Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 8:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 ئەيسا مەسىھكە بېرىلگەن روھانىيلىق ۋەزىپىسى بولسا باشقا روھانىيلارنىڭكىدىن كۆپ ئۈستۈندۇر. شۇنىڭدەك، خۇدا بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدا ئۇ ئارقىلىق تۈزۈلگەن كېيىنكى ئەھدە دەسلەپكى ئەھدىدىن كۆپ ئۈستۈندۇر. چۈنكى، بۇ ئەھدە تېخىمۇ ياخشى ۋەدىلەر ئۈستىگە قۇرۇلغان.

Gade chapit la Kopi




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 8:6
13 Referans Kwoze  

دېمەك، ئەيسا مەسىھ تېخىمۇ ياخشى بىر ئەھدىنىڭ كېپىلى قىلىندى.


يېڭى ئەھدىنىڭ ۋاسىتىچىسى ئەيسا مەسىھ ھەم ئۇنىڭ سېپىلگەن قېنى بولغان جايدۇر. بۇ سېپىلگەن قان ھابىلنىڭ قېنىدەك ئىنتىقام دەپ ھۆركىرەپ يىغلاشنىڭ ئورنىغا، گۇناھلارنى كەچۈردۈم، دەپ كاپالەت بېرىدۇ.


ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە ئېسىل پەزىلىتى ئارقىلىق بىزگە ناھايىتى ئۇلۇغ ۋە قىممەتلىك ۋەدىلەرنى بەردى. بۇلار ئارقىلىق بىز بۇ دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ بولمىغۇر ھەۋەسلىرىدىن كېلىپ چىققان ئەخلاقسىزلىقتىن قۇتۇلۇپ، خۇدانىڭ تەبىئىتىگە ئوخشاش تەبىئەتكە ئىگە بولالايمىز.


بۇ ئېتىقاد ۋە ھەقىقەت بىزدە مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈمىدىنى پەيدا قىلىدۇ. يالغانچىلىقتىن مۇستەسنا بولغان خۇدا دۇنيا ئاپىرىدە بولۇشتىن ئىلگىرىلا بۇ مەڭگۈلۈك ھاياتنى ۋەدە قىلغان.


تاماقتىن كېيىن، ئۇ يەنە جامنى قولىغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: - بۇ جامدىكى شاراب مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن تۆكۈلىدىغان قېنىم بىلەن تۈزۈلىدىغان خۇدانىڭ يېڭى ئەھدىسىنىڭ بەلگىسىدۇر.


ئىسرائىللار بولسا خۇدانىڭ تاللىغان خەلقىدۇر. خۇدا ئۇلارغا پەرزەنتلىك سالاھىيىتىنى بەردى، ئۆز ئۇلۇغلۇقىنى كۆرسەتتى، ئۇلار بىلەن ئەھدىلەرنى تۈزۈپ، ئۇلارغا تەۋرات قانۇنىنى ئاتا قىلدى. ئىسرائىللار خۇداغا ھەقىقىي ئىبادەت قىلىشنى ئۆگىنىپ، خۇدانىڭ ۋەدىلىرىگە ئېرىشتى.


ئۇلار سىئون تېغىغا بارىدىغان يولنى سوراپ، شۇ يەرگە قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ. ئۇلار مەن پەرۋەردىگارغا باغلىنىپ، مەن بىلەن مەڭگۈ ئېسىدىن چىقمايدىغان بىر ئەھدە تۈزىدۇ.


ئۇ چاغلاردا، سىلەر ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ ئەمەس ئىدىڭلار، شۇنداقلا خۇدانىڭ خەلقى بولغان ئىسرائىللار قاتارىدىمۇ ئەمەس ئىدىڭلار، خۇدا ئۆز خەلقىگە ۋەدە قىلغان ئەھدىنىڭ سىرتىدا تۇراتتىڭلار ھەمدە خۇدانى تونۇماي، ئۈمىدسىز ياشايتتىڭلار.


چۈنكى، خۇدا بىردۇر، خۇدا بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدىكى كېلىشتۈرگۈچىمۇ بىردۇر. ئۇ بولسىمۇ ئىنسان تېنىدە دۇنياغا كەلگەن ئەيسا مەسىھتۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite