Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 9:27 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

27 ھەممە ئادەمنىڭ بىر قېتىم ئۆلۈشى ۋە ئۆلگەندىن كېيىن سوراققا تارتىلىشى بېكىتىلگەن.

Gade chapit la Kopi




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 9:27
28 Referans Kwoze  

چۈنكى، ھەربىرىمىز ھازىرقى تېنىمىزدە ياشىغان ۋاقتىمىزدىكى ياخشى-يامان ئەمەلىيىتىمىزگە يارىشا چوقۇم قۇتقۇزغۇچى- مەسىھنىڭ سوراق تەختى ئالدىدا ھېساب بېرىپ جاۋابقا ئېرىشىمىز.


ئۇ چاغدا تەن تۇپراققا، روھ ھاياتلىق بەرگەن خۇداغا قايتىدۇ.


ئادەمنىڭ قىلغان بارلىق ئىشلىرىغا، مەيلى ياخشى، ياكى يامان ئىشلىرى بولسۇن، ھەتتاكى يوشۇرۇن قىلغان ئىشلىرى بولسۇن، ھەممە ئىشلىرىغا خۇدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ.


بىز ھامان بىر كۈنى ئۆلۈپ كېتىمىز، ھاياتىمىزنى قايتۇرۇۋالالمايمىز. ئۇ خۇددى يەرگە چېچىلغان سۇغا ئوخشايدۇ. لېكىن خۇدا بىزنى ھاياتلىقتىن مەھرۇم قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئەمەس، بەلكى سەرگەردان بولۇپ يۈرگەنلەرنى قايتۇرۇپ كېلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەيدۇ.


چۈنكى، ئۇ ئۆزى تاللىغان ئادەم ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيانى ئادىللىق بىلەن سوراق قىلىدىغان قىيامەت كۈنىنى بەلگىلىدى. خۇدانىڭ ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەنلىكى بۇ ئىشنىڭ مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.


ھاياتلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئۆلۈپ كەتكەنلەر ھېچنېمىنى بىلمەيدۇ، ئۇلارغا يەنە ئىنئام يوقتۇر. ئۇلار پۈتۈنلەي ئۇنتۇلۇپ كېتىلىدۇ.


ئۇ پۈتكۈل ئىنسانلارنى سوراق قىلىپ، ئۇنىڭ يولىدا ماڭمىغان ھەربىر ئىنساننىڭ خۇداغا قارشى ھالدا قىلغان يامانلىقلىرى، شۇنداقلا بۇ گۇناھكارلارنىڭ رەببىمىزگە قارشى قىلغان بارلىق كۇپۇرلۇقلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنى جازالايدۇ.»


مەن تىرىكلەر بىلەن ئۆلگەنلەرنى سوراق قىلىدىغان ھەمدە ئۆز پادىشاھلىقىنى قۇرۇش ئۈچۈن قايتا كېلىدىغان ئەيسا مەسىھنىڭ، شۇنداقلا خۇدانىڭ ئالدىدا ساڭا شۇنداق بۇيرۇق قىلىمەنكى،


ئەي ياش، ياشلىقىڭنى خۇشال ئۆتكۈز! ياشلىقىڭنىڭ ھەربىر مىنۇتىدىن ھۇزۇرلان! كۆڭلۈڭ تارتقان، ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەن ئىشلارنى قىل. لېكىن ئېسىڭدە بولسۇنكى، خۇدا قىلغان ھەربىر ئىشلىرىڭغا ھۆكۈم چىقىرىدۇ.


گۇناھ دۇنيادا بىر ئادەم، يەنى ئادەم~ئاتا ئارقىلىق پەيدا بولغاندەك، ئۆلۈممۇ ئادەم~ئاتىنىڭ گۇناھى ئارقىلىق پەيدا بولدى. نەتىجىدە، ئۆلۈم پۈتكۈل ئىنسان ئىچىگە تارقالدى، چۈنكى ھەممە ئادەم گۇناھ سادىر قىلدى.


ھەر ئىككىلىسىنىڭ قايتىدىغان جايى ئوخشاش، ھەممىسى تۇپراقتىن ئاپىرىدە بولغان، يەنە تۇپراققا قايتىدۇ.


ئىنساننىڭ كۈنلىرى ساناقلىقتۇر، ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ئۇزۇن ياكى قىسقىلىقى سېنىڭ ئىلكىڭدىدۇر، سىزغان سىزىقىڭدىن ھېچكىم چىقىپ كېتەلمەيدۇ.


شۇنىڭ ئۈچۈن، رەببىمىز قايتىپ كەلمىگۈچە، باشقىلارنىڭ خىزمىتىگە باھا بەرمەڭلار. چۈنكى، ئۇ قايتىپ كەلگەندە، كىشىلەرنىڭ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە يوشۇرۇنغان بارلىق ئىشلىرىنى يورۇقلۇققا چىقىرىدۇ ۋە ئىنسانلارنىڭ قەلبىدىكى مەقسەتلىرىنى ئاشكارىلايدۇ. ئۇ چاغدا، خۇدا ھەركىمنى ئۆزىگە تېگىشلىك ماختاشقا سازاۋەر قىلىدۇ.


قايسى ئىنسان ياشاپ ئۆلۈم كۆرمەيدىكەن؟ گۆردىن ئۆز جېنىنى ئامان ساقلاپ قالىدىكەن؟ سېلاھ


بىلىمەن، سەن مېنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىسەن، بۇ سېنىڭ بارلىق ھاياتلىققا پۈتكەن قىسمىتىڭدۇر.


قوغدىغۇچىمنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، ئۇ ئاخىر بىر كۈنى زېمىنغا دەسسەيدۇ.


ئۇنىڭدىن كېيىن، چوڭ بىر ئاق تەخت ۋە ئۇنىڭدا ئولتۇرغۇچىنى كۆردۈم. ئاسمان بىلەن زېمىن ئۇنىڭ ئالدىدىن قېچىپ، غايىب بولدى.


گۇناھىڭغا توۋا قىلماي، جاھىللىق قىلىشىڭ بىلەن خۇدانىڭ غەزىپىنى تېخىمۇ قوزغايسەن. خۇدا غەزەپكە كېلىپ، ئۆزىنىڭ ئادىل ھۆكۈمىنى يۈرگۈزىدىغان كۈنى، سەن ئۆز بېشىڭغا ئۆزۈڭ چىققان بولىسەن.


قىلالايدىغان ئىشلىرىڭنى ئامال بار تىرىشىپ قىلغىن، چۈنكى سەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن باقىي دۇنيادا قىلىدىغان ئىش، پىلان، بىلىم ۋە دانالىقمۇ يوق.


باش-كۆزۈڭ تەرگە چۆمگەندىلا تويغۇدەك بىر نەرسىگە ئىگە بولىسەن، تاكى سەن ئۆلۈپ تېنىڭ توپىغا ئايلىنىپ كەتكۈچە ئىشتىن باش كۆتۈرەلمەيسەن. تۇپراقتىن يارىتىلدىڭ ۋە تۇپراققا قايتىسەن!»


تۇغۇلۇشنىڭ ۋە ئۆلۈشنىڭ ۋاقتى بار، تېرىشنىڭ ۋە يۇلۇۋېتىشنىڭمۇ ۋاقتى بار.


بىزگە قالىدىغىنى پەقەت سوراق ۋە خۇدا بىلەن قارشىلىشىدىغانلارنى ئۆرتەپ تۈگىتىدىغان يالقۇنلۇق ئوتنى قورقۇنچ ئىچىدە كۈتۈشتۇر.


مۇشۇنداق بولغاندا، مېھىر-مۇھەببەت بىزدە مۇكەممەللىشىدۇ. قىيامەت كۈنى، خۇدانىڭ ئالدىدا يۈرىكىمىز توق بولىدۇ. چۈنكى، ئەيسا مەسىھ خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقاندەك، ھازىر بىزمۇ بۇ دۇنيادا شۇ مېھىر-مۇھەببەتتىن بەھرىمەندۇرمىز.


ئاخىر، ئۇ ئايالمۇ ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite