9 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ئىسرائىلىيەلىكلەر، گىبئاھتا بولغان ۋاقىتتىن بۇيان گۇناھ قىلىپ كەلدىڭلار، پەقەت ئۆزگەرمىدىڭلار. ئەجەبا ئۇرۇش بالاسى قايتىدىن گىبئاھقا كەلمەسمۇ؟!
ئىسرائىلىيە خەلقىنىڭ گىبئاھتىكى بۇرۇنقى چاغلىرىغا ئوخشاش گۇناھى چېكىدىن ئاشتى. خۇدا ئۇلارنىڭ رەزىللىكلىرىنى ئېسىدە ساقلاپ، ئۇلارنى گۇناھلىرى ئۈچۈن جازالايدۇ.
كېچىدە گىبئاھلىقلارنىڭ ئاقساقاللىرى كېلىپ، مەن چۈشكەن ئۆينى قورشىۋېلىپ مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولدى. ئۇلار مېنىڭ خوتۇنۇمغا پەسكەشلىك قىلىپ، ئۇنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولدى.
پەرۋەردىگار قۇربانلىقنىڭ خۇش پۇرىقىدىن مەمنۇن بولۇپ، كۆڭلىدە: «ئىنسانلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۈچۈن ئەمدى زېمىننى قارغىمايمەن. ئىنسانلارنىڭ تۇغۇلغاندىن تارتىپ نىيىتىنىڭ يامانلىقىنى بىلىمەن. شۇنداقتىمۇ، بۇنىڭدىن كېيىن يەر يۈزىدىكى بارلىق جانلىقلارنى ھەرگىز بۇ قېتىمقىدەك پۈتۈنلەي يوقىتىۋەتمەيمەن.
پەرۋەردىگار ئىنسانلارنىڭ شۇنچىلىك رەزىل ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ نىيىتىنىڭ ھەرقاچان يامان ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ،
گىبئاھ شەھىرىدە بۇرغا، راماھ شەھىرىدە كاناي چېلىڭلار، بەيتئاۋەندا ئۇرۇشتىن ئاگاھلاندۇرۇڭلار. ئەي بىنيامىنلار، ھەممىدىن بۇرۇن جەڭگە ئاتلىنىڭلار!
ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ گۇناھ سادىر قىلغان سەجدىگاھلىرى ۋەيران قىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى تىكەن ۋە ئازغان بېسىپ كېتىدۇ. ئىسرائىلىيەلىكلەر تاغلارغا: «بىزنى بېسىڭلار!»، ئېدىرلارغا: «ئۈستىمىزگە غۇلاڭلار» دەپ ئۆتۈنىدۇ.
مەن خالىغان ۋاقتىمدا سىلەرنى جازالايمەن. ئەللەر بىرلىشىپ، سىلەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ. قوش گۇناھلىرىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى جازالايدۇ.