Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 8:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 ئەگەر دەسلەپكى ئەھدە نۇقسانسىز بولسا ئىدى، كېيىنكىسىنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى بولمىغان بولاتتى.

Gade chapit la Kopi




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 8:7
5 Referans Kwoze  

ئىسرائىل خەلقىگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدىكى روھانىيلىق تۈزۈمى لاۋىي قەبىلىسىنىڭ روھانىيلىرى ئارقىلىق يۈرگۈزۈلەتتى. بىراق، ئەگەر خۇدانىڭ ئىنسانلارنى گۇناھتىن پاك قىلىش مەقسىتى بۇ روھانىيلار ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشقان بولسا، ئۇنداقتا بۇ خىل تۈزۈم ئاساسىدا تەيىنلەنگەن ھارۇندەك تەرتىپتىكى ئەمەس، بەلكى مالكىسىدىقتەك تەرتىپتىكى يەنە بىر روھانىينىڭ كېلىشىنىڭ نېمە ھاجىتى بار ئىدى؟


ئالدىنقى تۈزۈم ئاجىزلىقى ۋە پايدىسىزلىقى تۈپەيلىدىن كۈچىدىن قالدى.


ئۇنداقتا، تەۋرات قانۇنى خۇدانىڭ ۋەدىسىگە زىتمۇ؟ ياق، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! ئەگەر بۇ قانۇن ئىنسانلارنى ھاياتلىققا ئېرىشتۈرەلەيدىغان بولسا، ئۇ چاغدا ئىنسانلار قانۇنغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم بولالايتتى.


ئەيسا مەسىھكە بېرىلگەن روھانىيلىق ۋەزىپىسى بولسا باشقا روھانىيلارنىڭكىدىن كۆپ ئۈستۈندۇر. شۇنىڭدەك، خۇدا بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدا ئۇ ئارقىلىق تۈزۈلگەن كېيىنكى ئەھدە دەسلەپكى ئەھدىدىن كۆپ ئۈستۈندۇر. چۈنكى، بۇ ئەھدە تېخىمۇ ياخشى ۋەدىلەر ئۈستىگە قۇرۇلغان.


پەرۋەردىگار بىز بىلەن قەسەم قىلىپ تۈزگەن بۇ ئەھدە پەقەت بىز بىلەنلا تۈزۈلگەن ئەھدە بولماستىن،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite