Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 9:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 ئەگەر ۋەسىيەت قالدۇرۇلسا، ۋەسىيەت قالدۇرغۇچى ئۆلمىگۈچە، ۋەسىيەت كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.

Gade chapit la Kopi




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 9:16
8 Referans Kwoze  

ئەگەر بىر كىشى خۇدانىڭ پۈتۈن قانۇنىغا ئەمەل قىلدىم دەپ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىكى بىرەر پەرمانغا خىلاپلىق قىلىپ قالسا، ئۇ خۇدانىڭ نەزىرىدە پۈتۈن قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ئادەمگە ئوخشاش گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ.


پۈتكۈل ئىنسان ئادەم~ئاتىنىڭ ئەۋلادى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئوخشاشلا ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىندى. لېكىن، ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان بىزلەر ئەيسا مەسىھكە ئوخشاش ئۆلۈمدىن تىرىلىمىز.


چۈنكى، گۇناھنىڭ بەدىلى ئۆلۈم. بىراق، خۇدانىڭ رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بىزگە ئاتا قىلغان سوۋغىتى مەڭگۈلۈك ھاياتلىقتۇر.


گۇناھ دۇنيادا بىر ئادەم، يەنى ئادەم~ئاتا ئارقىلىق پەيدا بولغاندەك، ئۆلۈممۇ ئادەم~ئاتىنىڭ گۇناھى ئارقىلىق پەيدا بولدى. نەتىجىدە، ئۆلۈم پۈتكۈل ئىنسان ئىچىگە تارقالدى، چۈنكى ھەممە ئادەم گۇناھ سادىر قىلدى.


شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھ خۇدا بىلەن ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن يېڭى ئەھدىنىڭ ۋاسىتىچىسىدۇر. ئۇ ئارقىلىق خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغانلار ۋەدە قىلىنغان مەڭگۈلۈك مىراسقا ئېرىشەلەيدۇ. چۈنكى، ئۇ ئۇلارنى گۇناھ سادىر قىلىش سەۋەبلىك كونا ئەھدە تەرىپىدىن بېكىتىلگەن مەڭگۈلۈك ئۆلۈمدىن ئىبارەت جازادىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۆلدى.


چۈنكى، ۋەسىيەت پەقەت ئۆلۈمدىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ۋەسىيەت قالدۇرغۇچى ھاياتلا بولسا، ۋەسىيىتىنىڭ ھېچقانداق كۈچى بولمايدۇ.


ئۇ ئاتىسى خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن پارلىغان نۇر، ئاتىسىنىڭ تەبىئىتىنىڭ ھەقىقىي ئوبرازىدۇر. ئۇ ئۆز سۆزىنىڭ قۇدرىتى بىلەن پۈتكۈل كائىناتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئۇ ئۆزىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىدىن پاكلىنىش يولىنى ئېچىپ بەرگەندىن كېيىن، ئەرشتىكى خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇردى.


ئامانلىق بەرگۈچى، يەنى مەڭگۈلۈك ئەھدىنىڭ قېنى ئارقىلىق قوي پادىسىنىڭ كاتتا قويچىسى بولغان رەببىمىز ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن خۇدا،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite