ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 8:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى5 بۇ روھانىيلار خىزمەت قىلىدىغان ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭدا قىلىنىدىغان خىزمەتلەر پەقەتلا ئەرشتىكى چېدىرنىڭ ۋە ئۇنىڭدا قىلىنىدىغان خىزمەتلەرنىڭ كۆچۈرۈلمە نۇسخىسى ۋە كۆلەڭگىسىدۇر. دەرۋەقە، مۇسا پەيغەمبەر دەل ئىبادەت چېدىرىنى قۇرماقچى بولۇۋاتقاندا، خۇدا ئۇنىڭغا: «بۇلارنىڭ ھەممىسى مەن ساڭا تاغدا كۆرسەتكەن نۇسخا بويىچە ئېھتىيات بىلەن ياسالسۇن» دەپ ئاگاھلاندۇرغان. Gade chapit la |
ئېتىقادى ۋەجىدىن، نۇھ پەيغەمبەر تېخى كۆرۈلۈپ باقىمغان ۋەقەلەر ھەققىدە خۇدا تەرىپىدىن ئاگاھلاندۇرۇلغاندا، خۇدانىڭ سۆزىگە ئىتائەت قىلىپ، پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بىر كېمە ياسىدى. ھەمدە ئېتىقادى ئارقىلىق دۇنيادىكى ئادەملەرنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ جازالىنىشقا لايىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئېتىقادى ۋەجىدىن، ئۇ خۇدا تەرىپىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلاندى.
ئەگەر سىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىڭلار شۇنداق دېسە، بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىز: «ئەجدادلىرىمىز پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىغا ئوپمۇئوخشاش قىلىپ ياسىغان سۇپىسىغا قاراڭلار. بۇ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى باشقا قۇربانلىقلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بۇ، بىزنىڭمۇ پەرۋەردىگارغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىمىزنىڭ دەلىل-ئىسپاتى ئۈچۈندۇر» دەيدۇ.