3 ھەربىر باش روھانىي خۇداغا ھەدىيە ۋە قۇربانلىقلار سۇنۇش ئۈچۈن تەيىنلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىزنىڭ باش روھانىيىمىزمۇ خۇداغا بىرەر نەرسە سۇنۇشى كېرەك ئىدى.
ھەر قېتىملىق باش روھانىي كىشىلەر ئارىسىدىن تاللىنىپ، ئۆز خەلقىگە ۋاكالىتەن خۇداغا خىزمەت قىلىشقا تەيىنلىنىپ، ئۇلارنىڭ خۇداغا ئاتالغان ھەدىيىلىرىنى ۋە گۇناھلىرى ئۈچۈن قىلغان قۇربانلىقلىرىنى خۇداغا سۇنىدۇ
ئەيسا مەسىھ بىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ، بىز ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغاندەك، سىلەرمۇ ھاياتىڭلاردا بىر-بىرىڭلارغا شۇنداق مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار. ئۇنىڭ بىز ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلىشى خۇددى خۇش پۇراقلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىققا ئوخشاش، خۇدانى خۇرسەن قىلدى.
ئۇنداقتا، ئەيسا مەسىھنىڭ قېنىچۇ؟ ئۇ ۋىجدانىمىزنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان قىلمىشلاردىن پاك قىلىپ، بىزنى مەڭگۈ ھايات خۇداغا ئىبادەت قىلىشقا تېخىمۇ يېتەكلىمەمدۇ؟! ئۇ خۇدانىڭ مەڭگۈلۈك روھى ئارقىلىق ئۆزىنى كەم-كۈتىسىز قۇربانلىق سۈپىتىدە بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن خۇداغا ئاتىدىغۇ!
ئۇ ئىلگىرىكى باش روھانىيلاردەك ھەر كۈنى ئالدى بىلەن ئۆز گۇناھلىرى ئۈچۈن، كېيىن خەلقنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن قۇربانلىق سۇنۇشقا موھتاج ئەمەس. چۈنكى، ئۇ ئۆزىنى قۇربان قىلغاندا، ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن قىلىنىدىغان قۇربانلىقنى بىر يولىلا ئادا قىلدى.
ئەيسا مەسىھ بىز ئۈچۈن قۇربان بولدى. بۇنىڭدىن مەقسەت، ئۇ بىزنى ھەممە رەزىللىكلەردىن ئازاد قىلىش ھەمدە بىزنى پاك قىلىپ، ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا تىرىشىدىغان خەلق قىلىش ئۈچۈندۇر.
ئەرشتىن چۈشكەن، «ھاياتلىق بېرىدىغان نان» ئۆزۈمدۇرمەن. كىمدەكىم بۇ «نان»~دىن يېسە، مەڭگۈ ياشايدۇ. بۇ «نان» مېنىڭ تېنىمدۇر. مەن دۇنيادىكى ئىنسانلار ھەقىقىي ھاياتقا ئىگە بولسۇن دەپ، ئۇنى ئاتىماقچى.
ئەيسا مەسىھ گۇناھلىرىمىزنىڭ كەچۈرۈلۈشى ئۈچۈن قۇربانلىق سۈپىتىدە ئۆلۈمگە تاپشۇرۇلۇپ، بىزنىڭ ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشىمىز ئۈچۈن تىرىلدۈرۈلدى.
بىز گۇناھتىن قۇتۇلۇشقا ئامالسىز قالغاندا، ئەيسا مەسىھ بىز گۇناھكارلار ئۈچۈن خۇدا بەلگىلىگەن ۋاقىتتا ئۆزىنى پىدا قىلدى.
ئەيسا مەسىھ بىز تېخى گۇناھكار ۋاقتىمىزدىلا، بىز ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلدى. مانا بۇ ئارقىلىق خۇدا ئۆزىنىڭ بىزگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى ئىسپاتلىدى.
ھازىر مېنىڭ تېنىمدە ياشاۋاتقان مەن ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھتۇر. مېنى سۆيگەن ۋە مەن ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغان خۇدانىڭ ئوغلىغا بولغان ئېتىقادىم بىلەن ياشايمەن.
شۇڭا، ئۇ ھەر جەھەتتىن قېرىنداشلىرىغا ئوخشاش بولۇشى كېرەك ئىدى. شۇنداق بولغاندا، ئۇ خۇدانىڭ خىزمىتىدە رەھىمدىل ۋە سادىق باش روھانىي بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنى خۇدانىڭ كەچۈرۈشىگە ئېرىشتۈرىدىغان قۇربانلىقنى بېرەلەيتتى.
شۇنداق ئىكەن، ئەي ماڭا ئوخشاش ئەرشكە چاقىرىلغان، خۇداغا ئاتالغان قېرىنداشلار، ئۆزىمىز ئېتىراپ قىلغان، خۇدانىڭ ئەلچىسى ۋە باش روھانىيسى بولغان ئەيسا مەسىھ توغرۇلۇق ئويلىنىپ كۆرۈڭلار.
ئەگەر ئۇ يەر يۈزىدە بولسىدى، ھەرگىز روھانىي بولمايتتى. چۈنكى، بۇ يەردە تەۋرات قانۇنىنىڭ تەلىپى بويىچە خۇداغا ھەدىيە سۇنىدىغان روھانىيلار ئاللىبۇرۇنلا باردۇر.