Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 8:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 ئەگەر ئۇ يەر يۈزىدە بولسىدى، ھەرگىز روھانىي بولمايتتى. چۈنكى، بۇ يەردە تەۋرات قانۇنىنىڭ تەلىپى بويىچە خۇداغا ھەدىيە سۇنىدىغان روھانىيلار ئاللىبۇرۇنلا باردۇر.

Gade chapit la Kopi




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 8:4
11 Referans Kwoze  

ھەر قېتىملىق باش روھانىي كىشىلەر ئارىسىدىن تاللىنىپ، ئۆز خەلقىگە ۋاكالىتەن خۇداغا خىزمەت قىلىشقا تەيىنلىنىپ، ئۇلارنىڭ خۇداغا ئاتالغان ھەدىيىلىرىنى ۋە گۇناھلىرى ئۈچۈن قىلغان قۇربانلىقلىرىنى خۇداغا سۇنىدۇ


سىلەر ئۇچرىشىش چېدىرى ۋە قۇربانلىق سۇپىسىغا قاراشقا مەسئۇل بولىسىلەر. سىلەر ئۆز مەجبۇرىيىتىڭلارنى ئادا قىلىپ، ئىسرائىللارغا يەنە غەزەپ قىلىشىمدىن ساقلىنىڭلار.


بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللارغا، ھارۇننىڭ ئەۋلادىدىن باشقا كىشىلەرنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ ئىسرىق سالسا بولمايدىغانلىقى، بولمىسا ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى كوراھ ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىدەك بولىدىغانلىقلىرى ھەققىدە ئىبرەت بېرىلدى.


ھابىلنىڭ قابىلنىڭكىدىنمۇ ياخشى بىر قۇربانلىقنى خۇداغا ئاتىشى ئېتىقادى ۋەجىدىن بولدى. ھابىلنىڭ ئېتىقادى ۋەجىدىن، خۇدا ئۇنى ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىدى ۋە ئۇنىڭ ئاتىغانلىرىنى قوبۇل قىلدى. ھابىل گەرچە ئۆلگەن بولسىمۇ، ئېتىقادى بىلەن يەنىلا بىزگە سۆزلەۋاتقاندەك تۇرماقتا.


ئۇ ئىلگىرىكى باش روھانىيلاردەك ھەر كۈنى ئالدى بىلەن ئۆز گۇناھلىرى ئۈچۈن، كېيىن خەلقنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن قۇربانلىق سۇنۇشقا موھتاج ئەمەس. چۈنكى، ئۇ ئۆزىنى قۇربان قىلغاندا، ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن قىلىنىدىغان قۇربانلىقنى بىر يولىلا ئادا قىلدى.


ھەربىر باش روھانىي خۇداغا ھەدىيە ۋە قۇربانلىقلار سۇنۇش ئۈچۈن تەيىنلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىزنىڭ باش روھانىيىمىزمۇ خۇداغا بىرەر نەرسە سۇنۇشى كېرەك ئىدى.


مانا بۇلار ھازىرقى زامان ئۈچۈن بىر تەجرىبە ساۋاقتۇر. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خۇداغا سۇنۇلغان ھەدىيە ۋە قۇربانلىقلار ئىبادەت قىلغۇچىنى پاك ۋىجدانلىق قىلالمايدۇ.


روھانىيلار ھەر كۈنى قۇربانلىق سۇپىسى ئالدىدا تۇرۇپ، ئىبادەت خىزمىتىنى قىلىش ئۈچۈن گۇناھلارنى يۇيالمايدىغان ئوخشاش خىلدىكى قۇربانلىقلارنى خۇداغا قايتا-قايتا سۇنىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite