Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 9:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

14 ئۇنداقتا، ئەيسا مەسىھنىڭ قېنىچۇ؟ ئۇ ۋىجدانىمىزنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان قىلمىشلاردىن پاك قىلىپ، بىزنى مەڭگۈ ھايات خۇداغا ئىبادەت قىلىشقا تېخىمۇ يېتەكلىمەمدۇ؟! ئۇ خۇدانىڭ مەڭگۈلۈك روھى ئارقىلىق ئۆزىنى كەم-كۈتىسىز قۇربانلىق سۈپىتىدە بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن خۇداغا ئاتىدىغۇ!

Gade chapit la Kopi




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 9:14
76 Referans Kwoze  

مۇستەھكەم ئىشەنچ ۋە سەمىمىي قەلب بىلەن خۇداغا يېقىنلىشايلى. چۈنكى، دىللىرىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ قېنىنىڭ سېپىلىشى بىلەن ۋىجدان ئازابىدىن خالاس بولغان ۋە بەدىنىمىز پاكىز سۇ بىلەن يۇيۇلغاندەك پاكلانغان.


بەلكى خۇدا ئەۋەتكەن كەم-كۈتىسىز قوزىنىڭ، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ قىممەتلىك قېنىنىڭ بەدىلىگە كەلدى.


شۇڭا، خۇدا يورۇقلۇقتا بولغىنىدەك، بىزمۇ يورۇقلۇقتا بولساق، بىر-بىرىمىزگە يېقىن بولىمىز ھەم خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربانلىق قېنى بىزنى بارلىق گۇناھتىن پاك قىلىدۇ.


ئۇ بۇ ئەڭ مۇقەددەس جايغا ئۆچكە ياكى موزايلارنىڭ قۇربانلىق قېنىنى ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ قۇربانلىق قېنىنى تۆكۈش ئارقىلىق بىرلا قېتىم كىردى. مۇشۇنداق قىلىپ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنى يۇيۇپ، ئىنسانلارنى مەڭگۈگە ئازاد قىلدى.


ئۇ بىزنىڭ گۇناھنىڭ ئىلكىدە ياشىماسلىقىمىز، بەلكى ھەققانىيلىق يولىدا مېڭىشىمىز ئۈچۈن، گۇناھلىرىمىزنى ئۆز زىممىسىگە ئېلىپ كرېستكە مىخلىنىپ قۇربان بولدى. سىلەر ئۇنىڭ يارىلىرى بىلەن شىپا تاپتىڭلار.


ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، ئەيسا مەسىھ گۇناھ قىلىپ باقمىغان بولسىمۇ، ئازاب-ئوقۇبەت چېكىپ، ھەممىمىزنى خۇدا بىلەن ياراشتۇرۇش مەقسىتىدە بىز گۇناھكارلارنىڭ ئورنىدا ئۆلدى. ئۇنىڭ بىرلا قېتىملىق قۇربانلىق قىلىنىشى بىلەن بارلىق گۇناھلىرىمىز يۇيۇلدى. ئۇنىڭ تېنى ئۆلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ روھى تىرىلدۈرۈلدى.


ئۇ ئىلگىرىكى باش روھانىيلاردەك ھەر كۈنى ئالدى بىلەن ئۆز گۇناھلىرى ئۈچۈن، كېيىن خەلقنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن قۇربانلىق سۇنۇشقا موھتاج ئەمەس. چۈنكى، ئۇ ئۆزىنى قۇربان قىلغاندا، ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن قىلىنىدىغان قۇربانلىقنى بىر يولىلا ئادا قىلدى.


بۇنىڭ بىلەن، كېيىنكى ھاياتىڭلارنى يامان ھەۋەسلەرگە بېرىلىش بىلەن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئىرادىسىگە مۇۋاپىق ئۆتكۈزىسىلەر.


ئۇ ئاتىسى خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن پارلىغان نۇر، ئاتىسىنىڭ تەبىئىتىنىڭ ھەقىقىي ئوبرازىدۇر. ئۇ ئۆز سۆزىنىڭ قۇدرىتى بىلەن پۈتكۈل كائىناتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئۇ ئۆزىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىدىن پاكلىنىش يولىنى ئېچىپ بەرگەندىن كېيىن، ئەرشتىكى خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇردى.


ئەيسا مەسىھ بىز ئۈچۈن قۇربان بولدى. بۇنىڭدىن مەقسەت، ئۇ بىزنى ھەممە رەزىللىكلەردىن ئازاد قىلىش ھەمدە بىزنى پاك قىلىپ، ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا تىرىشىدىغان خەلق قىلىش ئۈچۈندۇر.


سادىق گۇۋاھچى، ئۆلۈمدىن تۇنجى تىرىلگۈچى، دۇنيا پادىشاھلىرىنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان ئەيسا مەسىھتىن سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق بولغاي. ئۇ بىزنى سۆيدى، ئۆز قېنى بىلەن بىزنى گۇناھلىرىمىزدىن ئازاد قىلدى،


شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان يامانلىقلاردىن يېنىش، خۇداغا ئىشىنىش، چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قوبۇل قىلىش، باشقىلارغا قول تەگكۈزۈپ دۇئا قىلىش، تىرىلدۈرۈلۈش ۋە مەڭگۈلۈك ھۆكۈم قاتارلىق تەلىملەرگە قايتا ئاساس سالىمىز، دەپ ئولتۇرمايلى. ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى بۇ خىل باشلانغۇچ تەلىملەردە توختاپ قالماي، يېتىلىشكە قاراپ ماڭايلى.


تېنىڭلارنىڭ ھەرقانداق بىر ئەزاسىنى يامان ئىشلارغا قورال قىلىپ، گۇناھقا تۇتۇپ بەرمەڭلار. ئەكسىچە، ئۆزۈڭلارنى خۇداغا ئاتاڭلار. چۈنكى، سىلەر ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلدۈڭلار. تېنىڭلارنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنى ھەققانىي ئىشلارنىڭ قورالى قىلىڭلار.


ھالبۇكى، سىلەر ئەيسا مەسىھنىڭ ئىنسانلارنى گۇناھىدىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن دۇنياغا كەلگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر.


بىراق، ھازىر سىلەر گۇناھنىڭ قۇللۇقىدىن ئەركىن قىلىنىپ، خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى بولدۇڭلار. بۇ، ھاياتىڭلارغا پايدىلىق بولۇپ، سىلەرنى پاك ياشاشقا يېتەكلەيدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا سىلەر مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىسىلەر.


پەقەت پەرۋەردىگارلا بىردىنبىر ھەقىقىي خۇدادۇر. ئۇ ھاياتتۇر، مەڭگۈ پادىشاھتۇر. ئۇ ئاچچىقلانغاندا يەر-زېمىن تىترەيدۇ. ھېچقانداق ئەل ئۇنىڭ غەزىپىگە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.


ئەگەر پاك قىلالىغان بولسا، قۇربانلىق قىلىش ئاخىرلىشاتتى-دە، ئىبادەت قىلغۇچىلارمۇ گۇناھلىرىدىن بىراقلا پاكلىنىپ، ۋىجدانى يەنە ئۆز گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ئازابلانمايتتى.


ئەيسا مەسىھ بىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ، بىز ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغاندەك، سىلەرمۇ ھاياتىڭلاردا بىر-بىرىڭلارغا شۇنداق مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار. ئۇنىڭ بىز ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلىشى خۇددى خۇش پۇراقلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىققا ئوخشاش، خۇدانى خۇرسەن قىلدى.


گەرچە بىز گۇناھلىرىمىز تۈپەيلىدىن روھىي جەھەتتە ئۆلگەن بولساقمۇ، خۇدا بىزنى ئەيسا مەسىھكە باغلىغان ھالدا يېڭى ھاياتقا ئېرىشتۈردى. ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، سىلەر پەقەت ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق قۇتقۇزۇلدۇڭلار.


خۇدا بىزنىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشىمىز ئۈچۈن، گۇناھسىز مەسىھنى گۇناھىمىزنىڭ قۇربانى قىلدى.


دېمەك، ئىسرائىللارنىڭ گۇناھى، يەنى ئۇلارنىڭ ئەيسا مەسىھنى رەت قىلغانلىقى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە بەخت ئېلىپ كەلگەنىكەن، ئۇنداقتا خۇدا تاللىغان بارلىق ئىسرائىللار قۇتقۇزۇلۇشقا ئېرىشكەندە، دۇنياغا تېخىمۇ چوڭ بەخت ئېلىپ كەلمەمدۇ؟


مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «ئۇ گۇناھ قىلمىغان، ئاغزىدىن بىرەر ئېغىزمۇ ھىيلە-مىكىرلىك سۆز چىقمىغان.»


بارلىق ھۆرمەت ۋە شان-شەرەپ خۇداغا ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپتۇر. ئۇ مەڭگۈلۈك پادىشاھ، يەنى ئۆلمەيدىغان ۋە كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان بىردىنبىر خۇدادۇر، ئامىن!


مەن تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلالمىغانلىقىمدىن قانۇنغا نىسبەتەن ئۆلگەن دەپ ھېسابلاندىم. بۇنىڭدىن مەقسەت، خۇدا ئۈچۈن ياشاشتۇر. مەن ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە كرېستكە مىخلاندىم.


خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى بىلەن بۇتلار ئارىسىدا قانداقمۇ بىرلىك بولسۇن!؟ بىز مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى. خۇددى خۇدانىڭ ئېيتقىنىدەك: «خەلقىم ئىچىدە تۇرىمەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يۈرىمەن. ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن، ئۇلارمۇ مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ.»


يەھۇدىي ئەمەس سىلەر ياۋا زەيتۇن دەرىخىدىن كېسىپ ئېلىنىپ، قانۇنىيەتكە خىلاپ ھالدا تۈجۈپىلەپ ئۆستۈرۈلگەن زەيتۇن دەرىخىگە ئۇلانغان يەردە، ئەسلىدىكى شاخلارنىڭ ئۆز دەرىخىگە ئۇلىنىشى تېخىمۇ ئاسان ئەمەسمۇ؟


دۇنيا يارىتىلغاندىن بېرى، خۇدانىڭ كۆزگە كۆرۈنمەس ئۆزگىچىلىكلىرى، يەنى ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك قۇدرىتى ۋە بىردىنبىر خۇدا ئىكەنلىكى ئۆزى ياراتقان مەۋجۇداتلار ئارقىلىق ئوچۇق كۆرسىتىلمەكتە. شۇ سەۋەبتىن، ئىنسانلار خۇدانى بىلمەيمىز، دەپ باھانە كۆرسىتەلمەيدۇ.


خۇدا ئەۋەتكەن قۇتقۇزغۇچى خۇدانىڭ سۆزىنى سۆزلەيدۇ، چۈنكى خۇدا ئۆز روھىنى ئۇنىڭغا ئايىماستىن بېرىپ كەلمەكتە.


«خۇدانىڭ روھى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا. چۈنكى، ئۇ مېنى كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشكە تاللاپ، كۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلدى. ئۇ مېنى تۇتقۇنلارغا: ˜ئازاد بولىسىلەر!Œ، قارىغۇلارغا: ˜كۆرەلەيدىغان بولىسىلەر!Œ دەپ جاكارلاشقا ئەۋەتتى. خۇدا مېنى ئېزىلگەنلەرنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈشكە، خۇدانىڭ خەلقىنى قۇتقۇزۇش ۋاقتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇرۇشقا ئەۋەتتى.»


ئىنسانئوغلىمۇ باشقىلارنى ئۆزىگە خىزمەت قىلدۇرغىلى ئەمەس، باشقىلارغا خىزمەت قىلغىلى ۋە جېنىنى پىدا قىلىش بەدىلىگە نۇرغۇن ئادەملەرنى گۇناھتىن ئازاد قىلغىلى كەلدى.


مەن شۇنداق پەرمان قىلىمەنكى، پادىشاھلىقىمدىكى ھەممە ئادەم دانىيال ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ھۆرمەت قىلسۇن ۋە ئۇنىڭدىن ئەيمەنسۇن. چۈنكى ئۇ مەڭگۈ ھايات خۇدادۇر، ئۇ مەڭگۈ مەۋجۇتتۇر. ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ھەرگىز ۋەيران بولماستۇر. ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى مەڭگۈ مەۋجۇتتۇر.


بېجىرىم بولمىغان ھايۋانلارنى سۇنساڭلار، قوبۇل بولمايدۇ.


ئېتىقادى ۋەجىدىن، ياقۇپ ئالەمدىن ئۆتۈش ئالدىدا يۈسۈپنىڭ ئىككى ئوغلى ئۈچۈن خەيرلىك دۇئا قىلىپ، ھاسىسىغا تايىنىپ تۇرۇپ خۇداغا سەجدە قىلدى.


مانا بۇلار ھازىرقى زامان ئۈچۈن بىر تەجرىبە ساۋاقتۇر. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خۇداغا سۇنۇلغان ھەدىيە ۋە قۇربانلىقلار ئىبادەت قىلغۇچىنى پاك ۋىجدانلىق قىلالمايدۇ.


- ئۇنداق قىلماڭلار! بىزمۇ ئادەم، سىلەرگە ئوخشاش ئىنسان! بىز سىلەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشكە كەلدۇق. خۇش خەۋەر شۇكى: ئەرزىمەس نەرسىلەرگە چوقۇنماي، مەڭگۈ ھايات بولغان بىردىنبىر خۇداغىلا ئىبادەت قىلىڭلار! ئۇ ئاسمان-زېمىن، دېڭىز-ئوكيان ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق مەخلۇقلارنى ياراتقان خۇدادۇر!


خۇدا ئۇنى تەيىنلەپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ مۇقەددەس روھى ۋە كۈچ-قۇدرىتىنى ئاتا قىلدى. ئۇ ھەممە يەرنى كېزىپ، ياخشى ئىشلارنى قىلىپ، شەيتاننىڭ ئىلكىدە بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى ساقايتتى، چۈنكى خۇدا ئۇنىڭغا يار ئىدى.


_ مېيىپ ۋە بېجىرىم بولمىغان قوي، كالىلارنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلماڭلار، چۈنكى سىلەرنىڭ بۇنداق قىلىشىڭلار پەرۋەردىگارنى يىرگەندۈرىدۇ.


بىراق، «ئەڭ مۇقەددەس جاي» دەپ ئاتالغان ئىككىنچى بۆلۈمگە پەقەت باش روھانىي يىلدا بىر قېتىملا كىرەتتى. روھانىي ئۇ يەرگە ئۆز گۇناھلىرى ۋە خەلقنىڭ نادانلىقى تۈپەيلىدىن ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى ئۈچۈن ئاتالغان قۇربانلىق قېنىنى ئالماي كىرمەيتتى.


ئەگەر مەن يېنىڭغا ۋاقتىدا بارالمىسام، بۇ خېتىم ساڭا خۇدانىڭ ئائىلىسى ئىچىدە قانداق ياشاش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ ئائىلە بولسا مەڭگۈ ھايات خۇداغا مەنسۇپ بولغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدۇر. بۇ جامائەتچىلىك ھەقىقەتنىڭ تۈۋرۈكى ۋە ئاساسىدۇر.


بىز بارغان جايدىكى كىشىلەر سىلەرنىڭ بىزنى ئىللىق قوبۇل قىلغانلىقىڭلارنى ئاڭلىغانىدى. ئۇلار سىلەرنىڭ بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن ۋاز كېچىپ، ھايات بولغان ھەقىقىي خۇداغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا يۈزلەنگەنلىكىڭلارنى بىزگە ئېيتتى.


ئۇ ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى، خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن ئۆزى تاللىغان ئەلچىلىرىگە يوليورۇقلارنى بەرگەنىدى.


ئەي ئىشەنچى ئاجىزلار! دالادىكى بۈگۈنى ئېچىلسا، ئەتىسى قۇرۇپ ئوچاققا قالىنىدىغان ئاشۇ گۈل-گىياھلارنى ئاشۇنچە بېزىگەن خۇدا سىلەرنى تېخىمۇ كىيىندۈرمەسمۇ؟


قاغىلارنى ئويلاڭلار! ئۇلار تېرىمايدۇ، يىغمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئامبار، ئىسكىلاتلىرىمۇ يوق. خۇدا ئۇلارنىمۇ ئاچ قويمىغان يەردە، سىلەرنىڭ رىزقىڭلارنى چوقۇم بېرىدۇ. چۈنكى، سىلەر شۇ قۇشلاردىن كۆپ ئەزىز ئەمەسمۇ؟


ئەمەلىيەتتە، مەن خۇدانىڭ روھىغا تايىنىپ جىنلارنى ھەيدىۋەتتىم. بۇ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئاراڭلاردا نامايان بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.


گۇناھكار بولغان سىلەر پەرزەنتلىرىڭلارغا ياخشى نەرسىلەرنى بېرىشنى بىلگەن يەردە، ئەرشتىكى ئاتاڭلار تىلىگەنلەرگە ياخشى نەرسىلەرنى تېخىمۇ ئىلتىپات قىلماسمۇ؟


شۇنداق ئىكەن، گۇناھسىز بىر ئادەمنى ئۆيىدە، ياتقان يېرىدە قەتل قىلغان رەزىل ئادەملەرگە قانداقمۇ مۇكاپات بېرەي؟ ئۇنىڭ قان قەرزىنى تەلەپ قىلىپ، ئۇلارنى يەر يۈزىدىن يوق قىلمايمەنمۇ؟ _ دېدى.


ئەزەلدىن بار بولغان خۇدا سىلەرنىڭ باش پاناھىڭلاردۇر، ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك بىلىكى سىلەرنىڭ يۆلەنچۈكۈڭلاردۇر. ئۇ كۆز ئالدىڭلاردا دۈشمىنىڭلارنى قوغلاپ، ئۇلارنى ھالاك قىلىشقا بۇيرۇق بېرىدۇ.


«ئاي بېشىدا مەن پەرۋەردىگارغا ئىككى بۇقا، بىر قوچقار ۋە يەتتە تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىنسۇن، ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن.


لېكىن روھىي جەھەتتىن، ئۇنىڭ خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكى ئۇنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلۈشى ئارقىلىق زور قۇدرەت بىلەن ئىسپاتلانغان.


ئەڭ ئۇلۇغ، يۈكسەك، مەڭگۈ مەۋجۇت، نامى مۇقەددەس بولغۇچى مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: مەن ئەڭ بۈيۈك، ئەڭ مۇقەددەس جايدا تۇرىمەن، ۋاھالەنكى، چىن قەلبىدىن توۋا قىلغان كىچىك پېئىللار بىلەن بىللە بولىمەن، كىچىك پېئىللارنىڭ روھىنى ئويغىتىمەن، توۋا قىلغانلارنىڭ قەلبىنى يېڭىلايمەن.


ئەگەر بۇ ماللار ئاقساق-چولاق، قارىغۇ ياكى باشقا نۇقسانلىرى بولسا، پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلماڭلار،


تۆۋەندىكىلەر ئۇلارنىڭ مەن پەرۋەردىگارغا سۇنىدىغان كۈندىلىك ھەدىيەلىرىدۇر: ھەر كۈنى ئىككى تۇياق بىر ياشلىق بېجىرىم ئەركەك پاقلان كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىنسۇن،


گەرچە ئۇ ھېچقانداق يامانلىق قىلمىغان بولسىمۇ، ھېچقاچان ھىيلە-مىكىرلىك ئىشلارنى قىلمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا جىنايەتچىلەر قاتارىدىن قەبرە بېرىلگەنىدى، لېكىن ئۇ ئۆلگەندە، بايلار قاتارىغا قويۇلدى.


«قاراڭلار، مەن قوللىغان، مەن تاللىغان، مەن ياقتۇرغان خىزمەتكارىمغا! مەن ئۆزۈمنىڭ روھىنى ئۇنىڭغا ئاتا قىلدىم. ئۇ بارلىق خەلقلەرگە ئادالەتنى يەتكۈزىدۇ.


گۇناھلارنى سۇدەك ئىچىدىغان، رەزىل، بۇزۇلغان بىر ئىنسان قانداق بولار؟


ئى پەرۋەردىگار، دۇئايىمغا قۇلاق سالغايسەن، نىدايىمنى ئاڭلىغايسەن، كۆزۈڭنى ئېچىپ، ئەھۋالىمىزنى كۆرگەيسەن، سانخېرىبنىڭ سېنى، يەنى مەڭگۈ ھايات خۇدانى ھاقارەتلەپ ئەۋەتكەن سۆزلىرىنى ئاڭلىغايسەن.


داۋۇت يېنىدا تۇرغانلاردىن: _ بۇ فىلىستىيەلىكنى ئۆلتۈرۈپ، ئىسرائىللارنى بۇ ھاقارەتتىن خالاس قىلغان كىشى نېمىگە ئېرىشىدىكەن؟ مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ قوشۇنىغا ھاقارەت قىلىدىغان بۇ خەتنىسىز فىلىستىيەلىك ئۆزىنى كىم دەپ ئويلايدىكەن؟ _ دەپ سورىدى.


بۇ دۇنيادا كىممۇ بىزگە ئوخشاش مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ ئوت ئىچىدىن كەلگەن ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرۇپمۇ يەنە ھايات قالالىغان؟


«دەم ئېلىش كۈنىدە بېجىرىم بىر ياشلىق ئەركەك پاقلاندىن ئىككى تۇياق قۇربانلىق قىلىنسۇن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىككى كىلو سۈپەتلىك ئۇنغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلۇپ، ئاشلىق ھەدىيەسى بىلەن ئىچىملىك ھەدىيەسى قىلىنسۇن.


ئىگەم پەرۋەردىگارنىڭ روھى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا، چۈنكى پەرۋەردىگار مېنى كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشكە تاللىدى، قەلبى جاراھەتلەنگەنلەرگە شىپاللىق بېرىشكە ئەۋەتتى. تۇتقۇنلارغا: «ئازاد بولىسىلەر!» دەپ جاكارلاشنى، گۇناھقا باغلانغانلارنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلىشقا ئەۋەتتى.


سىلەرنىڭ ئاسىي ۋە جاھىل ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىمەن. سىلەر مەن ھايات ۋاقتىمدا پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈگەن تۇرساڭلار، مەن ئۆلگەندىن كېيىن نېمە ئىش بولماقچى ئىدى؟


لېكىن قۇربانلىق قىلىنىدىغان مال بىر ياشلىق بېجىرىم ئەركەك پاقلان ياكى تېكە بولسۇن.


پاكلىغايسەن ئەتمىشىمدىن ئىگەم مېنى، يۇيۇپ پاكىز مېنىڭ بارلىق گۇناھىمنى.


ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: _ 1-ئاينىڭ 1-كۈنى مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى پاكلاش ئۈچۈن بىر تۇياق بېجىرىم بۇقىنى قۇربانلىق قىلىڭلار.


پېترۇس دەپمۇ ئاتالغان سىمۇن: - سىز مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ ئوغلى قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ ئىكەنسىز، - دەپ جاۋاب بەردى.


خۇدا ئۇلارنى بىز بىلەن تەڭ كۆردى. ئۇلارنىڭ ھەزرىتى ئەيساغا بولغان ئېتىقادى ئارقىلىق خۇدا ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى پاك قىلدى.


بۇ دۇنياغا خاس تەن توغرۇلۇق مۇقەددەس يازمىلاردا: «تۇنجى ئىنسان، يەنى ئادەم~ئاتىغا ھاياتلىق بېرىلدى» دەپ يېزىلغان. ئاخىرقى ئادەم~ئاتا، يەنى ئەيسا مەسىھ بولسا ئۇ دۇنيادا ياشىشىمىز ئۈچۈن بىزگە مەڭگۈلۈك ھاياتلىق بەردى.


ئەي قېرىنداشلار، ھەرقايسىڭلار قەلبىڭلارنىڭ يامان نىيەت ۋە ئېتىقادسىزلىققا تولۇپ، مەڭگۈ ھايات خۇدادىن يۈز ئۆرۈمەسلىكىگە دىققەت قىلىڭلار.


ئۇنىڭ روھانىيلىققا تەيىنلىنىشى بولسا پۈتمەس-تۈگىمەس ھاياتلىق قۇدرىتىگە ئىگە بولغانلىقىدىن بولۇپ، ھەرگىز روھانىي بولغۇچى لاۋىي قەبىلىسىگە تەۋە بولۇش كېرەك دېگەن تۈزۈم بويىچە بولمىدى.


ئەگەر شۇنداق قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بولغان بولسا، دۇنيا يارىتىلغاندىن بېرى ئەيسا مەسىھنىڭ قايتا-قايتا ئازاب چېكىپ قۇربان بولۇشىغا توغرا كېلەتتى. لېكىن، ئەيسا مەسىھ مانا بۇ ئاخىر زاماندا ئىنسانلارنى گۇناھتىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن، بىر يولىلا ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۆزىنى قۇربان قىلدى.


خۇدانىڭ بۇ ئىرادىسى بويىچە ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆز تېنىنىڭ بىر يولىلا قۇربان قىلىنىشى ئارقىلىق بىز گۇناھتىن پاكلىنىپ، خۇداغا ئاتالدۇق.


بىراق، بىزنىڭ روھانىيىمىز بولسا ئۆزىنى قۇربان قىلىش بىلەن گۇناھلارنى يۇيىدىغان بىرلا قېتىملىق، مەڭگۈ ئىناۋەتلىك قۇربانلىقنى خۇداغا سۇندى. ئاندىن ئۇ خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ،


شۇڭا، ئەيسا مەسىھمۇ ئۆز قېنى بىلەن خەلقنى پاك قىلىپ، خۇداغا ئاتاش ئۈچۈن، شەھەر دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدا ئازاب چېكىپ ئۆلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite