Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 7:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 شۈبھىسىزكى، بەخت تىلىگۈچى بەختكە ئېرىشكۈچىدىن ئۈستۈندۇر.

Gade chapit la Kopi




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 7:7
16 Referans Kwoze  

روھانىيلار ۋە لاۋىيلار خەلققە بەخت تىلەشتى. ئۇلارنىڭ دۇئالىرى خۇدانىڭ ئەرشتىكى مۇقەددەس ماكانىغا يېتىپ باردى.


ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ئېتىقادىمىزنىڭ سىرى بۈيۈكتۇر: ئەيسا مەسىھ ئىنسان تېنىدە ئايان بولدى، مۇقەددەس روھ ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى ئىسپاتلىدى، ئۇ پەرىشتىلەرگە كۆرۈندى، ئۇ توغرىسىدىكى خەۋەر پۈتكۈل مىللەتلەرگە جاكارلاندى، ئىنسانلار ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى، ئۇ ئۇلۇغلۇق ئىچىدە ئەرشكە كۆتۈرۈلدى.


داۋۇتمۇ ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرگە بەخت تىلەش ئۈچۈن ئۆيىگە قايتتى. سائۇلنىڭ قىزى، يەنى داۋۇتنىڭ ئايالى مىكال ئۇنى قارشى ئېلىشقا چىقىپ، ئۇنىڭغا: _ پاھ، ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھى بۈگۈن قالتىس شانۇشەۋكەتلىك بولۇپ كېتىپتىغۇ؟! ئەمەلدارلىرىنىڭ دېدەكلىرى ئالدىدا خۇددى پەسكەش ئادەملەردەك يېرىم يالىڭاچ بولۇپ، ئۆزلىرىنى كۆرسەتتىلىغۇ! _ دېدى.


ئەي ئەرشئەلا، قۇلاق سال ماڭا، ئەي زېمىن، سۆزۈمنى ئاڭلا.


بۇ سۆزلەر ياقۇپ دۇئا قىلغاندا ھەربىر ئوغلىغا لايىق ئېيتقان سۆزلەردۇر. ياقۇپنىڭ بۇ 12 ئوغلى ئىسرائىل خەلقىنىڭ 12 قەبىلىسىنىڭ بوۋىلىرى بولدى.


لېكىن مالكىسىدىققا كەلسەك، ئۇ لاۋىي قەبىلىسىدىن بولمىسىمۇ، ئىبراھىم ئېرىشكەن ئولجىنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى قوبۇل قىلىپ، ئىبراھىمغا - خۇدانىڭ ۋەدىسىگە ئىگە بولغان بىر ئادەمگە بەخت تىلىگەن.


ئوندىن بىر ئۈلۈشنى يىغىدىغان لاۋىي روھانىيلار بەرىبىر ئۆلىدىغانلاردۇر. بىراق، ئىبراھىمدىن ئوندىن بىر ئۈلۈشنى قوبۇل قىلغان مالكىسىدىق بولسا مۇقەددەس يازمىلاردا گۇۋاھلىق بېرىلگەندەك يەنىلا ھاياتتۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite