Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 9:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 ئۇ يەردىكى پەردىنىڭ كەينىدە ئەڭ مۇقەددەس دەپ ئاتالغان يەنە بىر بۆلۈم بار ئىدى.

Gade chapit la Kopi




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 9:3
15 Referans Kwoze  

شۇ ۋاقىتتا، مەركىزىي ئىبادەتخانىدىكى پەردە يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ئىككى پارچە بۆلۈپ يىرتىلدى. زېمىن سىلكىنىپ، تاشلار يېرىلىپ،


ئەھدە ساندۇقىنى ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئىچىگە ئەكىرىپ قويدى. ئۇنى توسۇپ قويۇش ئۈچۈن پەردىنى ئاستى. مۇسا بۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمر قىلغىنى بويىچە قىلدى.


ئون پەرز يېزىلغان تاش تاختىلار سېلىنغان ئەھدە ساندۇقىنى ئۇنىڭ ئىچىگە قويۇپ، ئۇنى پەردە بىلەن توسۇپ قويغىن.


بۇ ئىبادەت خىزمەتلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى بىلەن، مۇقەددەس روھ بىزگە شۇنى كۆرسىتىپ بەردىكى، ئىبادەت چېدىرى، شۇنداقلا ئۇ ۋەكىللىك قىلغان ئىبادەت خىزمەتلىرى بارلا بولىدىكەن، ئەڭ مۇقەددەس جايغا بارىدىغان يول ئاۋام خەلققە ھەرگىز ئېچىلمايتتى.


ئاندىن روھانىيلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئۆز جايىغا، يەنى ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى ئەڭ مۇقەددەس خانىغا ئېلىپ كىرىپ، ئىككى كېرۇبنىڭ ئوتتۇرىسىغا، يەنى قاناتلىرىنىڭ ئاستىغا قويدى.


بۇ ئۈمىد ھاياتىمىزغا نىسبەتەن خۇددى چىڭ ئىلىنغان كېمە لەڭگىرىدەك مۇستەھكەم بولۇپ، ئۇ بىزنى ئەرشتىكى ئىبادەتخانا پەردىسىدىن ئۆتۈپ، ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرىشكە يېتەكلەيدۇ.


بۇ تاغدا پەرۋەردىگار بارلىق خەلقنىڭ ئۈستىدىكى كېپەنلىكنى ئېلىپ تاشلايدۇ. پۈتۈن ئەللەرنىڭ ئۈستىدىكى ئاخىرەتلىك يېپىنچىنى ئېلىپ تاشلايدۇ.


سۇلايمان يەنە ئېسىل زىغىر رەختتىن ئەڭ مۇقەددەس خانىغا پەردە تىكتۈرۈپ، ئۈستىگە كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل يۇڭ يىپلار بىلەن كېرۇبلارنىڭ سۈرىتىنى كەشتىلەتتى.


چېدىرلارنى كۆچۈرگەن چاغدا ئاۋۋال ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرىپ، ئەھدە ساندۇقىنى توسۇپ تۇرىدىغان پەردىنى چۈشۈرۈپ، ساندۇقنىڭ ئۈستىگە يېپىپ قويسۇن.


ئىبادەتخانىنىڭ ئەڭ ئىچكىرىكى تەرىپىدىن 10 مېتىر ئارىلىقنى يەر يۈزىدىن تورۇسقىچە كېدىر تاختىيى بىلەن توسۇپ، ئىچكىرىكى خانا، يەنى ئەڭ مۇقەددەس خانىنى ھازىرلىدى.


ئۇ يەنە ئىچكىرىكى خانىنىمۇ ئۆلچىدى. ئىچكىرىكى خانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكىمۇ 10 مېتىردىن ئىدى. ئۇ ماڭا: _ بۇ ئەڭ مۇقەددەس خانىدۇر، _ دېدى.


بىراق، «ئەڭ مۇقەددەس جاي» دەپ ئاتالغان ئىككىنچى بۆلۈمگە پەقەت باش روھانىي يىلدا بىر قېتىملا كىرەتتى. روھانىي ئۇ يەرگە ئۆز گۇناھلىرى ۋە خەلقنىڭ نادانلىقى تۈپەيلىدىن ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى ئۈچۈن ئاتالغان قۇربانلىق قېنىنى ئالماي كىرمەيتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite