ھوشىيا 10:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى13 لېكىن سىلەر رەزىللىك تېرىپ، ئادالەتسىزلىكتىن ھوسۇل ئالدىڭلار، يالغانچىلىقنىڭ مېۋىسىنى يېدىڭلار. سىلەر ئۆزۈڭلار ئىشەنگەن يولۇڭلاردا ماڭدىڭلار ۋە لەشكەرلىرىڭلارنىڭ كۆپلۈكىگە ئىشەندىڭلار. Gade chapit la |
مەن يەنە قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا مۇسابىقىدە تېز يۈگۈرسىلا مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بولمايدىغانلىقىنى، جەڭدە باتۇر بولسىلا غەلىبە قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، دانا بولسىلا يېمەكلىككە ئېرىشكىلى بولمايدىغانلىقىنى، چېچەن بولسىلا باي بولغىلى بولمايدىغانلىقىنى، بىلىملىك بولسىلا قەدىرلىك بولمايدىغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە پۇرسەت ۋە شارائىتمۇ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى چۈشەندىم.