ھوشىيا 11:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى10 بىر كۈنى خەلقىم ماڭا ئەگىشىدۇ، مەن شىردەك ھۆركىرەيمەن. ھۆركىرىگىنىمدە، پەرزەنتلىرىم غەرب تەرەپتىن تىترىگەن ھالدا كېلىشىدۇ. Gade chapit la |
مەن پەرۋەردىگار سىلەردىن سورايمەن: سىلەر نېمە ئۈچۈن مەندىن قورقمايسىلەر؟ مېنىڭ ئالدىمدا نېمىشقا تىترىمەيسىلەر؟ مەن دېڭىزغا پاسىل قىلىپ قۇملۇق ساھىلىنى بەرپا قىلدىم، دېڭىز-ئوكيانلار بۇ پاسىلدىن ھەرگىز ئۆتەلمەيدۇ. دېڭىز دولقۇنلىشى مۇمكىن، لېكىن سۇلار ھەرگىز تېشىپ كېتەلمەيدۇ، شاۋقۇن چىقىرىشى مۇمكىن، لېكىن ئۇلار ھەرگىز پاسىلدىن ھالقىپ ئۆتەلمەيدۇ.
ئەي پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ھۆرمەتلەيدىغانلار، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاڭلار. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىدىغان قېرىندىشىڭلار سىلەرنى مېنىڭ نامىمدا قوغلاپ چىقىرىۋېتىپ: ‹پەرۋەردىگار ئۆز شان-شەرىپىنى كۆرسىتىپ باقسۇنچۇ! بىز سىلەرنىڭ قانچىلىك خۇشال بولىدىغانلىقىڭلارنى كۆرۈپ باقايلى!› دېيىشىدۇ. لېكىن ئاخىرى ئۆزلىرى نومۇستا قالىدۇ.