Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ھوشىيا 10:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 ئۇ چاغدا ئۇلار: «بىز پەرۋەردىگارغا ھۆرمەت قىلمىغانلىقىمىز ئۈچۈن، بىزنىڭ پادىشاھىمىز يوق. پادىشاھىمىز بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇ بىزگە نېمە قىلىپ بېرەتتى؟» دەيدۇ.

Gade chapit la Kopi




ھوشىيا 10:3
14 Referans Kwoze  

ئەي بەيتەللىكلەر، سىلەرمۇ ئوخشاش تەقدىرگە دۇچار بولىسىلەر، چۈنكى رەزىللىكىڭلار چېكىدىن ئاشتى. شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇ، ئۇ كۈن تاڭ ئاتقاندا، ئىسرائىلىيە پادىشاھى پۈتۈنلەي ۋەيران بولىدۇ.»


مەن غەزەپلەنسەممۇ، يەنىلا سىلەرگە پادىشاھ بەردىم. ئەمدى دەرغەزەپ بىلەن پادىشاھىڭلارنى ئەمەلدىن قالدۇرىمەن.


سامارىيەنىڭ پادىشاھى ھالاك بولىدۇ، ئۇ خۇددى سۇ ئۈستىدە لەيلەپ يۈرگەن قۇرغاق شاختەك غايىب بولىدۇ.


- يوقىتىڭ، يوقىتىڭ، ئۇنى كرېستكە مىخلىتىڭ! - دەپ ۋارقىراشتى يەھۇدىيلار. - مېنى پادىشاھىڭلارنى كرېستكە مىخلاتسۇن دەمسىلەر؟ - دېدى ۋالىي پىلاتۇس. ئالىي روھانىيلار: - رىم ئىمپېراتورىدىن باشقا پادىشاھىمىز يوق! - دەپ توۋلاشتى.


ھازىر نېمىشقا ھۆڭرەپ يىغلايسىلەر؟ نېمىشقا تولغىقى تۇتقان ئايالدەك يىغلايسىلەر؟ سىلەرنىڭ پادىشاھىڭلار يوقمۇ؟ دانىشمەنلىرىڭلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ كەتتىمۇ؟


شۇنىڭغا ئوخشاش، ئىسرائىلىيە خەلقىمۇ بىر مەزگىل پادىشاھسىز ۋە يېتەكچىسىز بولۇپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ قۇربانلىقىمۇ، بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلىرىمۇ، روھانىيلىق پەرتۇقىمۇ ۋە ئۆيلىرىدىكى بۇتلىرىمۇ يوق بولىدۇ.


يەھۇدا تۇتار سەلتەنەت ھاسىسىنى، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى يۈرگۈزەر ھاكىمىيەتنى. كېيىن پۈتكۈل ئەل ئۇنىڭغا ئولپان تاپشۇرار، پۈتكۈل خەلق ھەم تەزىم قىلار.


لېكىن ئۇلار مىسىرغا قايتۇرۇلىدۇ، ئاسسۇر ئۇلارنى باشقۇرىدۇ. چۈنكى ئۇلار مېنىڭ يولۇمغا قايتىشنى رەت قىلدى.


ئەگەر سىلەر يەنىلا گۇناھ قىلساڭلار، پادىشاھىڭلارمۇ، ئۆزۈڭلارمۇ بىردەك ھالاك بولىسىلەر، _ دېدى.


ئۇلار خۇدانى مەسخىرە قىلىپ: «قېنى تېز بولسۇن، ئۇ قىلىدىغىنىنى تېز قىلسۇن، بىز كۆرەيلى! ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرسۇنچۇ، بىز بىلەيلى!» دەيدۇ.


يەھۇدىيە پادىشاھى ئۇززىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 39-يىلى يابېشنىڭ ئوغلى شاللۇم ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولۇپ، سامارىيەدە بىر ئاي ھۆكۈمرانلىق قىلدى.


باشپاناھ قىلماق پەرۋەردىگارنى، ئەۋزەلدۇر تايانچ قىلماقتىن ھاكىملارنى.


پادىشاھىڭلار قېنى؟ ئۇ سىلەرنى ھەممە شەھىرىڭلاردا قۇتقۇزالامدۇ؟ يېتەكچىلىرىڭلار نەدە؟ سىلەر بۇرۇن: ‹بىزگە پادىشاھ ۋە شاھزادىلەر بەرگەيسەن› دەپ يالۋۇردۇڭلار،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite