4 ھەقىقەتەن پادىشاھلار يالغان گەپ قىلىدۇ، يالغان قەسەم قىلىدۇ، يالغاندىن ئىتتىپاق تۈزىدۇ. شۇڭا ئېتىزلاردا زەھەرلىك چۆپلەر كۆپىيىپ كەتكەندەك، دەۋالارمۇ كۆپىيىپ كەتتى.
ئات قىيا تاشلار ئۈستىدە چاپالامدۇ؟ ئۆكۈز دېڭىزنى يەردەك ئاغدۇرالامدۇ؟ لېكىن سىلەر شۇنداق قىلىپ، ئادالەتنى زەھەرگە ئايلاندۇردۇڭلار، ھەققانىيەتنىڭ شېرىن مېۋىلىرىنى قىرتاق قىلدىڭلار.
سىلەر ئادالەتنى قىرتاق قىلدىڭلار، ھەققانىيلىقنى چۆرۈپ تاشلىدىڭلار.
سىلەر باشقىلارنى قارغايسىلەر، يالغان سۆزلەيسىلەر، قاتىللىق، ئوغرىلىق ۋە زىنا قىلىسىلەر. قان ئۈستىگە قان تۆكىسىلەر، گۇناھلىرىڭلارنىڭ چېكى يوقتۇر.
دىققەت قىلىڭلاركى، ھېچكىم خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىدىن مەھرۇم قالمىسۇن. سىلەرگە زىيان يەتكۈزىدىغان ۋە كۆپچىلىكنى زەھەرلەيدىغان، ئاداۋەتنىڭ گىياھى ئاراڭلاردا يىلتىز تارتمىسۇن.
نادان، ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان، كۆيۈمسىز ۋە رەھىمسىز ئىنسانلاردۇر.
چۈنكى، سېنىڭ ھەسەتكە تولۇپ، گۇناھنىڭ تورىدا ئىكەنلىكىڭ ماڭا مەلۇم.
لېكىن ئۇلار ئادامدا ئەھدىنى بۇزدى. شۇ يەردە ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلدى.
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئۈزۈمزارلىقى ئىسرائىل خەلقىدۇر، يەھۇدىيە پۇقراسى ئۇنىڭ خۇشتار بولغان ئۆسۈملۈكىدۇر. ئۇ ئادالەتنى ئارزۇ قىلغانىدى، بىراق قان تۆكۆلۈشنى كۆردى، ئۇ ھەققانىيلىقنى كۈتكەنىدى، بىراق نالە-پەريادنى ئاڭلىدى.
ھوشيار بولۇڭلار، ئاراڭلاردىكى مەيلى ئەر، مەيلى ئايال بولسۇن، مەيلى جەمەت ياكى قەبىلە بولسۇن ھېچقايسىسى پەرۋەردىگارىمىز خۇدادىن يۈز ئۆرۈپ، باشقا ئەللەرنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇنمىسۇن! ئاراڭلاردا زەھەرلىك ۋە ئاچچىق مېۋىلەرنى بېرىدىغان يىلتىز ئۆسمىسۇن!
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ سېنىڭ ئالەمدىن ئۆتىدىغان ۋاقتىڭ يېقىنلىشىپ قالدى. بۇ خەلق ئۇ زېمىنغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇ يەردىكى يات خەلقلەرنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇنۇپ، خۇددى پاھىشىلەردەك ساداقەتسىزلىك قىلىدۇ. ئۇلار مېنى تاشلاپ، مەن بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلىدۇ.
ئۇ چاغدا مەن ئۇلارغا غەزەپلىنىپ، ئۇلارنى تاشلايمەن، ئۇلاردىن دىدارىمنى يوشۇرىمەن. ئۇلار ھالاك بولىدۇ، نۇرغۇن بالايىئاپەتلەرگە ئۇچرايدۇ. شۇ چاغدا ئۇلار: «خۇدا بىزگە يار بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ بالا-قازالار بېشىمىزغا چۈشكەنمىدۇ؟» دېيىشىدۇ.