Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 9:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 ئالتۇن ئىسرىقدان ۋە پۈتۈنلەي ئالتۇن بىلەن قاپلانغان ئەھدە ساندۇقى ئۇ يەردە ئىدى. ساندۇقنىڭ ئىچىدە ئالتۇندىن ياسالغان، ماننا سېلىنغان كومزەك، ھارۇننىڭ بىخلىغان ھاسىسى ۋە پەرزلەر يېزىلغان ئىككى تاش تاختا بار ئىدى.

Gade chapit la Kopi




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 9:4
26 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار مۇساغا: _ ھارۇننىڭ تايىقىنى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىغا قايتا ئاپىرىپ قويغىن. ئۇ قارشى تۇرغۇچىلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن شۇ يەردە ساقلانسۇن. ئەمدى ئۇلارنىڭ ماڭا قارشى شىكايەتلىرى توختىسۇن، شۇندىلا ئۇلار ئۆلمەيدۇ، _ دېدى.


ئەھدە ساندۇقى ئىچىدە مۇسا سىناي تېغىدا سېلىپ قويغان ئىككى تاش تاختىدىن باشقا ھېچ نەرسە يوق ئىدى. ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار سىناي تېغىدا ئۇلار بىلەن ئەھدە تۈزگەنىدى.


ئاندىن ھۇزۇرۇمدىكى قۇربانلىق سۇپىسىدىن چوغ ئېلىپ، ئىسرىقداننى تولدۇرسۇن ۋە يۇمشاق ئېزىلگەن خۇشبۇي ئىسرىقلاردىن بىر ئوچۇم ئېلىپ، پەردىنىڭ كەينىدىكى ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرسۇن


ئون پەرز يېزىلغان تاش تاختىلار سېلىنغان ئەھدە ساندۇقىنى ئۇنىڭ ئىچىگە قويۇپ، ئۇنى پەردە بىلەن توسۇپ قويغىن.


پەردە چېدىر يوپۇقىدىكى قاتار ئىلمەكلەرنىڭ ئاستىغا توغرا كەلسۇن. پەرزلەر يېزىلغان ئىككى تاش تاختا سېلىنغان ئەھدە ساندۇقى پەردىنىڭ كەينىگە قويۇلسۇن. بۇ پەردە ئەڭ مۇقەددەس جاي بىلەن مۇقەددەس جاينى ئايرىپ تۇرىدۇ.


كىمنىڭ تايىقى بىخ چىقارسا، مەن تاللىغان كىشى شۇ بولىدۇ. مەن شۇ ئارقىلىق ئىسرائىللارنىڭ سىلەردىن ئاغرىنىشىنى توختىتىمەن.


مۇسا پەرزلەر يېزىلغان تاش تاختىلارنى ئېلىپ سىناي تېغىدىن چۈشتى. ئۇ پەرۋەردىگار بىلەن سۆزلەشكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ چىرايىدىن نۇر ياغاتتى. بىراق ئۆزى بۇنى بىلمەيتتى.


ئالتۇن ئىسرىقدان تۇتقان يەنە بىر پەرىشتە كېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئالدىدا تۇردى. تەختنىڭ ئالدىدىكى ئالتۇن قۇربانلىق سۇپىسىدا خۇدانىڭ بارلىق مۇقەددەس خەلقىنىڭ دۇئالىرى بىلەن بىللە ئاتاش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا كۆپ ئىسرىق بېرىلدى.


ئىبادەتخانىدا ئەھدە ساندۇقى ئۈچۈن بىر يەر ھازىرلىدىم. مانا ئەھدە ساندۇقىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدىسى، يەنى ئۇ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان چاغدا، ئۇلار بىلەن تۈزگەن ئەھدىسى تۇرۇپتۇ.


ئەھدە ساندۇقى ئىچىدە مۇسا سىناي تېغىدا سېلىپ قويغان ئىككى تاش تاختىدىن باشقا ھېچ نەرسە يوق ئىدى. ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار سىناي تېغىدا ئۇلار بىلەن ئەھدە تۈزگەنىدى.


ئالتۇن پىيالىلەر، ئالتۇن پىلىك قايچىلىرى، ئالتۇن داسلار، ئالتۇن ئىسرىق تەخسىلىرى، ئالتۇن چوغدانلار، ئەڭ مۇقەددەس جاي بولغان ئىچكىرىكى خانىنىڭ ۋە ئاساسىي خانىنىڭ ئىشىكلىرىنىڭ ئالتۇن بىلەن قاپلانغان مۇجۇقلىرى.


ئەتىسى مۇسا ئەھدە ساندۇقى قويۇلغان ئەھدە چېدىرىغا كىرىپ، لاۋىيلارغا تەۋە ھارۇننىڭ تايىقىنىڭ بىخلاپلا قالماي بەلكى غۇنچىلاپ، چېچەكلەپ ھەم باداملىغانلىقىنى كۆردى.


پەرزلەر يېزىلغان تاش تاختىلار سېلىنغان ئەھدە ساندۇقى ۋە ئەھدە ساندۇقىنىڭ قاپقىقى، يەنى «گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايى»، ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بالداقلار،


خۇدا سىناي تېغىدا مۇساغا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، پەرزلەر يېزىلغان ئىككى تاش تاختىنى ئۇنىڭغا تاپشۇردى. تاش تاختىغا پەرزلەر خۇدا تەرىپىدىن ئۆز قولى بىلەن يېزىلغانىدى.


مۇسا ئىككى يۈزىگە پەرزلەر يېزىلغان ئىككى تاش تاختىنى ئېلىپ تاغدىن چۈشتى.


ئۇ ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بىر ئىسرىقدان ياسىدى. ئىسرىقدان تۆت چاسا بولۇپ، ئېگىزلىكى بىر مېتىر، ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى يېرىم مېتىر ئىدى. ئىسرىقداننىڭ بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكى ئىسرىقدان بىلەن بىر پۈتۈن ياسالغانىدى.


مەن تاغقا پەرۋەردىگارنىڭ خەلق بىلەن تۈزگەن ئەھدىسى يېزىلغان تاش تاختىلارنى تاپشۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن چىقتىم. تاغ ئۈستىدە 40 كېچە-كۈندۈز تۇردۇم، نان يېمىدىم، سۇ ئىچمىدىم.


قىرىق كېچە-كۈندۈزدىن كېيىن پەرۋەردىگار ئەھدە يېزىلغان ئىككى پارچە تاش تاختىنى ماڭا بەردى.


ئاندىن، خۇدانىڭ ئەرشتىكى ئىبادەتخانىسى ئېچىلدى ۋە ئۇنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئۇ يەردە كۆرۈندى. شۇئان چاقماقلار چېقىپ، گۈلدۈرمامىنىڭ گۈلدۈر-قاراسلىرى ئاڭلاندى. زېمىن تەۋرىنىپ، دەھشەتلىك مۆلدۈر يېغىپ كەتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite