Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 9:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 ئۇ يەنە ئىبادەت چېدىرىغا ۋە چېدىردا قۇربانلىق قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان پۈتكۈل سايمانلارنىڭ ئۈستىگە قان سەپتى.

Gade chapit la Kopi




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 9:21
12 Referans Kwoze  

مۇسا قوچقارنى بوغۇزلاپ، قېنىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت تەرىپىگە چاچتى.


مۇسا بۇقىنى بوغۇزلىغاندىن كېيىن قېنىدىن ئازراق ئېلىپ، بارمىقى بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكىگە سۈركەپ، قۇربانلىق سۇپىسىنى پاكلىدى. قالغان قاننى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۈۋىگە تۆكۈپ، قۇربانلىق سۇپىسىنى گۇناھتىن ساقىت قىلىش ئورنى سۈپىتىدە پەرۋەردىگارغا بېغىشلىدى.


ھەر كۈنى بىر بۇقىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنى پاكلىغىن ۋە ئۇنىڭغا زەيتۇن يېغى سۈركەپ، ماڭا بېغىشلىغىن.


ئاندىن قېنىدىن ئازراق ئېلىپ، بارمىقىڭ بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكىگە سۈركەپ قويغىن. قالغان قاننى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۈۋىگە تۆككىن.


ھارۇن خەلقنىڭ ئامانلىق قۇربانلىقى سۈپىتىدە ئەكەلگەن بۇقا ۋە قوچقارنىمۇ بوغۇزلىدى. ئاندىن ئوغۇللىرى قۇربانلىقنىڭ قېنىنى ئۇنىڭغا بەردى. ئۇ قانلارنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت تەرىپىگە چاچتى.


سەن بۇ قوچقارنى بوغۇزلاپ، قېنىدىن ئازراق ئېلىپ، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىغا، ئوڭ قولىنىڭ ۋە ئوڭ پۇتىنىڭ باش بارمىقىغا سۈركەپ قويغىن. ئېشىپ قالغان قاننى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت تەرىپىگە چاچقىن.


مۇسا قۇربانلىقلارنىڭ قېنىنىڭ يېرىمىنى داشقا ئېلىپ قويۇپ، يېرىمىنى قۇربانلىق سۇپىسىغا چاچتى.


ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق نەرسىلەرنى مۇقەددەس ياغ بىلەن ياغلاپ، ئۇلارنى ماڭا بېغىشلىغىن. شۇندىلا بۇ نەرسىلەر مۇقەددەس بولىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite