ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 9:23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى23 شۇ سەۋەبتىن، ئەرشتىكىگە تەقلىد قىلىپ ياسالغان بۇ نەرسىلەر مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن پاكلىنىشى كېرەك ئىدى. بىراق، ئەرشتىكى نەرسىلەر بولسا بۇلاردىن كۆپ ياخشى قۇربانلىقلار بىلەن پاكلىنىشى كېرەك. Gade chapit la |
بۇ روھانىيلار خىزمەت قىلىدىغان ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭدا قىلىنىدىغان خىزمەتلەر پەقەتلا ئەرشتىكى چېدىرنىڭ ۋە ئۇنىڭدا قىلىنىدىغان خىزمەتلەرنىڭ كۆچۈرۈلمە نۇسخىسى ۋە كۆلەڭگىسىدۇر. دەرۋەقە، مۇسا پەيغەمبەر دەل ئىبادەت چېدىرىنى قۇرماقچى بولۇۋاتقاندا، خۇدا ئۇنىڭغا: «بۇلارنىڭ ھەممىسى مەن ساڭا تاغدا كۆرسەتكەن نۇسخا بويىچە ئېھتىيات بىلەن ياسالسۇن» دەپ ئاگاھلاندۇرغان.