Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 8:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 ئۇ ئەڭ مۇقەددەس جايدا، يەنى ئىنسان ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگارىمىز خۇدا قۇرغان ھەقىقىي ئىبادەت چېدىرىدا خىزمەت قىلماقتا.

Gade chapit la Kopi




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 8:2
15 Referans Kwoze  

بىزگە مەلۇمكى، بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيادىكى چېدىر ئۆرۈلۈپ چۈشكەندە، يەنى تېنىمىزدىن ئايرىلغاندا، ئادەم قولى بىلەن ياسالغان ئەمەس، بەلكى ئەرشتە خۇدا بىزگە ھازىرلاپ قويغان بىر تۇرالغۇغا، يەنى مەڭگۈ مەۋجۇت بولىدىغان بىر تەنگە ئىگە بولىمىز.


سىلەرگە شۇنى ئېيتماقچىمەنكى، ئەيسا مەسىھ خۇدانىڭ ئۆز ۋەدىسىدە، يەنى ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارغا قىلغان ۋەدىسىدە تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، يەھۇدىيلارنىڭ خىزمەتكارى بولدى.


ھەر قېتىم ئىسرائىللار قارارگاھ قۇرغاندا، مۇسا «ئۇچرىشىش چېدىرى»نى قارارگاھتىن خېلى يىراق جايغا تىكەتتى. پەرۋەردىگاردىن مەسلىھەت سورايدىغانلار ئۇ يەرگە باراتتى.


ئىبراھىمنىڭ شۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەب، ئۇ خۇدا تەرىپىدىن لايىھىلىنىپ سېلىنغان، ئۇلى مۇستەھكەم مەڭگۈلۈك شەھەرنى كۈتكەنىدى.


خۇدانىڭ ئائىلىسىگە، يەنى ئېتىقاچىلار جامائەتچىلىكىگە مەسئۇل بىر باش روھانىيىمىز بولغان ئىكەن،


سىلەر ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، جىسمانىي جەھەتتىكى خەتنىنى ئەمەس، بەلكى ئۇ ئاتا قىلغان روھىي جەھەتتىكى خەتنىنى قوبۇل قىلدىڭلار. بۇ، سىلەرنى گۇناھكار تەبىئىتىڭلارنىڭ ئىلكىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان خەتنىدۇر.


ئاندىن، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى مەن ئىلگىرى سىلەر بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىمدا ئېيتقانىدىم. مەن: «مۇسا خاتىرىلىگەن تەۋرات، باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرى ۋە زەبۇردا بايان قىلىنغان ماڭا دائىر ئىشلارنىڭ ھەممىسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ» دېگەن ئەمەسمۇ؟


ھارۇن روھانىيلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندە، بۇ پەرىجىنى كىيىۋالسۇن. ئۇ مۇقەددەس جايغا، يەنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا كىرىپ چىققاندا، قوڭغۇراق ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ، شۇندىلا ئۇ ئۆلمەيدۇ.


_ ئىسرائىللار ئىچىدىن ئاكاڭ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ناداب، ئابىھۇ، ئەلئازار ۋە ئىتامارلارنى روھانىيلىققا تەيىنلىگىن.


ئىبادەت چېدىرى ۋە ئىچىدىكى نەرسىلەر مەن ساڭا كۆرسەتكەن نۇسخىغا ئوخشاش ياسالسۇن.


كونا ئەھدە دەۋرىدە ئىبادەت قائىدىلىرى ۋە ئىنسانلار بەرپا قىلغان ئىبادەت جايى بار ئىدى.


روھانىيلار ھەر كۈنى قۇربانلىق سۇپىسى ئالدىدا تۇرۇپ، ئىبادەت خىزمىتىنى قىلىش ئۈچۈن گۇناھلارنى يۇيالمايدىغان ئوخشاش خىلدىكى قۇربانلىقلارنى خۇداغا قايتا-قايتا سۇنىدۇ.


تەختتىن كۆتۈرۈلگەن جاراڭلىق بىر ئاۋازنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «مانا، خۇدانىڭ ماكانى ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدىدۇر، خۇدا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشايدۇ، ئۇلار خۇدانىڭ خەلقى بولىدۇ. خۇدا ئۆزىمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىدۇ،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite