9 ھەتتا مۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئوندىن بىر ئۈلۈشنى ئالىدىغان روھانىي لاۋىيلارمۇ ئەجدادى ئىبراھىم ئارقىلىق مالكىسىدىققا ئوندىن بىر ئۈلۈشنى بەرگەن.
گۇناھ دۇنيادا بىر ئادەم، يەنى ئادەم~ئاتا ئارقىلىق پەيدا بولغاندەك، ئۆلۈممۇ ئادەم~ئاتىنىڭ گۇناھى ئارقىلىق پەيدا بولدى. نەتىجىدە، ئۆلۈم پۈتكۈل ئىنسان ئىچىگە تارقالدى، چۈنكى ھەممە ئادەم گۇناھ سادىر قىلدى.
سېنى دۈشمىنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدۇرغان ئۇلۇغ خۇداغا ھەمدۇسانا بولغاي!» دېدى. ئىبرام غەنىيمەت ئالغان نەرسىلەرنىڭ ئوندىن بىرىنى مالكىسىدىققا تەقدىم قىلدى.
مالكىسىدىق نېمىدېگەن ئۇلۇغ ئادەم-ھە! ھەتتا ئەجدادىمىز ئىبراھىممۇ ئولجىسىنىڭ ئوندىن بىرىنى ئۇنىڭغا ئاتىغان.
ھەر ئۈچىنچى يىلى ئوندىن بىر ئۈلۈشۈڭلارنى بېرىدىغان ۋاقتىڭلاردا، ھوسۇلۇڭلارنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ئايرىپ، لاۋىيلارغا، يات خەلقلەرگە، يېتىملەرگە ۋە تۇل ئاياللارغا بېرىڭلار. ئۇلار سىلەرنىڭ يۇرتۇڭلاردا تويغۇچە يېسۇن.
چۈنكى، تىلىگەنلەر ئېرىشىدۇ، ئىزدىگەنلەر تاپىدۇ، ئىشىكنى قاققانلارغا ئىشىك ئېچىلىدۇ.
ئوندىن بىر ئۈلۈشنى يىغىدىغان لاۋىي روھانىيلار بەرىبىر ئۆلىدىغانلاردۇر. بىراق، ئىبراھىمدىن ئوندىن بىر ئۈلۈشنى قوبۇل قىلغان مالكىسىدىق بولسا مۇقەددەس يازمىلاردا گۇۋاھلىق بېرىلگەندەك يەنىلا ھاياتتۇر.
چۈنكى، مالكىسىدىق ئىبراھىمنى قارشى ئالغاندا لاۋىيلار تېخى تۇغۇلمىغان بولسىمۇ، ئۇلارنى يەنىلا ئەجدادى ئىبراھىمنىڭ ۋۇجۇدىدا، دەپ قاراشقا بولىدۇ.