Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ھوشىيا 1:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 يەھۇدىيەگە ئۇززىيا، يوتەم، ئاخاز ۋە خىزكىيالار ھۆكۈمرانلىق قىلغان زامانلاردا ۋە ئىسرائىلىيەگە يىھوئاشنىڭ ئوغلى ياروبئام II پادىشاھ بولغان ۋاقىتلاردا، بەئەرىنىڭ ئوغلى ھوشىياغا پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلگەنىدى.

Gade chapit la Kopi




ھوشىيا 1:1
26 Referans Kwoze  

بۇ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدانىڭ ھوشىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقىنىدەك: «ئەسلى خەلقىم ھېسابلانمىغان خەلقنى خەلقىم، ئەسلى سۆيگەنلىرىم ھېسابلانمىغانلارنى سۆيگەنلىرىم دەيمەن.» ھوشىيا پەيغەمبەر يەنە ئېيتقانكى:


يەھۇدىيە پادىشاھلىرىدىن يوتەم، ئاخاز ۋە خىزكىيا ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرلەردە، پەرۋەردىگاردىن موراشىت يېزىسىدىكى مىكاھقا ۋەھىيلەر كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا كەلگەن بۇ ۋەھىيلەر سامارىيە ۋە يېرۇسالېم ھەققىدە ئىدى.


يەھۇدىيە پادىشاھلىرى ئۇززىيا، يوتەم، ئاخاز ۋە خىزكىيا زامانىلىرىدا ئاموزنىڭ ئوغلى يەشاياغا يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېم توغرىسىدا تۆۋەندىكى ۋەھىيلەر كەلدى.


ئۇززىيا يەھۇدىيەگە، يىھوئاشنىڭ ئوغلى ياروبئام ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولغان مەزگىللەردە، يەنى قاتتىق يەر تەۋرەشتىن ئىككى يىل ئىلگىرى، تىقوۋالىق چارۋىچى ئاموسقا ئىسرائىلىيە توغرۇلۇق ۋەھىي كېلىشكە باشلىدى.


رىماليانىڭ ئوغلى، يەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھى پەقاخنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئىككىنچى يىلى ئۇززىيانىڭ ئوغلى يوتەم يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولدى.


يىھوئاش ۋاپات بولۇپ، سامارىيەدە ئىلگىرىكى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ قېشىغا دەپنە قىلىندى. ئوغلى ياروبئام II تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.


چۈنكى، ھەرقانداق ۋەھىي ئىنسانلارنىڭ ئىرادىسىدىن كەلمەيدۇ. ئەكسىچە، ئۇلار خۇدانىڭ سۆزلىرى بولۇپ، مۇقەددەس روھنىڭ تەسىرلەندۈرۈشى بىلەن يەتكۈزۈلگەن.


مۇقەددەس يازمىلاردا ئېيتىلغىنى مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ-دە! خۇدا ئۆزىنىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزگەنلەرنى: «ئىلاھلار» دەپ ئاتىغانغۇ!


پېرسىيە پادىشاھى دارىئوسنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 2-يىلىنىڭ 8-ئېيىدا، پەرۋەردىگاردىن بەرەكيانىڭ ئوغلى، ئىددونىڭ نەۋرىسى بولغان زىكىرىيا پەيغەمبەرگە ۋەھىي كەلدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:


بىر كۈنى ئامىتاينىڭ ئوغلى يۇنۇسقا پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلدى.


بۇ پەرۋەردىگاردىن پىتۇئېلنىڭ ئوغلى يوئېلغا كەلگەن ۋەھىيلەردۇر.


(بابىلدىكى كىبار قانىلى بويىدا، بۇزىنىڭ ئوغلى ئەزەكىئەلگە پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلدى ۋە ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا پەرۋەردىگارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى چۈشتى.)


پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:


ئاموننىڭ ئوغلى يوشىيا يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان 13-يىلىدىن باشلاپ ئۇنىڭغا پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كېلىشكە باشلىغان.


يىھوئاش ۋاپات بولدى. ياروبئام II ئۇنىڭ تەختىگە ئولتۇردى. يىھوئاش سامارىيەدە ئىلگىرىكى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ قېشىغا دەپنە قىلىندى.


يوئاشنىڭ ئوغلى، يەنى يەھۇدىيە پادىشاھى ئامازيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 15-يىلى يىھوئاشنىڭ ئوغلى ياروبئام II سامارىيەدە ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولۇپ، 41 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى.


شۇڭا پەرۋەردىگار ئۇززىيانى جازالاپ، ئۇنى ئۆمۈرلۈك تېرە كېسىلىگە گىرىپتار قىلىپ قويدى. شۇڭا ئۇ ئايرىم ئۆيدە تۇردى. بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئوغلى يوتەم ئوردا ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ، خەلققە ھۆكۈمرانلىق قىلدى.


ئۇززىيا ۋاپات بولۇپ، «داۋۇت شەھىرى»دە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى، ئوغلى يوتەم تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.


يوتەم تەختكە چىققان چاغدا 25 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 16 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى زادوقنىڭ قىزى يىرۇشا ئىدى.


ئاخاز تەختكە چىققان چاغدا 20 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 16 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئەجدادى داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئاخاز پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلمىدى.


باشقا قۇربانلىقلار ئۈچۈن 600 تۇياق كالا، 3000 تۇياق قوي ۋە ئۆچكە ھەدىيە قىلىشتى.


پادىشاھ ئۇززىيانىڭ نەۋرىسى، يوتەمنىڭ ئوغلى ئاخاز يەھۇدىيەدە پادىشاھ بولغان مەزگىلدە، سۈرىيە پادىشاھى رىزىن بىلەن رىماليانىڭ ئوغلى، يەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھى پەقاخ يېرۇسالېمغا ئۇرۇش ئاچتى، بىراق غالىب كېلەلمىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite