Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ھوشىيا 11:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 مەن ئۇلارنى مېھرىبانلىق ئارغامچىسى ۋە مۇھەببەت يىپى بىلەن يېتەكلىدىم. ئۇلارنىڭ بوينىدىكى بويۇنتۇرۇقنى بوشىتىپ، ئۇلارغا غىزا بېرىش ئۈچۈن ئېگىلدىم.

Gade chapit la Kopi




ھوشىيا 11:4
14 Referans Kwoze  

مەن يەردىن كۆتۈرۈلگىنىمدە، پۈتكۈل ئىنسانلارنى ئۆزۈمگە جەلپ قىلىمەن، - دېدى.


مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن. مەن سىلەرنى داۋاملىق مىسىرلىقلارنىڭ قۇلى بولمىسۇن دەپ، ئۇ يەردىن ئېلىپ چىقتىم. بوينۇڭلارنى بېسىپ تۇرغان ئېغىر بويۇنتۇرۇقنى پاچاقلاپ تاشلىدىم، سىلەر ئەمدى قەددىڭلارنى رۇسلايسىلەر.»


بىزنى شۇنداق قىلىشقا قىستاۋاتقىنى ئەيسا مەسىھنىڭ مۇھەببىتىدۇر. بىز ئەيسا مەسىھنىڭ ھەممىمىز ئۈچۈن ئۆلگەنلىكىگە ئىشەنگەنىكەنمىز، ئۆزىمىزنىڭ بۇرۇن ياشاپ كەلگەن ھاياتىمىزغا نىسبەتەن ئۆلگەنلىكىمىزگىمۇ ئىشىنىمىز.


لېكىن ئۇ ئۆزىگە ئاشلىق، شاراب، زەيتۇن يېغى ۋە ئالتۇن-كۈمۈش بەرگۈچىنىڭ مەن ئىكەنلىكىمنى بىلمىدى. ئۇ بۇلارنى بۇت ئىلاھى بائالغا ئىشلەتتى.


ئۇلار ئازاب چەككەندە، ئۇمۇ ئۇلار بىلەن تەڭ ئازاب چەكتى، ئۆز پەرىشتىسىنى ئۇلارنى قوغداشقا ئەۋەتتى. ئۇ مۇھەببىتى ۋە ئىچ ئاغرىتىشى بىلەن ئۇلارنى قوغدىدى. بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا پەرۋەردىگار ئۇلارنى كۆتۈرۈپ ماڭغانىدى.


يۈر، قاچايلى، ئېلىپ كەت مېنى، ئېھ پادىشاھىم، ئېلىپ كىرگىن ھۇجراڭغا مېنى. ئى پادىشاھىمىز، شادلىنىمىز خۇشال بولۇپ سېنىڭدىن، سۆيگۈڭنى تەرىپلەيمىز ئارتۇق شارابتىن. ئەجەبلىنەرلىك ئەمەستۇر قىزلارنىڭ سېنى سۆيۈشى، ھەقلىقتۇر ئۇلارنىڭ ساڭا ئاشىق بولۇشى.


ئۇلار خۇدادىن تىلىگەنىدى، بۆدۈنە ئاتا قىلدى، توقلاش ئۈچۈن ئۇلارنى ئاسماندىن نان چۈشۈردى.


مەن ئۇنىڭغا ئاتا بولىمەن، ئۇ ماڭا ئوغۇل بولىدۇ. مۇبادا ئۇ گۇناھ ئۆتكۈزسە، ئاتا بالىسىنى جازالىغاندەك، مەنمۇ ئۇنى جازالايمەن.


مۇسا ئۇلارغا: _ پەرۋەردىگار: «ئەۋلادلىرىڭلارنىڭ مېنىڭ سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، چۆل-باياۋاندا يېمەكلىك بىلەن تەمىنلىگەنلىكىمنى بىلىشى ئۈچۈن، ماننادىن ئىككى قاچا ساقلاپ قويۇڭلار» دېگەنىدى، _ دېدى


پەرۋەردىگار ئۆزى يالغۇز خەلقىنى باشلاپ ماڭغاندا، يات ئەللەرنىڭ ئىلاھلىرى يوق ئىدى يېنىدا.


كالا قېتىقى، قوي سۈتى ئىچكۈزدى. يېگۈزدى سېمىز پاقلان، باشاننىڭ قوي، ئۆچكىلىرىنى ۋە ئەڭ ئېسىل بۇغدايلارنى. ئىچكۈزدى ئۈزۈم شارابىنى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite