسەر ئىيون، ئابېل-بەيتمائاكا، يانوۋاخ، قەدەش، خازور شەھەرلىرى، گىلئاد بىلەن جەلىلىيە زېمىنلىرى ۋە نافتالى قەبىلىسىنىڭ پۈتۈن زېمىنىنى ئىگىلەپ، خەلقىنى ئەسىر قىلىپ، ئاسسۇرغا ئېلىپ كەتتى.
ئاسسۇر پادىشاھى تىگلات-پىلئەسەر ئىسرائىلىيە زېمىنىغا ھۇجۇم قىلدى. مىناخېم تىگلات-پىلئەسەرگە 36 توننا كۈمۈش بېرىپ، ئۇنىڭدىن پادىشاھلىق ئورنىنى ساقلاپ قېلىشنى ئۆتۈندى.
پادىشاھىڭلارنىڭ جەڭ ئاتلىرى كۆپ بولمىسۇن، مىسىرغا ئادەم ئەۋەتىپ ئات سېتىۋالمىسۇن. چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ مىسىرغا قايتا بارماسلىقىڭلارنى بۇيرۇغان.
مەن خۇددى سودوم بىلەن گومورانى ۋەيران قىلغاندەك، سىلەرنىمۇ ۋەيران قىلدىم. سىلەر خۇددى ئوتتىن تارتىۋېتىلگەن چۇچىلىغا ئوخشاپ قالدىڭلار. لېكىن سىلەر يەنىلا يولۇمغا قايتمىدىڭلار. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!